ھاشىمنىڭ18-خوتۇنى (2)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-26 20:12:08

ھاشىمنىڭ18-خوتۇنى (2) 5- مەيدان ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى. ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن پېرسۇناژلار؛ ھاشىم، باتۇر، قەيسەر. ھاشىم ئاشخانا ئۆيدە تارقشىتىپ سەي توغرايدۇ. گاڭپەن دۈملەپ قويغان ئىدى. ئاشخانا ئۆيلەرمۇ رە...

    ھاشىمنىڭ18-خوتۇنى (2)

     

    5- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى:- چۈشتىن كېيىن

    پېرسۇناژلار؛ ھاشىم، باتۇر، قەيسەر.

    ھاشىم ئاشخانا ئۆيدە تارقشىتىپ سەي توغرايدۇ. گاڭپەن دۈملەپ قويغان ئىدى. ئاشخانا ئۆيلەرمۇ رەتسىز ئىدى. سەي-كۆكتاتلار قالايمىقان تاشلانغان، قاچا-قۇچىلار يۇيۇقسىز يىغىلغان، ھاشىم ئالدىراش سەي توغراپ قولىنى كېسىۋالىدۇ. بوش ئاۋازدا:- ۋاي ئاناڭنى دەيدۇ دە ياندىكى ئۆيدىن قولىنى چاپلاپ چىقىدۇ. ئىككى ئوغلى مەكتەپتىن كېلىدۇ.

    باتۇر:- بىز كەلدۇق، دەيدۇ دە ھوجىرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ.

    قەيسەر سومكىسىنى يەرگە تاشلاپ قويۇپلا ئاشخانا ئۆيگە كىرىدۇ.

    قەيسەر:- دادا، بۈگۈن نېمە تاماق يەيمىز دەيدۇ.

    ھاشىم:- گاڭپەن دەيدۇ. سەي قورىغاچ، يەنە:- قورسىقىڭلار ئېچىپ كەتكەندۇ، بىردەم ساقلاڭلار، ئاش ھازىر پىشىدۇ دەيدۇ.

    قەيسەر سۇ ئىچمەكچى بولۇپ پىيالە ئالىدۇ. لېكىن پاكىز پىيالە بولمىغاچقا يىغىلغان قاچىلارغا قاراپ دەرھال يەڭلىرىنى تۈرۈپ كىچىك قوللىرى بىلەن قاچىلارنى يۇيىدۇ.

    ھاشىم:- نېمە قىلاي دەيسەن دەيدۇ.

    قەيسەر:- قاچا يۇيمەن دەيدۇ.

    ھاشىم:- بولدى قويۇپ قوي ئۆزۈم يۇيمەن بولدى دەيدۇ.

    قەيسەر:- ئاپام بىزگە، مەن خىزمەت ئىشى بىلەن ئىككى ئۈچ كۈنلۈك چىقىپ كەتسەم داداڭلارغا ئۆي ئىشىدا ياردەملىشىڭلار، داداڭلار بولمىسا يېتىشەلمەيدۇ مۇشۇنداق قىلساڭلار گەپ ئاڭلىغان ياخشى بالا بولىسىلەر دېگەن دەپ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

    ھاشىم قەيسەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سەل تېڭىرقاپ قالىدۇ. ئوغلىنىڭ سۆزىدىن سۆيۈنۈپ كېتىدۇ. كۆزىگە ياش ئالىدۇ يۇ چاندۇرمايدۇ. مۇزىكا قويۇلىدۇ.

    6- مەيدان

    ئورنى: باتۇرنىڭ ھۇجۇرىسى.   ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن.

    باتۇر كىتاب كۆرىدۇ. مۇزاكىرە قىلىدۇ، كىتابنى ۋاراقلاپ تۇيۇقسىز ئاپىسىنىڭ سۈرىتى چىقىپ قالىدۇ. ئاپىسىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ. يىغلايدۇ.

