ھاشىمنىڭ 18- خوتۇنى(1)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-26 20:10:52

كىرىش سۆزسىنارىيە كىنو سىنارىيىسى، تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. سىنارىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سۈرەت ئەدەبىياتى، جانلىق سۈرەت ئەدەبىياتى، پروتىت شەكىل، مەنزىرە تەسۋىر دېگە...

    كىرىش سۆز

    سىنارىيە كىنو سىنارىيىسى، تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. سىنارىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ سۈرەت ئەدەبىياتى، جانلىق سۈرەت ئەدەبىياتى، پروتىت شەكىل، مەنزىرە تەسۋىر دېگەنلەرنى كۆز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ھوزۇرلىنىدىغان بىر خىل ئەدەبىيات شەكلى.

    بۇ ھېكايە، پوۋېسىت، رومانلارغا ئوخشاش تۈرلۈك ئەدەبىي ژانېرلار ئىچىدە تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئېنىق، تارقىلىشى ئەڭ تېز، ئاممىبابلىقى ئەڭ يۇقىرى بىر خىل ئەدەبىيات شەكلى بولۇپ قالدى.

    كىنو سىنارىيىسى چەتئەللەردە، بىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، باشقا ئەدەبىي ژانىرلاردىن خېلى كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بىراق ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، يۈكسىلىشى، ئېلېكترون دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش، كىنو-تېلېۋىزىيە سىنارىيىسىنى ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇردى.

    بىر كىنو ياكى تېلېۋىزىيە سىنارىيىسىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنى بىلىملىك، بىلىمسىز، قېرى، ياش دەپ ئولتۇرماي ھەممىسى ھوزۇرلىنالايدۇ، چۈشىنەلەيدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر سىنارىيىنى بىر مىللەت كۆرۈپلا قالماسىتىن بەلكى كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى تېزلا تارقاپ كېتىدۇ. شۇڭا سىنارىيە مەلۇم مىللەتنى مەلۇم بىر مىللەتكە تۇنۇشتۇرۇپلا قالماي، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن دۇنياغىمۇ تۇنىتىدۇ.

    بىر مىللەتنىڭ ئۆرپە-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، تائام مەدەنىيىتى، كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتى، تىل مەدەنىيىتى، دىن ئىتقادى، سىسىي ئورنى، ئىقتىسادىي سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى ھەممىگە ناھايىتى تېزلا تۇنىتىدۇ.

    مىسال:

    بىز كورىيە فىلىمى«يەنە بىر كۆرسەم» نى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ناھايىتى مەدەنىيەتلىكلىكى، ئەدەپلىكلىكى، يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ ئىىللىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، يەنە كۆپ قىسىم يەرلىرىنىڭ بىزنىڭ مىللىتىمىزگە ئەخلاقىي جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، بىز ئۇلاردىن كۆپ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالالايمىز.

    1.كېجۇڭنىڭ مومىسىنىڭ مۇنچىدىن كامانە يەڭ كۆينەك بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغان چىققانلىقى؛

    2.يۈنجۇنىڭ توي قىلماي تۇرۇپلا، چوڭلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقى؛

    3.كېجۇڭنىڭ دادىسىنىڭ ئايالىنى ھاپاش قىلغانلىقى؛

    بۇ ئۇيغۇر ئەخلاقىدا تۇرمۇش ئەخلاقىغا خىلاپ، ھايا قىلماسلىقتەك قىلىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ.

    كورىيىدە تاماق تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك كۆپ ئەمەس. كورىيىنىڭ كىيىملىرى ھەرقانچە رەڭدار بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك چىرايلىق ئەمەس. بىزنىڭ مۇشۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقلىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى كۆپلەپ سىنارىيە يېزىپ، كىنو-تېلېۋىزىيىلەرگە چىقىرىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە، دۇنياغا تونۇتمايمىز؟

    ئۇيغۇر سىنارىيىسىدىكى » بوستانلىقتىكى تەنتەنە « ، »يېشىل مايسا « دىن ھېسابلىساقمۇ، سىنارىيچىلىك تارىخىمىز 50 يىلغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى كۆز قاراشنى توغرا قىلىپ يۈكسەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، 60-يىللاردا مەيدانغا كەلگەن » مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان « ، » ئانارخان « دىكى ناخشىلارنى تا ھازىرغىچە ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز. دېمەك 60-يىللاردىكى سەۋيىرىمىزدىلا توختاپ قالدۇق.

    تۆت كىشىلىك گۇرۇھ ئاغدۇرۇلغىلى 30 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سالغان چۈشەكمۇ بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۇيغۇر سىنارىيىمىزدە يەنىلا كۆپ نۇقسانلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.

    بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچىلىقىمىزنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىمىز، كوممونىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ، مىللىتىمىزنىڭ گۈللەنگەن تۇرمۇش  سەۋىيىسى، پارتىيىنىڭ ئەركىن دىن سىياسىتى، ئادىل مىللىي تېرتورىيە قانۇنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدىكى يېتەرسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن......

