ئۆز ئوغلىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دادا (4)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-06 22:15:32

ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى شىرزات:- زۇلخۇمار بۈگۈن ئىمتىھاندا دەپ بەرگىنىڭگە رەھمەت، بۇنى ساڭا بېرەي ھە دەپ ناھايىتى چىرايلىق بىر سىياھ قەلەمنى زۇلخۇمارغا بېرىدۇ.زۇلخۇمار:- نېمانچە چىرايلىق رە...




    ئىجادىيەت-سەھنە ئەسەرلىرى


     

    شىرزات:- زۇلخۇمار بۈگۈن ئىمتىھاندا دەپ بەرگىنىڭگە رەھمەت، بۇنى ساڭا بېرەي ھە دەپ ناھايىتى چىرايلىق بىر سىياھ قەلەمنى زۇلخۇمارغا بېرىدۇ.

    زۇلخۇمار:- نېمانچە چىرايلىق رەھمەت. ھەي سەن يەنە مۇزاكىرە قىلمامسەن، بۇگۈنكى مانىۋرنىغۇ مەن دەپ بەردىم راست ئىمتىھاندا قانداق قىلىسەن دەيدۇ.

    شىرزات:- سەن بارغۇ..ھەي بولدىلا بۇ تاپشۇرۇقلارنى سەن يىزىپ بېرە دەپ زۇلخۇمارغا بېرىپ قويۇپ مەن كەتتىم دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    زۇلخۇمار:- ھەي، ھەي سەن .........دەپ قالىدۇ.

    48- مەيدان

    ئورنى:- بازار ئىچى   ۋاقتى  :-  كۈندۈز

    پىرسۇناژلا ر:- شىرزات، باشقا بالىلار 

    بىر بالا:- ھەي سىلەر ئىمتىھاننى قانداق بەردىڭلار، مەن مۇزاكىرىمۇ قىلمىدىم، خۇلاسە ئىمتىھاندا قانداقمۇ قىلارمەن، بەك قورقۇپ كېتىپ بارىمەن دەيدۇ.

    شىرزات:- نېمىدىن قورقىسەن؟

    بالا:- دادامدىن،

    شىرزات:- مەنمۇ دادامدىن قورقىمەن، لىكىن ھازىر دادام ناھايىتى ئۇزۇندا ئۆيگە بىر كىلىدۇ.

    يەنە بىر بالا:- مەن ئۆگەنسەم يە، كاللامغا كىرمىگەن، تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپلىكى تېخى.. دەيدۇ.

    شىرزات:- مېنىڭ تاپشۇرقىمنى زۇلخۇمار  ئىشلەپ بېرىدۇ  دەيدۇ كۈلۈپ.

    بالا:- قايتايلى بالىلار، بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتۇق.

    شىرزات:- ھە ماڭايلى، مەن بېرىمەن پۇلنى دەپ ھېساۋاتنى قىلىدۇ.

    بالا:- شىرزات  سېنىڭ پۇلۇڭ بەك جىق ھە دەيدۇ.

    شىرزات:- مېنىڭ بوۋام ماڭا نېمە دىسەم شۇنى قىلىپ بېرىدۇ.

    يەنە بىر بالا:- بىزنىڭمۇ بوۋىمىز سېنىڭكىدەك بولسا ھە دەيدۇ.

    49- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- چۈشتى كىيىن

    پىرسۇناژلار:- شىرزات ،مىھراي، قادىر بوۋاي، رازىخان موماي

    شىرزات ئۆيگە ناھايىتى قوپال ئۈسۈپ كىرىدۇ.دە ئۇدۇل مىھمانخانا  ئۆيگە كىرىپ تېلېۋىزور  كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.

    مىھراي كىرىدۇ.

    مىھراي:- سەن مۇزاكىرە قىلمامسەن، ئىمتىھانغا ئاز ۋاقىت قالغاننى بىلمەيۋاتامسەن؟ دەيدۇ.

    شىرزات پىسەنت قىلماي تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.

