ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا (1)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-31 23:15:48

ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن داداسىنارىيە گۈلجەننەت مۇھەممەتبۇ ئەسىرىمنى بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا، خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن خەلق ساقچىلىرىغا بېغىشلايمەن.پىرسۇناژلار:قادىر بوۋاي:- 65ياش ئ...

    ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا

     

     

    سىنارىيە

    گۈلجەننەت مۇھەممەت

     

     

     

    بۇ ئەسىرىمنى بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا، خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن خەلق ساقچىلىرىغا بېغىشلايمەن.

     

    پىرسۇناژلار:

    قادىر بوۋاي:- 65ياش ئەتراپىدا (پىنىسىيىگە چىققان كادىر )

    رازىخان:- 60 ياش ئەتراپىدا (پىنىسىيىگە چىققان مائارىپچى )

    پاتەمخان:- 50ياش ئەراپىدا

    نۇراخۇن بوۋاي:- 60ياشلار چامىسىدا  .

    شىرزات:- 5-6ياش، 16-17 ياش

    زۇلخۇمار:- 4-5ياش     15-16ياش

    گۈلشەن:-28ياش، 45ياش

    مەردان:- 30ياش، 47ياش

    زۇمرەت:-25ياش.37 ياش

    1-            مەيدان

    ئورنى ؛- كارىدور      ۋاقتى:- كۈندۈز

     پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي   رازىخان موماي، ئايال

    قادىر بوۋاي بىلەن  رازىخان موماي ئىشخانىلارغا قاراپ ماڭىدۇ.(مۇزىكا ) بىر ئايال قارشى تەرەپتىن كىلىدۇ.

    قادىر بوۋاي: سىڭلىم، دىلشات ئادۇكاتنىڭ ئىشخانىسى قايسى؟دەپ سورايدۇ، رازىخان ئىشخانا تاختىسىغا قارايدۇ.

    ئايال ؛- ئىچكى تەرەپتىكى بىرىنچى ئىشخانا شۇ.

    قادىر بوۋاي:- رەھمەت قىزىم رەھمەت، دەيدۇ.

    ئايال:- ئەرزىمەيدۇ دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    ئىككىسى يۆلىشىپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.

    2-            مەيدان

    ئورنى:- ئىشخانا ئىچى    ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- قادىر  بوۋاي، رازىخان، دىلشات

    دىلشات ؛- ھە بولىدۇ.ئىشلار ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىغان بولسىلا بىزمۇ خوشال. ئىشىك چىكىلىدۇ.

    دىلشات:- ھە كىرىڭ.بولىدۇ بولىدۇ، ئالاقىلىشىپ تۇرارمىز دەپ تېلېفوننى قۇيىدۇ. قادىر بوۋاي بىلەن رازىخان موماي كىرىدۇ. دىلشات تۇرۇپ سالام بېرىدۇ كۆرىشىدۇ.

    دىلشات:- تىچلىقمۇ؟ بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇرسىلا دەيدۇ كۆرسىتىپ ئورۇن. ئىككەيلەن بىللە ئولتۇرىدۇ.

    دىلشات، بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمۇ؟ دەيدۇ ئىككى ئىستاكان چاينى قۇيىدۇ .

    بوۋاي:- شۇنداق، شۇنداق دەيدۇ گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ. يەنە:-  نەۋرەمنىڭ  ئەنتىنى ئىلىپ بەرگەن بولسىڭىز َدەيدۇ يىغلامسىراپ.

    دىلشات:- نېمە بولغان دەيدۇ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    بوۋاي:- نەۋرەمنى  دادىسى ئىتۋەتتى. دەيدۇ يىشىنى سۈرتۈپ.

    دىلشات ؛- ھە بۇ دىلو بىر تەرەپ بولۇپ بولدىغۇ ؟

    بوۋاي:- ئاران 9 يىل كەستى، 90 يىل كەسسىمۇ بىز رازى ئەمەس، قانغا قان ئىلىپ بەرسىڭىز دەيدۇ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدۇ. رازىخان موماي گەپ قىلماي يىغلاپ ئولتۇرىدۇ.