    بىز گۈزەل يۇرت قىياپىتى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ گۈزەللىكى، مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقلىق، چىرايلىقلىقى قاتارلىقلارنى يازمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر قىسىم ئونسۇرلار بىزنى قۇرسىقى تويمايدۇ، كىيمى يىرتىق، ئۆيلىرى قىڭغىر، ئەركىنلىكى يوق دەپ كەمسىتىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتكە، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرمەكتە. بىز ھازىرقى تۇرمۇش سەۋيىرىمىزنى ئەينەن سىنارىيىلەردە ئىپادىلىسەكلا، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرەلەيمىز.

    ئۇنداقتا تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى دېگەن نېمە؟

    تېلېۋىزىيە سىنارىيىسى شەكىل جەھەتتىن بىر قىسىملىق، كۆپ قىسىملىق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۈر جەھەتتىن ھېكايە فىلىم، فانتازىيىلىك فىلىم، ھەجىۋىي فىلىم، ئىلمىي فناتازىيىلىك فىلىم دەپ بىر قانچە  تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

    كىچىك سىنارىيىلەردە بىرەر ھېكايىنى، تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىپ ئىپادىلىسە، كۆپ قىسىملىق سىنارىيىلەردە، بىر قانچە پوۋېست، بىرەر رومان...بىرەر تېرولوگىيىلەرنى ئىپادىلەپ يازغىلى بولىدۇ.

    بىز ئۇيغۇرلار ھازىر  سىنارىيە يازمىدى ئەمەس يېزىۋاتىدۇ. بىراق ھەۋەسكارلار كۆپىرەك، ھەقىقىي ئەدەبىياتچىلار ساناقلىقلا.

    مەسىلەن:

    » بەڭگىلەر ماجراسى « بۇ ئەسەر كىشىگە ئازىراقمۇ ئىستىتىك زوق بېرەلمىگەن. ئاپتور قۇرۇقتىن قۇرۇق نەشىكەش مۇشۇنداق بولىدۇ  دېگەن. نەشىكەشنىڭ بۇ ئىللىتىنى تەنقىدلىگەنمۇ، ماختىغانمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بەرمىگەن.

    » ئۆگەي « بۇ ئەسەردە بىر ئۆگەي دادىنى يازغان. ئاپتور ئۆگەيگە ئائىت مەزمۇن تاپالمىغانمۇ، تېما دائىرىسىدىن چەتنەپ كەتكىلى  تاسلا  قالغان.

    » باغ « ، » سىرلىق تۇمان « ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يازغان بولسىمۇ، بۆسۈش خارەكتېرى بولمىغان.

    يەنە بىر قىسىم ئەسەرلەردە، مۇسىبەت ئىشلىرى بولمىسىمۇ، بىرىنچى كۆرۈنۈشكىلا قەۋرىستانلىقلارنى ئالغان. بىر قىسىم ئەسەرلەردە مۇشۇنداق مۇسىبەت، قەۋرىستانلىقلار ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىئەسەر كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن.

    يەنە كۆپ ئەسەرلىرىمىزدە ئۇيغۇر خەلقى بولسىلا ئىشەك ھارۋىسى ھەيدەيدۇ ياكى بولمىسا ئېتىزدا ساپان قوشىدۇ، تارتىدۇ دەپ ئېيتىلىدۇ، ئەجەبا بىز ئۇچالمامدۇق،  نېمە ئۈچۈن باشقىلاردەك ئاسمانلاردا ئۇچمايمىز، ئېسىل-ئېسىل داچىلاردا تۇرمايمىز، ھە دېسىلا ئۆرۈلۈپ كېتەي دېگەن ئۆيلەر، ناھايىتى كونا يوللار كىنو فىلىملاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ناۋادا بىز مۇشۇنداق تەرەپلەرنى مىللەتكە، دۆلەتكە، دۇنياغا كۆرسىتەمدۇق؟ بىزنىڭ ھەر ئېسىل ناھايىتى زور قىممەتكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز، نەققاشچىلىقىمىز، ئويمىچىلىقلىرىمىزلاردا سېلىنغان ئىمارەتلىرىمىزمۇ بارغۇ؟

    بىز ئۇيغۇر مىللىتى ناھايىتىمۇ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، چىرايلىق، گۈزەل بىر مىللەتمىز. بىز ئۆزىمىزدىكى ھەر بىر ئارتۇقچىلىقمىزنى مۇشۇ كىنو فىلىم، سىنارىيىلەردە چىقىرىپ، پۈتۈن مىللەت، پۈتۈن دۆلەت، پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇشتۇرىشىمىز كېرەك.

     

    مەنمۇ بىر ھەۋەسكار، قىزىقىپ  ئەسەر يازغۇچى. مېنىڭ ئەسەرلىرىمىدە، يەنى«ھاشىنىڭ 8- خۇتۇنى» دا  ئۇيغۇرلار مەدەنىيتىنى، ئەدەپ – ئەخلاقىنى، يېمەك-ئىچمەك، تائام مەدەنىيىتى، شەھەر گۈزەللىكىنى بايان قىلدىم .