    مىھراي شىرزاتنىڭ يېنىغا كېلىپ تېزگنەكنى قولىدىن ئېلىۋىلىپ تېلېۋىزورنى ئۆچىرىدۇ.دە:- مەن ساڭا گەپ قىلۋاتىمەن دەپ قولىدىن تارتىدۇ.

    شىرزات:- مېنى تارتما ئاپا دەپ سىلكىۋېتىدۇ.

    مىھراي:- نېمە قىلىۋاتىسەن، ماڭ كىرىپ دەرس تەييارلىغىن دەيدۇ.

    شىرزات:- ئەكىلە تېزگىنەكنى، ماڭە مېنى باشقۇرىمەن دېمەي دەپ ئىتتىرىپ يېقىتىۋېتىدۇ.

    رازىخان كىرىپ كىلىدۇ.

    رازىخان:- ھەي نېمە قىلىۋاتىسەن، ئاپاڭغا مۇشۇنداق قىلساڭ بولامدۇ دەيدۇ.

    مىھراي كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    شىرزات:- موما مەن ھىچنېمە قىلمىدىم دەيدۇ، قادىر بوۋاي سىرتتىن كىرىدۇ. رازىخان مىھراينى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ.

    بوۋاي:- نېمە بولدى ؟ دەيدۇ.

    مىھراي:- مۇزاكىرە قىل دىسەم ئۇنىماي ئولتۇرۋاپتۇ دەيدۇ.

    بوۋاي:- بالىنىڭ كۆزىگە كىرۋالما، ئۆگىنىش قىلغىسى كەلسە ئۆزى قىلىدۇ. بولدى، بولدى ماڭە دەپ چىقىرىۋېتىدۇ.

    رازىخان بېشىنى لىڭشىتىدۇ.

    ياندىكى ئۆي

    مىھراي جىمجىت كۆز يېشى قىلىدۇ.

    رازىخان:- بولدى قىزىم بولدى، ئوڭشىلىپ قالار دەيدۇ.

    مىھراي:- ئوڭشالمايدۇ ئاپا، ئوڭشالمايدۇ. قارا قايسى كۈنى سىلەر يوق، شىرزات قولىدىكى نەرسىنى بىر ئاتقان ئىدى ماۋۇ پىشانەمگە قارا،  تېخىچە ساقايمىدى مەردان كۆرۈپ قالسا نېمە دەيمەن دەپ كۆز يېشى قىلىدۇ.

    رازىخان:- ياق، ياق ھەرگىزمۇ مەردان بىلمىسۇن، ياخشى بولمايدۇ. بىلدىڭمۇ بىلدىڭمۇ دەيدۇ.

    مىھراي  بىلدىم دېگەندەك قىلىپ بېشىنى لىڭشىتىدۇ.

    50- مەيدان

    ئورنى:- پاتەمخاننىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن

    پىرسۇناژلار :- زۇلخۇمار ، پاتەمخان

    زۇلخۇمار:- موما  بۈگۈن  مەن تاماق قىلاي، ماڭا نېمە تاماق قىلىشنى ئۆگىتىسىز دەيدۇ.

    موماي:- ۋاي جېنىم بالام، يەنە نېمە تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىپ  قويىمەن دەيدۇ.

    ئا كۆرىنىش 

    زۇلخۇمار تاماق  ئۈستىلىنى  يىغىدۇ.

    موماي:-مېنىڭ قىزىم بەك ئوبدان، مانا تاماقلىرىمۇ ئوخشاپ كېتىپ دەيدۇ كۈلۈپ.

    نۇراخۇن:- شۇنداق قىزىم، لېكىن مەكتەپتە تېخىمۇ تىرشىپ ئوقۇڭ جۇمۇ  دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:- بىلىمەن چوڭ دادا، خاتىرجەم بولۇڭ دەيدۇ قاچىلارنى ئېلىپ ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كېتىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    زۇلخۇمار مۇزاكىرە قىلىدۇ.

    موماي كىرىدۇ. زۇلخۇمارغا قاراپ كۈلىدۇ.

    يېنىغا كىلىپ ئولتۇرىدۇ.

    موماي:- دەرسلەر قېيىنمۇ ؟

    زۇلخۇمار:- ياق، دەيدۇ كۈلۈپ.