    1.كۆرىنىش

    ئاپىسى قەيسەر، باتۇرلارنىڭ بىرگە قوغلىشىپ ئوينىغان ۋاقىتلىرى كۆز ئالدىدىن ئۆتىدۇ.

    ئاپىسى:- قەيسەر بالام، ئاكاڭنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەمسەن.

    باتۇر:- ئۇ ئۆتەلمەيدۇ.

    قەيسەر :- ئاپا ئاكام مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ.

    ئاپىسى:-بالام ئاكىسى ئۇكىسىغا ياخشى گەپ قىلىشى كېرەك.

    باتۇر:- ماقۇل ئاپا، قەيسەر ماڭە بىللە يۈگۈرەيلى

    ئاپىسى:- ئاستىراق باللىرىم ئاستىراق

    قەيسەر:- ئوھوي، ئوھوي

    2.كۆرىنىش

    باتۇرنىڭ ھوجۇرىسى

    خىيال تۈگەيدۇ

    ھاشىم:- باتۇر، باتۇر، چىقىپ تامىقىڭنى دەپ چاقىرىدۇ.

    باتۇر:- ھە، مانا دەيدۇ كىتابنى يىغىشتۇرۇپ يېشىنى سۈرتۈپ چىقىدۇ.

    7- مەيدان

    ئورنى: ئاشخانا ئۆي.   ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، باتۇر، قەيسەر.

    ھەممەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدۇ.

    قەيسەر:- ئوھۇ، دادا نىمانداق تۇزلۇق، دەپ ئاغزىدىكى ئاشنى تۈكۈرۈۋېتىدۇ. باتۇر ئاغزىدىكى ئاشنى زورلاپ يۇتىۋېتىدۇ.

    ھاشىم:- ئۇنداق ئەمەستۇ دەپ ئاشنى يەپ باقىدۇ.

    8- مەيدان

    ئورنى: ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى.   ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار: ئارزىگۈل، جىنايەتچى ئايال، باشقىلار.

    ئارزىگۈلنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدە بىر قانچە كىتابلار قويۇلغان، تېلىفون بار ئىدى. يان تەرەپتە بىر يۈرۈش تېلېۋىزور ئۈسكۈنىلىرى بار ئىدى. ئارزىگۈل دەپتەرگە بىر نېمىلەرنى يازىدۇ.

    بۇلۇڭ تەرەپتە بىر جىنايەتچى ئايال قولىغا كويزا سېلىنغان. كەينىدە ئىككى كۆزەتچى ساقچى بار ئىدى.

    ئارزىگۈل:- ئىسمىڭ نېمە، دەيدۇ.

    جىنايەتچى ئايال:- نۇرسىمان، دەيدۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ يەرگە قارىۋالىدۇ.

    ئارزىگۈل:- يۇرتۇڭ قەيەردىن دەپ سورايدۇ.

    جىنايەتچى ئايال:- ئاقسۇدىن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- بۇ قېتىم قانچە بالىنى ئالداپ ئېلىپ ماڭدىڭلار دەپ سورايدۇ.

    جىنايەتچى ئايال:- 14 بالىنى دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- ئۇلار قانچە ياش، نەگە ئېلىپ ماڭدىڭلار دەيدۇ.

    جىنايەتچى ئايال:- چوڭى 14 ياش، كىچىكى 7 ياش، شىنجىنغا ئېلىپ ماڭغان دەيدۇ.

    ئارزىگۈل:- سىلەرنىڭ باشلىقىڭلار كىم؟ سىلەرگە قانداق ھەق بەرمەكچى ئىدى دەيدۇ.

    جىنايەتچى ئايال:- بىر بالىغا 1500 يۈەندىن بەرمەكچى بولغان ئالدىن رەنە پۇلى ئۈچۈن 10000 كوي بەردى دەپ گېپىنى توختىتىۋالدى،

    ئارزىگۈل:- باشلىقىڭلار كىم دەپ سورايدۇ.