    ھاشىمدەك مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل ساددا كىشىنىڭ تېخى بۇرۇنقى فېئوداللىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى، يەنى ئەرلەر ئېزىز، ئاياللار خار ئىدىيسىنىڭ تۈگىمىگەنلىكى، لېكىن يەنە ئىلغارلىقىنى تەشۋىق قلدىغانلىقى، تىرىشچانلىقلىقنى يازدىم .

    يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تىرىشچان  ئەمگەكچان، ئىستىتىك روھى بايان قىلىنىپ، ئىسىل خىسلەتلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلىنىپ، گۈزەللىككە ئىنتىلىش روھى ئالاھىدە گەۋدۈلەندۈرۈلدى ..ەرلەر قىلالىغاننى ئاياللارمۇ قىلالايدۇ دىگەن ئىدىيىنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە ئەخلاق، قانۇنى كۆز قاراش دېگەنلەرنىڭمۇ ئاياللاردىمۇ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، خۇراپىيلىق كونا ئىدىيىلەرنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئانچە – مۇنچە  دارتمىلاپ ئۆتتۈم.

    ۋەتەن خەلق ئۈچۈن، مىللەتىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن، ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتقانلىقىنى مەدھىيلەپ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئايالىرىنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى، جەمئىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئاجىز تەرەپلىرىنى مەركەزلىك ئىپادىلەپ بەردىم. كىتاپخانلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىشنى ئۈمىت قىلىمەن .

     

     

    مۇقەددىمە

    بىرىنچى مەيدان

    ئورنى: بازار كوچىلىرى.   ۋاقتى: كۈندۈز   ھاۋا ئوچۇق.

    ئەتراپىدا ماشىنىلار ئۆتىشىپ تۇرىدۇ.  ماشىنا سۈر ئىتىنىڭ تېزلىقىدىن  دېرىزىدىن كىرگەن شامال ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى كەينىگە پۈۋلەيتتى. ھاشىمنىڭ ئايالىنىڭ ياغلىقلىرىنى بىردەم بىردەم شامال ئۇچىرىپ، قايتا-قايتا ئوڭشاپ چىگىۋالاتتى.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ئايالى.  قەيسەر، باتۇر.

    ئا كۆرىنىش

    ياندىن ماشىنىلار غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    ئايالى: -دادىسى، دادىسى ئاستراق ھەيدەڭ، ئاستراق.

    ھاشىم:- نېمە دەيسەن؟ ناخشا قوي دەمسەن؟ مانا دەپ ئۈنئالغۇنى باسىدۇ. (شامىل شاكىرنىڭ ئۈرۈمچى دېگەن ناخشىسى قويۇلىدۇ).

    ئايالى:- ئاستراق، ئاستراق دەيدۇ يۇقىرى ئاۋازدا.

    ھاشىم:- قورقما، قورقما دەيدۇ ئايالىغا بىر قاراپ.

    قەيسەر:- ئاپا، بۈگۈن ئۆيگە كەتمەي، ئوينامدۇق دەيدۇ.

    ئايالى:- داداڭ كەچكىچە بىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ دەيدۇ.

    باتۇر:- ئاپا يول ياسىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جەننەتكە كىرىدۇ دەيدىكەن، راستمۇ دەيدۇ.

    ئايالى:- شۇنداق بالام، چىرايلىقمىكەن؟ دەيدۇ كەينىگە قاراپ.

    باتۇر:- ھەئە، بىزنىڭ شەھىرىمىز نېمدىگەن چىرايلىق ھە دەيدۇ.

    ناخشا يۇقىرى ئاۋازدا قويىلىدۇ. پۈتۈن ئۈرۈمچى كۆرسىتىلىدۇ.

    مۇشۇ ۋاقىتتا مۇزىكا بىلەن ئۈچۈمچىنىڭ يۇقىرىدىن تارتىلغان كۆرىنىشلەر چىقىدۇ.

    ئىككىنچى مەيدان

    ئورنى: ماشىنا ئىچى.  ۋاقتى: قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغان ۋاقىت،  ھاۋا ئوچۇق.

    پېرسۇناژلار:- ئارزىگۈل، ئەر خىزمەتداش، شوپۇر.

    ئارزىگۈل:- ھەر نېمە بولسا پىلانىمىزدىن تېز تۇتۇلدى.

    ئەر:- شۇنى دەڭا، ئەگەر سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك قىلمىغان بولساق بەلكىم، بۇ جىنايەتچىنى تۇتالمىغان بولاتتۇق.

    ئارزىگۈل:- نەدىكىنى، ھەممەيلەن تىرىشتۇققۇ دەيدۇ سەمىمىي كۈلۈپ.