    موماي دەپتەردىن بىرنى ئېلىپ كۆرىدۇ. دەپتەرنىڭ سىرتىدىكى ئىسىمگە قارايدۇ.

    موماي:- ۋاي بۇ شىرزاتنىڭ دەپتىرىغۇ ديدۇ.

    زۇلخۇمار:- شۇنداق، مەن بىر نەرسىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم، شۇڭا ئالغان دەيدۇ.

    موماي:- ھە شۇنداقمۇ دەيدۇ.

    51-مەيدان

    ئورنى:- سىنىپ ئىچى    ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار   شىرزات، باشقا ساۋاقداشلار

    تەنەپىس ۋاقتى ئىدى.

    زۇلخۇمار:- بالىلار  بۈگۈن مۇئەللىمنى يوقلاپ كېلەمدۇق، قانداق دەيسىلەر دەيدۇ.

    شىرزات:- نېمە دېگىنىڭ بۇ، مۇئەللىم كەلمىسە ياخشى ئەمەسمۇ.

    يەنە بىر ئوقۇغۇچى:- شىرزات راست دەيدۇ، مۇ ئەللىم كەلمىسۇن، شۇنداقمۇ  دەيدۇ.

    بىر قىز  ئوقۇغۇچى:- مۇئەللىم تېزراق كەلسۇن.

    زۇلخۇمار:-شىرزات، سەن تولا قالايمىقان گەپ قىلما بىلدىڭمۇ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، كىم مەن بىلەن بارىدۇ؟

    شىرزات زۇلخۇمارغا قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ.

    52- مەيدان

    ئورنى:- مەكتەپكە يېقىن يول    ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن

    پىرسۇناژلار:-  زۇلخۇمار ، شىرزات، باشقا ساۋاقداشلار، بىر قىز ئوقۇغۇچى

    ئا  كۆرىنىش

    شىرزات بىر قانچە كەپسىز بالىلار بىلەن بىر قىزنى  بوزەك قىلىۋاتاتتى،

    شىرزات:- ھەي، مېنىڭ سومكامنى كۈتىرىپ ئۆيگە ئاپىرىپ بېرىڭە، بولامدۇ ؟

    قىز:- مەن ئاپامغا دەيمەن دەپ يىغلايدۇ.

    شىرزات:- ئۇ ئاپىسىغا دەيدىكەن، ئاڭلىدڭلارمۇ؟ دەپ  بالىلارغا قاراپ كۈلىدۇ.

    بالىلارمۇ كۈلىدۇ .

    ب كۆرىنىش

    يىراقتىن زۇلخۇمار بىرقانچە ساۋاقداشلار بىلەن كېلىدۇ.

    زۇلخۇمار:- تاپشۇرقىڭلارنى ئىشلەپ بولدۇڭلارمۇ؟ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بارساق سەل كەچ قالىمىز دەيدۇ.

    بىر قىز ساۋاقداش:- مەن دادام ئاپاملارغا دەپ قويمىغان، كەچ قالسام ئەنسىرەپ كېتەرمۇ ؟

    زۇلخۇمار:- ئۇنداق بولسا سىز ئۆيگە كېتىڭ، چوڭلارنى ئەنسىرتىش ياخشى ئەمەس. بىسوراق يوقاپ كەتسەك بولمايدۇ. دەيدۇ.

    قىز:- بولىدۇ، مۇئەللىمگە مەندىن سالام يوللاڭلار، مەن كەتتىم ئەمىسە دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    س كۆرىنىش

    زۇلخۇمارلار يولدىن ئەگىلىپ  شىرزاتلارنى كۆرىدۇ.

    قىز:- مېنى كەتكۈزۋېتىڭلار، مېنى كەتكۈزۋېتىڭلار  دەيدۇ.

    شىرزات:- نەگە بارىسىز، سومكامنى كۈتىرىسىز، دەپ ئۇ قىزنى تۇتىۋالىدۇ، زۇلخۇمارلار كېلىدۇ.

    شىرزات زۇلخۇمارنى كۆرۈپ ئۇ قىزنىڭ قولىنى قويىۋېتىدۇ.