    جىنايەتچى ئايال:- مەن بىلمەيمەن، بىز پەقەت تېلىفوندىلا سودىلاشقان دەيدۇ.

    بولدى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار دەيدۇ ئارزىگۈل.

    جىنايەتچى ئايال:- مەن خاتالىشپىتىمەن، گۇناھىمنى كەچۈرۈڭلار مەن خاتالىشىپتىمەن دەپ يىغلىغانچە چىقىپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل چېكىسىنى تۇتۇپ ئالدىدىكى ماتېرىيالغا قاراپ ئولتۇرىدۇ. يانفۇنى سايرايدۇ.

    ئارزىگۈل:- تېچلىقمۇ دەپ ئالىدۇ. يەنە:- ھە نۇسرەتمۇ؟ ياخشى تۇردىڭمۇ؟ ھە، بۈگۈن چۈشتىمۇ؟ بولىدۇ، بولىدۇ دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    9- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.    ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، يۈسۈپ، رىشىت، باشقىلار.

    ئۇلار بىللە كورت ئوينايدۇ.

    رىشىت:- بىردەم ئوينىمايلى، ھەدىسىلا ھاشىم ئىككەيلەن ئۇتتۇرۇپ قويدىكەنمىز دەيدۇ.

    ئابلەت:- شۇنداق قىلايلى، دەيدۇ دە ئىككى ئىستاكان سۇ ئېلىپ كېلىدۇ.

    رىشىت:- ھەي ھاشىم، قارا ھازىر بىزنىڭ كارخانا ۋەيران بولدى دەپ بىزگە ئازراق پۇل بىلەنلا يولغا سېلىپ قويدى. قانداق قىلىمىزكىن تاڭ. خوتۇن تېخى بىكار، دەيدۇ تاماكىسىنى ئىككى تارتىدۇ.

    يۈسۈپ:- بىرەر تىجارەت بىلەن شوغۇللانمامسەن. ھازىر ھەممە خەق بازارغا يۈزلىنىپ كەتتى، ھازىر پۇل تاپقان نوچى دەيدۇ.

    رىشىت:- شۇ تىجارەتكىمۇ پۇل كىتەر، ھەي ھاشىم، ھازىر خوتۇن ئالساڭچۇ پۇلى بارمۇ يوق سۈرۈشتە قىلىپ باقساڭ ئوخشايدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتىچۇ بەرسەڭ يەيمەن. ئۇرساڭ ئۆلىمەن دېگەن خوتۇنلارنى ئويلاشمىسا بولغۇدەك. بولمىسا بىر يۈككەن دېگىنە يۈك دەيدۇ. بېشىنى چايقاپ.

    يۈسۈپ:- ھاشىم سېنىڭ ماشىناڭ بار، ئۆيۈڭ بار. كىمگىلا ئېغىز ئاچساڭ كېلىۋەرمەمدۇ دەيدۇ.

    ھاشىم:- نەدە ئۇنداق ئاسان دەيسەن دەيدۇ.

    رىشىت:- مۇئەللىمدىن بىرەرنى تونۇشتۇرامدۇق يە دەيدۇ.

    ئابلەت:- ھەي ئوقۇتقۇچى دېگەننى قوي، ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار سېنىڭ بالاڭ بىلەن ئۆيۈڭنى باقمايدۇ، نەدە رېستوران، نەدە مەشرەپ شۇ يەرنى باقىدۇ. ھاشىمغا ئۇنداق ئادەم بولسا بولمايدۇ، دەيدۇ.

    رىشىت:- ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئەمەستۇ دەيدۇ.

    ئابلەت:-ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۈۋەنلەپ كەتتى. ئۆزى شۇنچىلىك تۇرۇپ، تەربىيىلىگەن ئوقۇغۇچىسى قانچىلىك دەيسىلەر دەيدۇ، غەزەپلەنگەندەك قىلىپ.