    ئەر:- ئالدىنقى قېتىم تۇتۇلغانلار بىلەن بىر گۇرۇھمىكەن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- ياق، بۇلار گۇاڭجۇغا بالا ساتقانلار ئىكەن.

    ئەر:-شۇنداقمۇ؟

    شوپۇر: - ئالدى تەرەپتە قاتناش ھادىسسى يۈز بېرىپتۇ دەيدۇ.

    ئارزىگۈل چە خىزمەتدېشى ئالدىدىكى ئۇ مەيداننى كۆرىدۇ. دەرھال ماشىنىدىن چۈشىدۇ.

    ئۈچىنچى مەيدان

    ئورنى:- رىشىتنىڭ ئۆيى،   ۋاقتى: كەچ

    پېرسۇناژلار: رىشىت،   قىزى، ئايالى.

    ئا كۆرىنىش

    رىشىت تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرىدۇ.

    رىشىت:- قىزىم، مۇزاكىرە قىلىپ بولدىڭىزمۇ دەيدۇ.

    قىزى:- دادا، قونچاقنى كۆرۈۋېلىپ ئاندىن مۇزاكىرە قىلاي بولامدۇ؟

    رىشىت:- قاچان باشلىندىكەن قىزىم؟

    قىزى:- خەۋەردىن كېيىن بېرىدۇ.

    ئايالى: دادىسى، ھېلىقى كىنو باشلانغاندا مېنى چاقىرىۋېتىڭ ھە دەيدۇ. ئاشخانا ئۆيدىن چىقمايلا.

    رىشىت: -تېخى باشلانمىدى.

    ب كۆرىنىش

    تېلىېۋىزور كۆرسىتىلىدۇ.

    « مۇخبىر:- ھازىر شەھىرىمىزگە يېقىن تاشيولدا ئېغىر قاتناش ھادىسسى يۈز بەردى، بىر ئادەم ئۆلۈپ بىر ئادەم ئېغىر يارلانغان، ئىككى بالا يىنىك يارلانغان....» قانغا بويالغان ھاشىم بالىلارنى ماشىنىسغا سېلىش كۆرسىتىلىدۇ.

    س كۆرىنىش

    رىشىت: - ۋاي، ھەي، ھەي، بۇياققا چىقە، بۇ ھاشىمغۇ؟

    دەيدۇ قوللىرىنى شىلىتىپ.

    ئايالى قوللىرى ھۆل پېتى يۈگۈرۈپ چىقىدۇ.

    ئايالى: - نېمە دەيدىغانسىز، خاتا كۆرۈپ قالمىغانسىز دەپ تېلېۋىزورغا قارايدۇ.

    رىشىت:- شۇكەن، شۇكەن، ماڭ، ۋاي خۇدايىم ، شۇمىدۇ ، نىمە ئىش ئەمدى بۇ  دەيدۇ نىمە قىلارنى بىلمەي، ئۇياق-بۇياققا قاراپ بىرنېمىلەرنى ئىزدەيدۇ، دە- دەيدۇ تارتمىلارنى ئاختۇرۇپ.

    ئايالى :- نىمە ئىزدەۋاتسىز، ۋاي بۇ نېمە كىلىشمەسلىك ئەمدى، مەنمۇ بىللە بارايمۇ دەيدۇ ئالدىراپ .

    رىشىت:- چاپىنىمنى ئەپچىقىپ بەر، ماڭ ، ھە راست  پۇلمۇ ئېلىۋالاي دەيدۇ .

    ئايالى بىردەمدىلا  نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى، ۋە بانكا كارتىسىنى ئىلىپ چىقىدۇ.

    ئايالى:- بۇنى ئېلىڭ، بۇ پۇل بەك ئاز، بانكىدىن يەنە ئالارسىز. ھاشىم قىزىمىز  ئاغرىپ قالغاندا يېنىمىزدىلا تۇرغان. ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن دەپ بېرىدۇ.

    رىشىت:- ھە، ھە، مەن بېرىپ كېلەي، سەن ئۆيدە تېلىفونىمنى ساقلا دەيدۇ دە چاپاننى تۈزۈك كىيمەيلا چىقىپ كېتىدۇ.

    تۆتىنچى مەيدان

    ئورنى: يول ئۈستى، ۋاقتى: كەچ

    پېرسۇناژلار: قەيسەر، باتۇر، ئارزىگۈل، ساقچىلار، باشقىلار.

    ئارزىگۈل:- تېز، تېز، بالىنى، بالىنى دەپ قەيسەرنى كۆتىرىپ قوتقۇزۇش ماشىنىسىغا سالىدۇ.

    ھاشىم :- قەيسەر، باتۇر، ئاپىسى دەپ جۆيلۈيدۇ .

    ئارزىگۈل :- تىزراق، تىزراق، دەيدۇ قول ئىشارىتى قىلىپ، ھاشىم  غۇۋا ئارزىگۈلىنى كۆرىدۇ.

    ئەر:- مانا، مانا دەپ باتۇرنى كۆتۈرىدۇ.