     زۇلخۇمار:- نېمە قىلىۋاتىسەن، دەيدۇ رەنجىگەندەك قىلىپ.

    شىرزا ت:-زۇلخۇمار، سەن مۇشۇ نەچچە كۈندە ئەجەپ كۆزۈمگە كىرۋالىدىغان بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ. بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى، سەن ئارلاشما دەيدۇ ئۇقىزنى يەنە تۇتىۋالىدۇ.

    زۇلخۇمار:- ھەي، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن، بولمىسا مەندىن تاياق يەيسەن جۇمۇ؟ دەيدۇ.

    شىرزات:- سەن مېنى ئۇرالامسەن، زۇلخۇمار كەتكىن دەيدۇ مەڭسىتمىگەندەك قاراپ.

    زۇلخۇمار  ئۇ قىزنى تارتىپ يېنىغا ئۆتكۈزۋالىدۇ  دە:- سىز كېتىڭ دەپ كەتكۈزىدۇ.

    شىرزات تۇتىۋىلىشقا تەمشەلگەندە زۇلخۇمار ئىتتىرۋېتىدۇ.

    شىرزات:-ھەي زۇلخۇمار  بولدى قىلىغىن  دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:-  سەن ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر بولمىسا يەنە بىر نۆۋەت  كۆرۈپ قالسام  يۈز خاتىرە قىلمايمەن بىلدىڭمۇ، دەپ قاتتىق سىلىكىپ كېتىپ قالىدۇ.

    شىرزات ھەيۋە قىلغىنى بىلەن سەل قورقۇپ جىم بولۇپ قالىدۇ. لېكىن چاندۇرمايدۇ:- قىز بالا بىلەن تەڭ بولامدۇ دەپ قويىدۇ.

    قىزلار زۇلخۇمارغا ھەيرانلىق بىلەن قارايدۇ. ئۆز- ئارا بىر-بىرىگە مەنىلىك قاراپ قويىشىدۇ.

    زۇلخۇمارلار كېتىپ قالىدۇ.

     

    53- مەيدان

    ئورنى:- دوختۇرخانا    ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- مەردان، خىزمەتداش، باشقىلار 

    مەرداننىڭ قولىنى تاڭىدۇ.

    دوختۇر:- قان بەك كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئامال بار بۇ قولىڭىزنى ھەرىكەت قىلماڭ بولمسا تىككەن جاي زەخمىلىنىپ قالىدۇ دەيدۇ.

    مەردان:- بىلدىم دەپ قولىنى تۇتىدۇ.

    يەنە:-بۇ جىنايەتچىلەردە قورال خېلى كۆپكەن، قانداق قىلساق مۇشۇنداق ئونسۇرلارنى يوقىتارمىز. ھەي... ھە راست 

    بۈگۈنكى ئىشنى ئۆيدىكىلەر بىلمىسۇن دەيدۇ.

    ئادىل:- بىلدىم باشلىق دەيدۇ.

    54- مەيدان

    ئورنى:- مىھرايلارنىڭ ئۆيى       ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار :-  مىھراي، شىرزات

    شىرزات ئىشىكنى تىپىپلا كىرىدۇ.

    شىرزات:- ئاپا، ماڭا پۇل بەر  پۇلۇم قالمىدى دەيدۇ.

    مىھراي خىمىر يۇغىرۋاتقان ئىدى.

    شىرزات:- ماڭا پۇل دەۋاتىمەن ئاڭلاۋاتامسەن دەيدۇ ھەيۋە قىلىپ.

    مىھراي:- مەندە پۇل يوق، چوڭ داداڭ ساڭا بېرۋاتقان پۇللار قېنى؟ نېمىگە  ئىشلىتىۋاتىسەن ؟

    شىرزات:- سېنىڭ نېمە كارىڭ، ئۇ چوڭ دادام بەرگەن پۇل، چوڭ دادام سوراق قىلمسا سەن نېمىگە  سۈرۈشتۈرۈپ كەتتىڭ. پۇل بەر دەيمەن، دەپ يەنە ھەيۋە قىلىدۇ

    مىھراي:- ياق. بەرمەيمەن، سىنى داداملار يامان ئۆگىتىپ قويدى دەيدۇ. ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ.