    رىشىت:- ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز. ھاشىم تېزراق ئويلىنىۋال. بالىلىرىڭ جاپا تارتىپ قالىدۇ. ئۇلار ئانا مېھرىگە مۇھتاج دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- راست دەيمەن، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا نەقەدەر ياخشى دەيسەن، غەمسىز، نەقەدەر كۆڭۈللۈك، ھازىر ھەممىمىز بىر ئۆينىڭ تۆرىكى بولۇپ قالدۇق دەيدۇ.

    رىشىت:- بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا 5 يېقىن ئاغىنە ئىدۇق. ئەمدى 4 قالدۇق. ھەممەيلەن بۇ دۇنيادىن كېتىمىز. پەقەت ئىلگىرى كېيىنلىك مەسىلىسى ھەي دەيدۇ.

    ئابلەت:- كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر سېنىڭ كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگىنىڭنى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ، دەپ بۇ ئۆلمىگەن جاھاندا تېخى خىلى ئىشلار بېشىمىزدىن ئۆتىدۇ. دەيدۇ.

    ھاشىم بۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالىدۇ.

    ھاشىم:- ھەي ئاغىنىلەر مەن بېرىپ بالىلىرىمغا تاماق ئېتىمەن، مەن قايتاي دەيدۇ.

    يۈسۈپ:- تېزراق ئويلىنىۋال، بۇنداق يۈرۈۋەرمىگىن دەيدۇ.

    ھاشىم:- خوش ئاغىنىلەر، ئەتە كۆرىشەيلى دەيدۇ دە كېتىپ قالىدۇ.

    ئابلەت:- بۇنىڭغىمۇ تەس بولدى دەيدۇ.

    رىشىت:- خۇدا ئۇرغاننىڭ خوتۇنى ئۆلىدۇ دەپ ئۇنىڭغىمۇ... ھەي.. دەيدۇ.

    10- مەيدان

    ئورنى: چايخانا    ۋاقتى: كۈندۈز

    پېرسۇناژلار: ئارزىگۈل، نۇسرەت.

    ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىدۇ.

    نۇسرەت:- بايقى ئاشخانىنىڭ تامىقى خېلى ياخشىكەن ھە، چۆچۈرە يېمىگىلى خىلى ئۇزۇن بولغان، خىلى ئاغزىمغا تېتىپ قالدى دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: -ئۆزۈڭ ئۆيدە قىلىپ يېسەڭ بولمىدىمۇ، ئۆزەڭ ئەتكەنگە يېتەمدۇ، دەيدۇ.

    نۇسرەت:- ئىتەلىسەم ئۆزۈم ئىتىپ يېمەمدىم، قىلالمايمەن شۇ دەيدۇ كۈلۈپ.

    ئارزىگۈل:- قارا ئايال كىشى تۇرۇپ داۋاتقان دەيدۇ.

    نۇسرەت:-شورپىلىرىنى قىيمىلىرىنى قىلىمەن، خېمىرىنى تەكشى يايالمايدىكەنمەن، نېپىز يېرى نېپىز قېلىن يېرى قېلىن بولۇپ قالىدىكەن. بىر قېتىم ئۆزەم قىلغان، خېمىرىنى ئايرىم، قىيمىسىنى ئايرىم قازاندىن سۇزۈۋالغان دەپ ئاغزىنى ئىتىپ كۈلۈپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل:- بىر بالىنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالدىڭ. بۇنداق قىلساڭ ياخشى بولمايدۇ. ئايال كىشىگە تاماق ئىتەلمەسلىك ئەيىپ. بىلدىڭىمۇ دەيدۇ.