    بەشىنچى مەيدان

    ئورنى: ماشىنا ئىچى    ۋاقتى: كەچ

    پېرسۇناژلار:- ئارزىگۈل، ئەر، شوپۇر

    ئەر:- بىردەمدىلا قاتناش ساقچىسى بولۇپ كەتتۇق ھە؟

    ئارزىگۈل:- بۇ ئىككى بالا ئاپسىز قالدى دەيدۇ ھېسداشلىق قىلغاندەك.

    ئالتىنچى مەيدان

    ئورنى:- دوختۇرخانا،   ۋاقتى:- كەچ

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، باتۇر، قەيسەر، رىشىت، ئابلەت، يۈسۈپ، دوختۇر- سېستىرالار، باشقىلار.

    ئا كۆرىنىش

    دوختۇر- سېستىرالار ھوشسىز ياتقان ھاشىم، قەيسەر، باتۇرلارنى تاراقشىتىپ ھارۋىنى ئىتتىرىپ يۈگۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ  كېتىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپلەر تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈشۈپ سۈرۈشتىرىدۇ. (مۇزىكا).

    ئابلەت:- بايا، ماشىنا ھادىسسىگە ئۇچرىغانلار كەلگەنمىدۇ دەيدۇ.

    سېستىرا قىز:- جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە بېرىپ بېقىڭلار دەيدۇ. ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.

    ئابلەت: - مەن داۋالىنىش كارتىسى ئېلىۋالدىم دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- خاتىرجەم بۇلۇڭلار مەندە پۇل خېلى بار دەيدۇ.

    س كۆرىنىش

    ئۇلار جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى ئالدىدا ساقلايدۇ، ئابلەت سائىتىگە قارايدۇ، دوختۇر چىقىدۇ. ھەممەيلەن دوختۇرنىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.

    دوختۇر:- قۇتقۇزۋالدۇق، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقانداق ساق ئۇستىخىنى قالماپتۇ، خۇدا بىر ساقلاپتۇ دەيدۇ ھەممەيلەنگە بىر نەزەر تاشلاپ.

    رىشىت:- رەھمەت، رەھمەت  كىرىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ دەيدۇ.

    دوختۇر كېتىپ قالىدۇ.

    د كۆرىنىش

    ئۇلار بالنىس ئۆيىگە  كىرىدۇ. ھاشىمنى كۆرىدۇ. ھاشىم يەنىلا جۆيلۈپ ياتاتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ قويىدۇ .

    رىشىت :- مەن ھازىر ئۆيگە بېرىپ كىلىپ ، بۈگۈن كېچە مەن قاراي دەيدۇ .

    يۈسۈپ :- بۇلىدۇ ، مەن ئەتە قاراي دەيدۇ .

    ئۇلار ھەممىسى قايتىدۇ.

    ئې كۆرىنىش.

    رىشىت ئالدى تەرەپتە ئاپتوماتىك ئاياق سۈرتكۈچتە ئايقىنى سۈرتۈۋاتقان بىرەيلەننى كۆرسىتىدۇ. رىشىتمۇ كېلىپ سۈرتۈپ باقىدۇ. ئابلەتلەر ئالدى تەرەپكە مېڭىۋېرىدۇ. رىشىت ئايقىنى سۈرتۈپ بولىدۇ.

    رىشىت:- ئۆيدىمۇ بىرسى بولسا بولامدۇ نىمە؟ دەيدۇ ئۆز- ئۆزىگە.

    ئېف كۆرىنىش

    يۈسۈپ  ھاشىمنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ، گەپ قىلىپ بېرىدۇ .

    گ كۆرىنىش

     ئابلەت بالنىس ئۆيىگە تاماق كۈتۈرۈپ كىرىدۇ .

    ج كۆرىنىش

    رىشىت، ئايالى، قىزى  ھاشىمنى يوقلاپ كىلىدۇ، ھاشىم بۇ ۋاقىتتا ئاران يىنىغا ئۆرىلىيەلەيدۇ.( مۇزىكىلىق كۆرىنىشلەر )

    مۇقەددىمە تۈگەيدۇ.

    مۇشۇ چاغدا كۆرۈنۈشكە كىنو ئىسمى چىقىدۇ. غازاڭلار ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرىدۇ.

    يولدىكى دۇگلىنىپ كەتكەن يوپۇرماقلار كۆرۈنۈشكە ئېلىنىدۇ. بۇ تېما چىقىشى بىلەن ھاشىم ناخشىسى ئېيتىلىدۇ.

    ھاشىم ناخشىسى

    تاغدىن ئىگىز تاغلارمۇ باردۇر،

    باغدىن گۈزەل باغلارمۇ باردۇر.

    ئاشۇ باغنىڭ باھار پەسلىگە،

    جۇدۇن چۈشكەن چاغلارمۇ باردۇر.

     

    ئايرىدى تەقدىر سەپەرداشلارنى،

    جۈپ قوشماق مېغىزدەك قېرىنداشلارنى،

    بىر تىنىق بىر نەپەس قەدىناسلارنى،

    تەقدىرنىڭ ئاشۇنداق چاقچىقى باردۇر.