    شىرزات  مېھراي خىمىر يۇغۇرۋاتقان تەلەڭگىنى تارتىپ يەرگە تاشلىۋېتىدۇ. مىھراي كىلىشتۈرۈپ شىرزاتنى  بىر شاپلاق سالىدۇ.

    شىرزاتمۇ مىھراينى ياندۇرۇپ بىر شاپىلاق سالىدۇ دە قاتتىق ئىتتىرىدۇ. مىھراي تىقىلىپ كېتىدۇ.

     شىرزات:- سەن مېنى ئۇردۇڭ مەن سىنى چوڭ دادامغا دەيمەن بىلدىڭمۇ، مەن چوڭ دادامغا دەيمەن دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    مىھراي ئولتۇرغان يېردە ئولتۇرۇپ قالىدۇ. كۆزىدىن ياشلار يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئاچچىقىنى باسالماي ھۆڭرەپ كېتىدۇ.

    55- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى   ۋاقتى:- چۈشتىن كىيىن

    پىرسۇناژلار:- قادىر بوۋاي، رازىخان، شىرزات

    قادىر بوۋاي تېلېفوندا پاراڭلىشىدۇ.

    قادىر بوۋاي:- بالىنى نېمىشقا ئۇرىسىز؟ بالىنى مەن چوڭ قىلغان، سىلەر نېمىشقا بالىنى ئۇرىسىلەر، پۇل سورىسا بەرسىڭىز بولمامدۇ، قانچىلىك پۇلنى خەجلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا، قىزىم سىزمۇ مېنىڭدىن رەنجىمەڭ بىلدىڭىزمۇ دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    رازىخان موماي بىر نېمە دىمەكچى بولىدۇ يۇ، ھىچنېمە دېمەي چىقىپ كېتىدۇ.

    بوۋاي:- ئالە بالام بۇ پۇلنى، خەجلە، تۈگىسە يەنە بېرىمەن جۇمۇ دەپ 50نەچچە يۈەن پۇلنى برىدۇ، شىرزات بىردەمدىلا كۈلىدۇ.

    56- مەيدان

    ئورنى:- مىھرايلارنىڭ ئۆيى     ۋاقتى :-  كەچ

    پىرسۇناژلار:- مىھراي

    مىھراي ناھايىتىمۇ كۆڭلى يېرىم ئاستا كىلپ ئولتۇرىدۇ. يا يىغلاشنى، يا كۈلىشنى بىلمەي قالىدۇ.

    كۆز ئالدىغا شىرزاتنىڭ كىچىك ئوماق ۋاقىتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، مىھراي ئىختىيارسىز كۈلىدۇ.

    شىرزاتنى ھازىرقى ۋاقىتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ. دەرھال كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    تېلېفون قىلىدۇ.

    مىھراي:- مەردان بارمۇ؟ يانفۇنى ئېتىلىپ قاپتۇ. ھە بىلدىم، بولىدۇ. سزنى ئاۋارە قىلدىم دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    يەنە تېلېفون قىلىدۇ.

    مىھراي:- ئاپا  شىرزات مىنى بۈگۈن ئۇرىۋالدى دەپ يىغلىۋىتىدۇ.

    57- مەيدان

    ئورنى:- قادىر بوۋاينىڭ ئۆيى    ۋاقتى:- كەچ

    پىرسۇناژلار:- رازىخان، قادىر بوۋاي، شىرزات

    رازىخان:-نېمە دەيدىغانسىز قىزىم، دەيدۇ قاتتىق ھەيران قىلىپ.

    مىھراي:-  شۇنداق ئاپا، مېنىڭ يۈزۈمگە ئۇرىۋالدى، دەپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتىدۇ.

    رازىخان:- بولدى قىزىم، مەن ئۆزۈم گەپ قىلاي دەيدۇ.

    شىرزات ياندىكى ئۆيدىن چىقىۋىتىپ گەپنى ئاڭلاپ قالىدۇ. سەل توختاپ قالىدۇ.