    نۇسرەت: بولدىلا بۇنى دىيىشمەيلى، قارا، ئاداش، يېقىندىن بېرى تولا چېچىلىدىغان يولدىشىم بىلەن پات-پات قىزىرىشىپ قالىدىغان بولدۇم. بۈگۈنمۇ گەپ تالىشىپ يېنىپ چىققان دەيدۇ كۆزلىرىنى ئالايتىپ.

    ئارزىگۈل:-چوڭ بىر ئىش يۈز بەرمىگەندىكىن، ئۇنداق چېچىلىپ كەتمە، ئۆزۈڭگىمۇ ياخشى ئەمەس. ئېرىڭنى ھۈرمەتلىگىن، يول قويغىن، مەن بىر كىتاب ئوقۇغان ئۇنىڭدا مۇنداق گەپ بار ئىكەن. پەيغەمبەرىمىزنىڭ گېپى ئىكەن. ئەگەر بەندىلەرگە سەجىدە قىلماق شەرئىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلگەن بولسا، ئاياللارنى ئەرلەرگە سەجىدە قىلىشقا بۇيرار ئىدىم دېگەنكەن دەيدۇ.

    نۇسرەت:- بۇ نېمە گەپ دەيدۇ ھەيرانلىق بىلەن.

    ئارزىگۈل:-نېمە گەپ بولاتتى، ئېرىڭنى ھۆرمەتلىگىن، ھەرگىز تاكاللاشما، ئەگەر ئۇنىڭ خاتا بولسا، ئۆزەڭنى تۇتىۋېلىپ، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن چىرايلىق سۆزلەر بىلەن دېگىن. ياخشى گەپ تاشنى يارار دىگەن گەپ بارغۇ. ئۇنچۋالا قايناپ كېتىش ھاجەتسىز. ئۆزەڭنى ئۆزۈڭ ئۇپراتقاندىن باشقا ئىش يوق دەيدۇ.

    نۇسرەت:- ۋاي- ۋۇي، بىلدىم. سەن بىلەن ئۇچراشساملا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالىمەن دەيدۇ كۈلۈپ.

    11- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ مەھەللىسى.    ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ھاراقكەش قوشنىسى، ھاراقكەشنىڭ ئاپىسى.

    ھاشىم ئەمدىلا ماشىنىدىن چۈشكەن ئىدى. مەھەلىدىكى يولغا قاسىم ھاراقكەش يالغان ئالدىراپ يۈگۈرۈپ چىقىدۇ. ھاشىمنى كۆرۈپ دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىدۇ.

    ھاراقكەش:- ھاشىم ئاكا، ئاپام ئۆزگىرىپ قالدى. تېز، تېز دوختۇرغا ئاپىرىشىپ بېرە دەيدۇ.

    ھاشىم: ئۆيدىمۇ دەيدۇ شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگىرەيدۇ.

    موماينى يۈدۈپ ماشىنىغا چىقىرىدۇ. ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالىدۇ.

    12- مەيدان

    ئورنى: دوختۇرخانا،   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، ھاراقكەش، دوختۇر.

    قاسىم يانچۇقىدىن تاماكىسىنى چىقىرىپ، تۇتاشتۇرىدۇ.

    ھاشىم:- ھەي، دوختۇرخانىدا تاماكا چەكمە. ئاۋۇ بەلگىنى كۆرمىدىڭمۇ دەيدۇ قول ئىشارىتى قىلىپ.

    قاسىم:- ھە، ھە، بىلدىم دەپ ئالدىراپ ئۆچىرىدۇ.

    بىر ھازادىن كېيىن دوختۇر چىقىدۇ.

    دوختۇر:- قايسىڭلار تۇغقىنى دەيدۇ.

    قاسىم:-ھە، مەن ئاپام قانداقراق دەپ كېلىدۇ.