    3-مەيدان 

    ئەسىلمە باشلىنىدۇ.

    ئورنى:- بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، رازىخان موماي

    بوۋاي:- مېنىڭ بىر تال قىزىم مىھراينى ياتلىق قىلپ قويغاندىن كىيىن خۇددى يۈرىكىمنى سۇغۇرۋالغاندەك ھېسسىياتتا بۇلغان ئىدىم. قىزىمدىن بەكمۇ ئەنسىردىم، ئەسلىدىمۇ  ئۆي ئىشلىرىىنى قىلالمايدىغان قىزىم، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۈنەلىگەنمىدۇ، تاماقلىرىنى ۋاقتىدا يەۋاتقانمىدۇ، ئۆي ئىشلىرىغا يېتىشىۋاتقانمىدۇ، خىزمەتلىرىنى ياخشى قىلىۋاتقانمىدۇ، قۇدىلار ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانمىدۇ، ئۇلاردىن كۆڭلى ئاغرىغانمىدۇ قىيلىنىپ كەتكەنمىدۇ دېگەنلەرنى تولا ئويلاپ، 40 يىل خىزمەت قىلىپ ئاقارمىغان چىچىم مۇشۇ بىر يىلدىلا ئاقىرىپ كەتتى دەيدۇ ئۆز-ئۆزىگە بىر ئۇھسىنىدۇ. موماي چەينەكتە چاينى كۆتىرىپ كىرىدۇ.

    رازىخان موماي:- يەنە نېمە ئويلاۋاتىلا ؟ دەيدۇ چاينى قۇيىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- يەنە شۇ مىھراينى ئويلاپ شۇ.

    رازىخان موماي:- ئوغۇل چوڭ بولسا ئۆيلەيدىغان ئىش، قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىدىغان گەپ.

    ئا كۆرىنىش

    مىھراي بىلەن موماي يۇشۇرۇنچە پىچىرلىشىدۇ. بوۋاي كۆرۈپ سەل ھەيران قالىدۇ.( مۇزىكىلىك كۆرىنىش )

    ب كۆرىنىش

    پەسىل ئۆزگىرىشلەر كۆرسىتىلىدۇ.

    3-            مەيدان

    ئورنى:- دوختۇرخانا   ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار:-رازىخان  مىھراي، سېستىرالار

    ئا كۆرىنىش

    رازىخان قىزىنى يۈلەشتۈرۇپ تۇغۇت ئۆيىگە كىرىدۇ.

    مىھراي قاتتىق تولغاق يەيدۇ. ئۇنى كارۋاتتا ياتقۇزىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    مىھراي:- ئاپا. ۋايجان، ئاپا ۋايجان دەپ ۋارقىرايدۇ.

    ئىچىدە:- ئاپا سەنمۇ مىنى مۇشۇنداق قىيلىنىپ تۇققانمۇ ؟ ئەمدى بىلدىم ئاپا، ئۇلۇغ خۇدا ماڭا ياردەم قىل  ئاپا .....دەپ ۋارقىرايدۇ.

    4-            مەيدان

    ئورنى:- كارىدور     ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، رازىخان

    ئا كۆرىنىش

    قادىر بوۋاي:- مەردان كەلمەمدىكەن دەيدۇ.

    رازىخان موماي:- بىر ۋەزىپە ئىجرا قىلغىلى  كېتىپتۇ.

    قادىر بوۋاي:- شۇنداق بولسىمۇ چۇ دەيدۇ سەل خاپا بولغاندەك.

    رازىخان موماي:- ئۇنداق دىمىسىلە، ئۇ ئەترەتتە مەردان بولمىسا بولمايدىكەن. بىز بولغاندىكىن بولدى. خىزمەتمۇ مۇھىم دەيدۇ.

    ئۇلار تىتىلداپ ئۇياق بۇياققا ماڭىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ.

    دوختۇر:- ئوغۇل دەيدۇ.

    مىھراينىڭ كۆزىدىن ياش سېرغىپ چۈشىدۇ.