     

    تەقدىر دېگەن رەھىمسىز شۇنداق،

    ئۇ كىم دېمەي قىلىدۇ چاقچاق.

    بۇ چۈشلەرگە تەقدىرداش بولغان،

    ھاشىم كەبى دوستلارمۇ باردۇر.

     

    نەچچە رەت يېنىشلاپ قىلىپ يەنە توي،

     ۋە لېكىن يەنىلا ئىللىمىغان ئۆي.....

    قايغۇردى ھاشىم بۇخىل تۇرمۇشتىن.

    قايغۇنىڭمۇ تەڭ كۈلكىسى باردۇر.

    بۇ ناخغا تۈگىسە ئارتىسلارمۇ تۇنۇشتۇرۇلۇپ بولىدۇ.

     

    5 ئايدىن كېيىن

    1- مەيدان

    ئورنى:- ھاشىمنىڭ مەھەلىسى.   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم،  قوشىنىسى (ئايال)

    ئا كۆرىنىش

    مەيىن شامال غازاڭلارنى ئۇرىدۇ.

    مەھەلە، ھاشىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى ئاستا

    ھاشىم ئۆيدىن ئاقساپ چىقىدۇ. قارشى تەرەپتىن خوشنىسى كىلىدۇ. قوشنىسى ھاشىمنى كۆرسىتىدۇ.

    قوشنىسى:- تېچلىقمۇ ھاشىم، ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟

    ھاشىم:- ھەئە، ياخشى بولۇپ قالدىم دەيدۇ ئاستا ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ.

    قوشنىسى:- ماشىنىڭىزغا ھېچنىمە بولماپتۇ ھە. مانا ھەش- پەش دېگۈچە بەش ئاي مىدىرلىماي يېتۋەتتىڭىز دەيدۇ.

    ھاشىم:- شۇنداق، شۇنداق، دەيدۇ كۈلۈپ.

    قوشىنىسى:- بالا قازا كۆرىلىپ كەلمەس، پۇت- قولىنى ساڭگىلىتىپ دېگەن شۇدە. شۇنداق بولسىمۇ سىزنىڭ ئاغىنىلىرىڭىز سىزگە كۆپ ياردەملەرنى قىلدى. بالىلىرىڭىزغا قاراپ بەردى.

    ھاشىم ئارتۇق گەپ قىلمايدۇ.

    قوشنىسى:- بولدى، بۇ ماشىنا بىلەنمۇ بەك ھەپىلىشىپ كەتمەڭ، بىرەر تىجارەت بولسا قىلارسىز. بۇ چاقى بار دېگەن نەرسە شۇنداق پىرلىق بولىدۇ دەيدىكەن. ھايت-ھۇيت دىگۈچىلا مانا بىر مۇنچە ئىش يۈز بېرىپ كەتتى. سىزمۇ بۇسارەنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ، ئىچ ئاغرىقى تارتىۋالسىز، كەتكەننىڭ كەينىدىن  كەتكىلى بولماس. بۇ نەچچە كۈن بالىلار بىزنىڭكىدە  تاماق يىسۇن. مەن كىرىپ تاماق ئىتەي چۈشتە قەيسەر بىلەن باتۇر كەلسە، بىزنىڭ ئۆيگە كىرگۈزۈۋىتەرسىز.

    ھاشىم:- بولىدۇ. سىلەرنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم دەيدۇ.

    قوشىنىسى:- نېمە دېگىنىڭىز ھاشىم، قوشنا بولساڭ يۆلەك بول بولمىسا بۆلەك دېگەن گەپ بار دەپ كىرىپ كېتىدۇ.

    ھاشىم:- بېشىمغا چىققىلى تاسلا قالدىڭ ھە! كاساپەت ، دەپ ماشىنىسىنى شاپىلاقلاپ قويىدۇ.

    ب كۆرىنىش

    ھاشىم ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ ئىچىگە قارايدۇ. ئايالىنىڭ سومكىسىنى كۆرىدۇ. سومكىدىكى گىرىملەر سۈرەتلەر چېچىلغان ئىدى. ئاستا سۈرەتنى قولىغا ئالىدۇ. (ئائىلىۋى چۈشكەن سۈرەت ياكى ئايالىنىڭ يالغۇز سۈرىتى 5 سۇڭلۇق ياكى 10 سۇڭلۇق) ھاشىم كۆزىگە ياش ئالىدۇ.

    خىيالى :« ئايالى :- ھاشىم قاراڭ بۇ سۆرەتتە ھەممەيلەن شۇنداق چىرايلىق چۈشۈپتۇق، بۇنى چوڭايتىپ قۇياي ھە، خاتىرە بولۇپ قالىدۇ  دەيدۇ .

    ھاشىم :- كىيىن چوڭايتىپ قويسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟ خۇددى ئەتىلا  ئۈلۈپ قالىدىغاندەك  دەيدۇ .» خىيالى تۈگەيدۇ.