    دوختۇر:- يەنە بەش مىنۇت كېچىككەن بولساڭلار بەلكىم قۇتۇلدۇرالماس ئىدۇق. ھازىر قۇتۇلدۇرۋالدۇق. خاتىرجەم بۇلۇڭلار، ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك لازىم دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    ھاشىم:- ھە، ئۇكا، مەن كىتەي، ئاپاڭغا ياخشى قارىغىن. ھاراقنى كۆپ ئىچمە بىلدىڭمۇ دەيدۇ.

    قاسىم:- بىلدىم، ئاكا، رەھمەت ساڭا، پۇل تاپقاندا كىرايىڭنى بېرۋىتىمەن دەيدۇ يالغان ھىجاراپ.

    ھاشىم:- شۇ پۇلغا ئاپاڭغا ياخشى تاماق ئېلىپ بەرگىن دەيدۇ دە كېتىپ قالىدۇ.

    قاسىم بالىنىس ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇ.

    13- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى.   ۋاقتى: كەچ

    پېرسۇناژلار:- ھاشىم، قەيسەر، باتۇر.

    ھاشىم ئاشخانا ئۆيدە قاچا-قۇچىلارنى يۇيىدۇ.

    ھاشىم:- قەيسەر، تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلەپ بولدۇڭمۇ، ماڭ كىرىپ مۇزاكىرە قىل، تېلېۋىزوردىن ھېچنىمە چىقمايدۇ دەيدۇ يۇقىرى ئاۋازدا (قاچا يۇيغاچ).

    قەيسەر:- ھە، مانا، ھازىر قىلىمەن دەيدۇ.

    ھاشىم ئاشخانا ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ، مېھمانخانا ئۆيگە چىقىدۇ.

    مېھمانخانا ئۆيى.

    ھاشىم كىرىپ قەيسەرنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىنى كۆرىدۇ دە:- بۇ بالىنى زە دەپ كۆتۈرۈپ ھۇجىرىسىغا ئەكىرىدۇ.

    باتۇرنىڭ ھۇجىرىسى

    باتۇر مۇزاكىرە قىلۋاتقان ئىدى. ھاشىم قەيسەرنى كۆتىرىپ كىرىدۇ.

    ھاشىم:- بولە، ئۇكاڭنىڭ ئورنىنى سالغىن دەيدۇ.

    باتۇر: ھە دەپ ئورنىنى سالىدۇ.

    ھاشىم قەيسەرنى ياتقۇزۇپ قويۇپ: سەنمۇ تېزراق ئارام ئالغىن دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ئىشىك ئۇرۇلغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ھاشىم چىقىدۇ.

    بالا: ھاشىم دادا، ئارقا مەھەللىدىكى ساۋۇت چوڭ داداش تۈگەپ كېتىپتۇ. ئەتە ئەتىگەندە نامىزىنى چۈشۈرگىدەك، دادام شۇڭا مېنى كىرگۈزدى دەيدۇ.

    ھاشىم:- ھە، شۇنداقمۇ، بىلدىم. ئۆيگە كىرمەمسەن دەيدۇ.

    بالا:- بولدى مەن كەتتىم دەپ كېتىدۇ.

    ھاشىم جايىدا تۇرۇپلا ئامىن دەپ دۇئا قىلىۋېتىدۇ.

    ھاشىمنىڭ ھوجرىسى

    ھاشىم يۈلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىدۇ، تاماك چېكىدۇ، كۈلدۈن تۇشۇپ كەتكەن.

    14- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى،   ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار: باتۇر،قەيسەر،

    ھاشىم ناشتلىقنى تەييار قىلىپ قويۇپ كەتكەن.

    باتۇر: ئۇكام، قەيسەر، ئورنىڭدىن تۇرە مەكتەپكە كىچىكىپ قالىمىز تۇر دەيدۇ.

    قەيسەر:- ھە مانا دەپ ئېغىنلىپ ياتىدۇ.

    باتۇر يالغۇز چېينى ئىچىپلا ماڭىدۇ. قەيسەر ئۇخلاپ قالىدۇ.