    س كۆرىنىش

    سېستىرا قىز:- ئوغۇل تۇغدى، ئىككىسىلا سالامەت دەيدۇ كېتىپ قالىدۇ.

    د كۆرىنىش

    بوۋاي نەۋرىسىنى كۆتىرىپ ئەركىلىتىدۇ.«ئالتۇن بالام، كۈمۇش بالام قاچانمۇ يۈگۈرەيدىغان بۇلارسەن جىنىم بالام»

    ياندىن بايان {مىھراي:- دادا ھېرىپ قالىسىز، بولدى  ياتقۇزۇپ قۇيۇڭ. چارچاپ قالىسىز }.

    ئې كۆرىنىش

    بوۋاي ئەمدى مېڭىشنى بىلگەن نەۋرىسىنى يېتىلەپ ماڭىدۇ.

    ف كۆرىنىش

    بوۋاي قىچىپ يۇرگەن نەۋرىسى شىرزاتقا  تاماق يىگۈزىدۇ.(3 ياشتىن ئاشقان )  شىرزات يېمەيمەن دەپ قاچىدۇ. بوۋاي شىرزاتنىڭ كەينىدىن بىللە ماڭىدۇ.

    شىرزات:- يېمەيمەن، دەپ قاچىدىكى ئاشنى چاچىدۇ.

    بوۋاي:- مېنىڭ بالام  ئوھوي، ئاشنى چاچالايدىغان بوپتۇ، چوڭ بوپتۇ، ئالتۇن بالام  ئەمدى ئاش يە؟ھە  دەيدۇ.

     رازىخان كىرىدۇ:-ھەي ئاشنى چاچما دەيدۇ.

    بوۋاي:- نېمە بوپتۇ مەيلى مەيلى، مەن تېرۋىتىمەن دەيدۇ.

    رازىخان:- بۇنداق قىلىسىلىرى بالىنى يامان ئۆگىتىپ قۇيىدىلا جۇمۇ  دەيدۇ.

    بوۋاي:- سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن، قانداق قىلسا مەيلى دەيدۇ. بوۋاي تامىقىنى يىگۈزەلمەي ھېرىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

    رازىخان ئالداپ  بالىغا تاماقنى يىگۈزىدۇ.

    گ  كۆرىنىش

    نەۋرىسىنىڭ ئويۇنچۇق ئوينىغىنى كۆرسىتىلىدۇ، بوۋاينىڭ نەۋرىسىنى باشقىلارغا ماختىشى ياندىن بايان قىلىندۇ.

    بوۋاي:- مېنىڭ نەۋرەم چوڭ دادا دەيدىغان بولدى، مىنى چوڭ دادا دەپ چاقىردى. كىچىك تۇرۇپ ئادەم تىللاشنى ئۆگىنۋاپتۇ تېخى، مېنىڭ نەۋرەم بەك ئەقىللىق.

    5-            مەيدان

    ئورنى:- ئۆي ئىچى   ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:-  قادىر بوۋاي    رازىخان موماي

    بوۋاي بىرمۇنچە ئۇيۇنچۇق نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ.

    رازىخان:- نىمانچە كۆپ ئويۇنچۇق بۇ، ئۆيدىمۇ بىرمۇنچە بارغۇ ؟ بەزىلىرىنى تېخى ئويناپ باقمايلا تاشلىغان.

    بوۋاي:- جىق گەپ قىلما. بۇلارنى مەن نەۋرەمگە ئاتاپ ئالدىم. سېنىڭ كارىڭ بولمىسۇن شىرزات قېنى دەيدۇ.

    رازىخان:- مىھراي بازارغا ئىلىپ كەتتى.

    بوۋاي:- شۇنداقمۇ، كەتكىلى ئۇزۇن بولدىمۇ دەيدۇ.

    رازىخان شۇنداق كىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.

    6-            مەيدان

    ئورنى:- تاللا بازىر     ۋاقتى:- كۈندۈ ز

    پىرسۇناژلار:- مىھراي    شىرزات 

    شىرزات بىلەن مىھراي ئايلنىدۇ.

    شىرزات:- ئاپا، بۇنى ئالىمەن، دەيدۇ.