     كۆڭلى يېرىم ھالدا سۈرەتنى كۆتىرىپ ئۆيىگە كىرىدۇ.

    2- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى. ۋاقتى: كۈندۈز  پېرسۇناژلار: ھاشىم

    ئىشىكنىڭ يېنىدا كىرئالغۇ، كىر ئالغۇدا كىرلەرنىڭ كۆپلىكىدىن كىر ئالغۇنىڭ ئاغزى يېپىلماي قالغان. بالىلارنىڭ ھوجۇرىسى رەتسىز ئىدى. ئورۇن-كۆرپىلەر يىغىقسىز بىر يەرگە دۇگلانغان. ئۈستەل ئۈستىدىكى ماتېرىياللار قالايمىقان تاشلانغان ئوخشىمىغان يەكپاي پايپاقمۇ تۇراتتى. ئۈستەلنىڭ بىر چېتىدە باتۇر بىلەن قەيسەرنىڭ بىرگە چۈشكەن سۇرئىتىمۇ بار ئىدى. مېھمانخانا ئۆيگە يەرگە ئۆڭۈپ كەتكەن گىلەم سېلىنغان. تامدا بىر تەرەپكە بىردىن ئىسلىشىپ كەتكەن گىلەم سېلىنغان، بىر كونىراق دوتتار، بۇلۇڭدا بىر شىلەپىمۇ ئېسىقلىق تۇراتتى، كىرسلودا بالىلارنىڭ كىيىملىرى قالايمىقان تاشلانغان. يەردە ئۇ يەر-بۇ يەردە دەپتەر ۋاراقلىرىمۇ بار.

    ھاشىم رەسىمگە قاراپ سۈكۈتتە ئولتۇرىدۇ. ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دوتتارنى قولىغا ئالىدۇ دە يىنىك سازلاپ ناخشا ئېيتىدۇ.

    (ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ ئايالىغا بېغىشلاپ ئېيتقان ناخشا ياكى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ نەزەر سالسام جامالىڭگە دېگەن ناخشا).

    مۇشۇ ناخشا تۈگىگىچە

    1.كۆرىنىش

    يامغۇر شارقىراپ يىغىۋاتقان، ھاشىم ناھايىتى كەچ قالغان. ئايالى كۈنلۈكنى ئېلىپ يولنىڭ بويىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغان.

    2.كۆرىنىش

    كۈندۈزى ھاشىم بىر يەرلەردىن ناھايىتى غەرق مەست بولۇپ كىرىدۇ. ئايالى ھاشىمنى كۆرۈپ يا ئاچچىقلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلمەي، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ ئۇنى ياتقۇزىدۇ. ئاندىن داسقا سۇ ئەكىرىپ ھاشىمنىڭ يۈزلىرىنى لۆڭگە بىلەن سۈرتۈشتۈرۈپ ئۇنى چىرايلىق ياتقۇزۇپ قويىدۇ.

     

    ناخشا تۈگىچىچە مۇشۇ كۆرىنىشلەر كۆرىنىدۇ.

    3- مەيدان

    ئورنى: ئېسىل بېزەلگەن ئاشخانا ئىچى. ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ئارزىگۈل، ئارزىگۈلنىڭ ھەدىسى (ھاۋاخان).

    ئىككىسى بىللە چاي ئىچىپ ئولتۇرىدۇ.

    باشقا تەرەپلەردىمۇ  غىزالىنىۋاتقانلار  بىر قۇر كۆرىنىشكە ئېلىنىدۇ. ئاشخانىنىڭ گۈزەل بىزەلگەن جايلار كۆپرەك كۆرىنىشكە ئىلىنىدۇ.

    ئارزىگۈل:- ئاچا، نىگارنىڭ ئىشى قانداق بولدى. ئاكام يەنە قوشۇلمايۋاتامدۇ؟ دەپ سورايدۇ.

    ھاۋاخان:- شۇنداق، نىگار، سىلەر قوشۇلمىساڭلار بۇ توينى قىلغىنىم قىلغان دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. ئاكاڭ، ئۇ بالىنىڭ خىزمەت ئورنى يوقلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. بۇرۇنقى جىنايەت يولىدا مېڭىپ قالغىنىنى بەك دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. نىگارنىڭمۇ كۆزىمۇ كورمۇ دەيمەن. ئادەم تېپىلمىغاندەك تاپقان ئادىمىگە قاراپ باقە، دەيدۇ. قايناپ چاينى بىر يۇتۇم ئىچىدۇ.

    ئارزىگۈل:- ئۇ بالىمۇ بۇرنىغا بىر قېتىم يىگەندىكىن ياخشى ئادەم بولۇپ كېتەر، دەيدۇ.