    رازىخان:- بولدى بولدى قىزىم بىز ئەتە پاراڭلىشايلى  دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    شىرزات دەرھال ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ.

    58- مەيدا ن

    ئورنى:- ساقچىخانا   ۋاقتى:- كىچە

    پىرسۇناژلار:- مەردان، باشقا خىزمەتداشلار

    خىزمەتداش:- مەردان تېلېفونىڭىز ئېتىلىپ قاپتۇ، ئايالىڭىز تېلېفون قىلىپتىكەن دەيدۇ.

    مەردان:- ھە بىلدىم دەيدۇ كۈلۈپ.

    مەردان:- سىلەرمۇ بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭلار، مەن بىردەم ئولتۇراي دەيدۇ.

    خىزمەتداش:- سىزنىڭ يارىڭىز ساقايمىغان تۇرسا دەيدۇ.

    مەردان:- مەن ياتساممۇ ئۇخلىيالمايمەن، سىلەر بولسىمۇ ياخشىراق ئارام ئېلىۋىلىڭلار، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىمۇ ئۇتۇقلۇق  ئاياقلاشتى دەيدۇ كۈلۈپ.

    خىزمەتداش:- شۇنداق، بولىدۇ ئەمىسە، بىز چىقىپ كەتتۇق، ئەگەر بەك ئاغىرىپ كەتسە بىزنى چاقىرىڭ دەيدۇ.

    مەردان:- ھە بولىدۇ دەيدۇ. ئۇلار چىقىپ كېتىدۇ.

    مەردان تېلېفون قىلماقچى بولىدۇ دە تېلېفوننى ئالىدۇ. سائەتكە قارايدۇ. ئاستا تېلېفوننى قويىدۇ.

    ئا كۆرىنىش

    مېھراينىڭ ھوجۇرىسى

    مېھراي ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇھسىنىپ يىغلايدۇ. يېشىنى سۈرتىدۇ، بىر دەم ئولتۇرۇپ، بىر دەم مېڭىپ يۈرىيدۇ.

    59- مەيدان

    ئورنى:- زۇلخۇمارنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:-كىچە

     پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمار پاتەمخان موماي

    مۇزاكىرە قىلىپ ئۈستىلىدە ئۇخلاپ قالغان ئىدى.

    پاتەمخان كىرىدۇ.

    پاتەمخان:- قىزىم، قىزىم، تۇرۇڭ ئورنىڭىزغا چىقىپ يېتىڭ دەپ ئويغىتىدۇ.

    زۇلخۇمار:- موما سىز ئۇخلىمىدىڭىزىمۇ  دەيدۇ ئويغىنىپ.

    موماي:- بالدۇراق يېتىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ بىلدىڭىزمۇ.

    زۇلخۇمار:- خۇلاسە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ شۇ دەيدۇ.

    موماي:- بولدى  بولدى، يېتىڭ  يېتىڭ  دەپ ياتقۇزۇپ چىقىپ كېتىدۇ.

    زۇلخۇمار يېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ.

    60- مەيدان

    ئورنى:- گۈلشەنلەرنىڭ ئۆيى    ۋاقتى:-كىچە

    گۈلشەن چۈش كۆرىدۇ.

    61- مەيدان

    ئورنى:- كەڭ دالا      ۋاقتى:- كۈندۈز

    پىرسۇناژلار:- زۇلخۇمارنىڭ كىچىك ۋاقتى،  گۈلشەن

    گۈلشەن:- بالام، جىنىم قىزىم، كېلىڭ مەن سىزنىڭ ئاپىڭىز دەيدۇ.

    زۇلخۇمار:- ئاپا   ئاپا  ئاپا دەپ يۈگۈرۈپ كېلىدۇ.

    زۇلخۇمار  ئىككىسى قۇچاقلىشىدۇ،كۈلىشىدۇ.

    زۇلخۇمار:- ئاپا سىز نېمىشقا مېنى ئالمايسىز، ئاپا مەن سىزگە  ئۆچ، مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    گۈلشەن:- زۇلخۇمار، قىزىم مېنى كەچۈرۈڭ   زۇلخۇمار، زۇلخۇمار زۇلخۇمار

    داۋامى بار

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.