    مىھراي:- ياق ياق ،ئۆيدىمۇ بىرمۇنچىسى بار شۇلارنى ئوينىساڭلا بولىدۇ دەپ تارتىپ ماڭىدۇ.

    شىرزات:- ياق مەن  ئالىمەن، مەن ئالىمەن، دەپ يىغلاپ غەلۋە قىلىدۇ.

    مىھراي:- ماڭ، ماڭ دەپ تارتىپ ئىلىپ كېتىدۇ. ئەتراپتىكىلەر قاراپ قىلىدۇ.

    7-            مەيدان

    ئورنى:- ئۆي ئىچى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:-قادىر بوۋاي، رازىخان موماي، مىھراي ، شىرزات

    شىرزات يىغلاپ ئۆيگە كىرىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- نېمە بولدى دەپ يۈگۈرۈپ چىقىدۇ.

    شىرزات:- ئاپام ئۇردى دەيدۇ يىغلاپ.

    مىھراي كىرىدۇ.

    مىھراي:- نىمانداق يامان ئۆگىنىپ قالغان بالا بۇ. ئۆيدىمۇ بىرمۇنچە نەرسە تۇرسا يەنە ئالىمەن دەپ. دەيدۇ قايناپ كىرىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- قىزىم سىزمۇ ئىلىپ بەرسىڭىزلا بولمىدىمۇ، نېمە بۇنى يىغلىتىپ ئەمدى  دەيدۇ.

    مىھراي:- ياق  دادا، يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ. دەيدۇ.

    بوۋاي بالىنىڭ يىشىنى سۈرتىدۇ.

    بوۋاي:- قارا ساڭىچۇ مەن يەنە يىڭى ئويۇنچۇقلارنى ئەكەلدىم ماڭ قاراپ باققىن ياخشىمىكىن دەيدۇ.

    شىرزات ئويۇنچۇقنى قۇلىغا ئىلىپ تاشلىۋىتىدۇ. مىھراي ئۇرىمەن دەپ كىلىدۇ.

    بوۋاي:- نېمە قىلۋاتىسىز قىزىم، بولدى بولدى، چىقىپ ئىشڭىزنى قىلىڭ دەپ چىقىرىۋىتىدۇ.

    شىرزات  ھە دەپ يىغلايدۇ.

    بوۋاي:- يۈر ساڭا باشقىنى ئىلىپ بېرەي دەپ بىللە چىقىپ كېتىدۇ.

    مىھراي ؛- ئاپا، دادامغا گەپ قىلىڭ بۇنداق قىلسا بالا يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ..دەيدۇ.

    رازىخان:- قىزىم  دىمىدى دەۋاتامسىز .دەيدۇ خىمىرىنى يۇغىرىدۇ.

    8-            مەيدان

    ئورنى:- تاللا بازىرى     ۋاقتى :- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- شىرزات، بوۋاي.

    بوۋاي شىرزاتنىڭ تۇتقانلىكى نەرسىسىنى ئىلىپ بېرىدۇ. ئەتراپتىكىلەر ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ.

    ھىساۋات ئورنىغا كىلىدۇ. مۇلازىم قىز:- 348كوي بولدى دەيدۇ. شىرزات يەنە بىر ئىيىقنى كۆتىرپ كىلىدۇ:- بۇنىمۇ ئالىمەن بوۋا دەيدۇ.

    بوۋاي:- بۇنىمۇ قۇشۇپ ھىساپلاڭ دەيدۇ.

    مۇلازىم قىز:- 398كوي بولدى دەيدۇ.

    9-            مەيدان

    ئورنى:- ئۆي ئىچى    ۋاقتى:- چۈشتى كىيىن

    پىرسۇناژلار:- بوۋاي، شىرزات، رازىخان

    شىرزات ئىشىكنى تىپىپ كىرىدۇ.:- مەن كەلدىم،دەيدۇ. رازىخان ئىشىكنى ئاچىدۇ.

    بوۋاي كەينىدىن بىرمۇنچە ئويۇنچۇقلارنى كۆتىرىپ كىرىدۇ.

    رازىخان ئىچىگە تارتىپ كېتىدۇ.