    ھاۋاخان:- دېمەي قالامدىم، ئاكاڭ، ئىت مەڭگۈ پوق يېيىشىنى ئۆزگەرتمەيدۇ دەيدۇ. نىگارنى نېمە بولساڭ بولمامسەن دەي دېسەم شۇ بىرلا بالام ئۇنداق دېمەي دېسەم ھەي دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- قانداق قىلىسەن بولمىسا. ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگىلى بولمىسا، كونىلارنىڭ گىپىمۇ توغرىكەن جۇمۇ. بالاڭغا كۆڭلۈڭنى بەر چىرايىڭنى بەرمە دەپ، سىلەر نىگارنى بىر ئەركە چوڭ قىلىپ قويدۇڭلار. بۇ ئىشقا سىلەرمۇ سەۋەبلىك دەيدۇ.

    ھاۋاخان:- بولدىلا ئۇنى دىمەيلى قويغىنا، ئازنىلىغان ئازنىغا چىقىدۇ دېگەن شۇ. يۈرەكلىرىم سۇ سۇ بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. ھە راست، يېڭىدىن كۆچۈپ بارغان ئۆيۈڭ قانداق ئىكەن. ئۆي ئالساڭ قوشناڭنى سورا، يەر ئالساڭ سۈينى دېگەن گەپ بار. قوشنىلىرىڭ ياخشىمىكەن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- ھەر ھالدا ياخشى، مەھەللە ئىچى خىلى تېنچ دەيدۇ.

    ھاۋاخان:- ئۇ يەردىكىلەر سېنىڭ قانۇن ساقچىسى ئىكەنلىكىڭنى بىلەمدۇ؟ دەپ سورايدۇ.

    ئارزىگۈل:- ياق بىلمەيدىغۇ دەيمەن، مېنىڭ فورما كىيگەن ۋاقتىمنى كۆرمىگەن بولسىلا دەيدۇ.

    ھاۋاخان:- بىرەرسىنىمۇ تاپمىدىڭمۇ، قاچانغىچە يالغۇز ئۆتىسەن، تېزراق بىرسىنى تاپقىن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشما، خۇدايىمنىڭ ۋاقتى سائىتى توشسا، ئەتىلا بولىدۇ. بەندە ئالدىرىغان بىلەن خۇدا ئالدىرىمىسا بىكار دەيدۇ سەل خاپا بولغاندەك.

    ھاۋاخان: ھەي، سەۋەب قىلىپ باق ئەمىسە، خۇدايىممۇ سەۋەب قىل دەپتىكەن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: ئاچا، نەدە يوق گەپنى قىلىدىكەنسەن، ئىشقىلىپ سىلەر تولا بۇ ئىش توغۇرلۇق باش قاتتۇرۇپ كەتمەڭلار دەيدۇ.

    مۇلازىم تاماقنى ئېلىپ كېلىپ ئاستا ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدۇ.

    4- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ مەھەللىسى.   ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، باشقىلار، ئارزىگۈل.

    ھاشىم ئۆيدىن چىقىپ ماشىنىسىنى بىر ئايلىنىۋېتىپ، ماشىنىغا چىقىپ ھەيدەپ ماڭىدۇ. ماشىنىنىڭ داقراقشىپ ماڭغان ئاۋازى مەھەللىنى بىر ئالىدۇ. ئەمدىلا كوچا ئېغىزىغا چىقىشىغا يىراق تەرەپتىكى قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ دەرھال ماشىنىنى تورمۇزلايدۇ، ئۆز - ئۆزىگە:- كاساپەت، بۇ كەچتىمۇ ساقچىغا نېمە بار بۇ يەردە دەيدۇ دە ماشىنىسىنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئۆيىگە يېنىپ كېلىدۇ. ماشىنىسىنى توختىتىپ يەنە ماشىنىنىڭ بىر يەرلىرى بىلەن ھەپىلىشىدۇ. چىرايلىرىنى بىردەمدىلا قارا - قۇر قىلىۋالىدۇ.

    مەھەللە ئىچىدە يىراقتىن ئارزىگۈل كېلىدۇ. ھاشىم بېشىنى كۆتۈرۈپ ئارزىگۈلنى كۆرىدۇ.

    ھاشىم:-تېچلىمۇ ئارزىگۈل دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- ھە تېچلىقمۇ ھاشىم، خېلى ياخشى بولۇپ قاپسىزمۇ ؟دەيدۇ، سەل ئەيمەنگەندەك زاڭلىق ئارلاش كۈلۈپ.

    ھاشىم:- ھە، تېچلىق، تېچلىق، ھە خېلى ياخشى. رەھمەت سىزگە. ئىشتىن كەلدىڭىزمۇ دەيدۇ سەمىمىي كۈلۈپ.

    ئارزىگۈل:- شۇنداق دەيدۇ.

    ھاشىم:- مەنمۇ ئەمدى بالىلارغا تاماق ئېتەي دەپ، دەيدۇ.

    ھاشىم شۇنداق تەمتىرەپ كىتىدۇ. ئارزىگۈلمۇ ئۇنىڭ تەمتىرىگىنى بىلگەندەك يولىغا قاراپ كىتىۋېرىدۇ.

     

    داۋامى بار

    [libasim تەستىقلىدى . 2010-10-29 11:38:22]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.