    رازىخان:- ۋاي، نېمە بۇ، ھازىر تېخى بىرمۇنچە ئەكەلگەنغۇ ؟

    بوۋاي:- يۈر، ئىككىمىز ئوينايمىز دەپ ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ، ئىككىسى بىللە ئويۇنچۇق ئوينايدۇ.شىرزات ئويناپ زېرىكىدۇ.

    شىرزات:- ئوينىمايمەن.ئوينىمايمەن دەپ تاشلايدۇ.بوۋاي:- نېمە ئوينايسەن ئەمىسە دەيدۇ.

    شىرزات:- ئات بول مىنېمەن دەيدۇ.

    بوۋاي:- ئەقىللىق بالام بارىكاللا،كىلە  مىنە دەپ دۇم بولىدۇ.

    شىرزات بوۋاينى مىنىدۇ. بوۋاي:- بىگىم نەگە بارىمىز ؟

    شىرزات بازارغا دەپ چو چو دەيدۇ.

    بۇلار كۈلۈشۈپ ئوينايدۇ.

    رازىخان كىرىدۇ:- ۋاي بالام  چۈشە  چوڭ داداڭ ھېرىپ قالىدۇ چۈشە دەپ بالىنى كۈتىرىدۇ، شىرزات.ئۇنىمايدۇ:- ياق، مەن ئات مىنېمەن دەپ ئەسكىلىك قىلىدۇ.

    بوۋاي ؛- جىم تۇرۇڭلار، بالىنى يىغلاتماي  ھە نەگە  بارىمىز بىگىم بۇيرۇق چۈشۇرۇڭ دەيدۇ.

    شىرزات تېخىمۇ خوشال بولۇپ كېتىدۇ.

    شىرزات:- چو چو چو چو  دەپ ماڭىدۇ.

    رازىخان بىشىنى لىڭشىتىدۇ.چىقىپ كېتىدۇ.

    10-    مەيدان

    ئورنى:-مەھەلە ئىچى     ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:-  قادىر بوۋاي، شىرزات ، پاتەمخان موماي. زۇلخۇمار

    بوۋاي شىرزاتنى مەھەلىگە ئىلىپ چىقىپ باغ ئىچىدە ئوينىتىدۇ. پاتەمخان بۇ يەردە زۇلخۇمارنى ئوينىتۋاتقان.

    ئىككى بالا ئۆزلىكىدىن بىر يەرگە  كىلىپ ئوينايدۇ.

    شىرزات:- سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە ؟

    زۇلخۇمار:- ئىسمىم زۇلخۇمار ، سېنىڭچۇ ؟

    شىرزات:- مەن دېگەن شىر ئىسمىم شىرزات دەيدۇ مەغرۇر تۇرۇپ.

    زۇلخۇمار:- سېنىڭ ئويۇنچۇقۇڭنى ئوينىسام بۇلامدۇ ؟

    شىرزات:- بولىدۇ. مېنىڭ شۇنداق جىق ئويۇنچۇقۇم بار.مەن ساڭا ئەتە ئەچىقىپ بېرەي ھە دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:- راستمۇ ؟ دەيدۇ كۈلۈپ.

    بوۋاي بىلەن پاتەمخان بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ بالىلارنىڭ ئويۇنىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ.

    پاتەمخان:- سىلىنىڭ نەۋرىلىرىمۇ ؟ 

    بوۋاي:- شۇنداق قىزىمنىڭ بالىسى.مېنىڭ بۇ نەۋرەم شۇنداق ئەقىللىق چوڭ بولدى، كىچىك بالا دېگەن ئاجايىپ بۇلىدىكەن، ئادەم ئويلىمىغان ئىشلارنى قىلىدىكەن. مەن بۇ نەۋرەمگە بەكمۇ ئامراق.مۇشۇ بىر تاللا نەۋرەم بار دەڭە دەيدۇ قانماي شىرزاتقا قاراپ كېتىدۇ.

    پاتەمخان:-شۇنداقمۇ دەپ ئارتۇق گەپ قىلماي بىرخىل ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قۇيىدۇ.

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.