    15- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ مەھەللىسى.  ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم.   قوشنىسى (ئايال)

    قوشنىسى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئۇياق – بۇياققا قارايدۇ. ھاشىم كېلىدۇ.

    قوشنىسى:- ھاشىم مېيىتكە بېرىپ كەلدىڭلارمۇ دەيدۇ.

    ھاشىم: شۇنداق دەيدۇ.

    قوشنىسى: بالىلارنىڭ دادىسى سەل كېچىكىپ كېلىمەن دېگەن ئىدى. مۇشۇ ئىككى توخۇنى بۇغۇزلاپ بېرەمدىكىن دېگەن دەيدۇ.

    ھاشىم:- ھە بولىدۇ، قېنى دەيدۇ.

    ھاشىم بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ تەكبىر ئېيتىپ توخۇنى بۇزۇغلاپ بېرىدۇ.

    قوشنىسى: رەھمەت سىزگە ھاشىم دەيدۇ.

    ھاشىم: ھېچقىسى يوق دەپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ھاشىمنىڭ بۇ ھويلىدىن چىقىشى، قەيسەر ھويلىسىدىن چىقىدۇ.

    ھاشىم:- بالام، نېمىشقا مەكتەپكە بارمايسەن، دەيدۇ يەنە:- ماڭ سومكاڭنى ئېلىپ چىق دەيدۇ.

    16- مەيدان

    ئورنى مەكتەپكە ئاز قالغان يول.   ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، قەيسەر.

    ھاشىم:- نىمىشقا مۇئەللىمنىڭ ئورۇندىقىغا شىلىم تۆكىۋىتىسەن دەيدۇ.

    قەيسەر:- مۇئەللىمنىڭ ئۇنداق قارىماي ئولتۇرۋالىدىغانلىقىنى مەن نىمە بىلەي دەيدۇ.

    ھاشىم: بالىلار بىلەن ئوينىغىلى بارغاندا چاياننى يەپسەنغۇ نىمىشقا يىدىڭ دەيدۇ.

    قەيسە:- ئۇ ئادەم تېنىگە پايدا قىلىدىكەنغۇ جۇڭيى دورىسى دەيدىغۇ دەيدۇ.

    ھاشىم: پارتىدىشىڭنىڭ ئۆچۈرگىچىنى نىمىشقا ئېلۋالىسەن. ئۆزەڭنىڭكى قېنى؟

    قەيسەر:- مەن ئاۋالمىدىم ئۆزى بەردى. ئىشلىتىپ بولۇپ قايتۇرۇپ بېرىمەنغۇ.

    قەيسەر يەنە: دادا سەن قانداق بىلدىڭ، بۇ ئىشلارنى دەيدۇ.

    ھاشىم:- مەن سېنىڭ داداڭ تۇرسام بىلمەمدىم ئەمىسە دەيدۇ.

    مەكتەپكىمۇ كېلىدۇ، قەيسەرنى دەرۋازىدىن كىرگۈزۈپ قويىدۇ.

    ھاشىم: كەپسىزلىك قىلما بىلدىڭمۇ دەيدۇ.

    قەيسەر:- دادا خوش، دەپ يۈگۈرۈپ كېتىدۇ.

    17- مەيدان

    ئورنى: لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى.   ۋاقتى: كۈندۈز.

    پېرسۇناژلار: ھاشىم، مۇلازىم قىز.

    ھاشىم تەمتىرەپ، ئاستا كىرىپ كېلىدۇ. مۇلازىم قىز سالام قىلىپ ھاشىمنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.

    ئىككى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ.

    ھاشىم:- سىلەرنىڭ مۇلازىمىتىڭلار قانداق دەپ سورايدۇ.

    مۇلازىم قىز:- مۇلازىمەت ھەققى يۇقىرى ئەمەس، ئاخىرغىچە مۇلازىمەت قىلىمىز.

    داۋامى بار

    [libasim تەستىقلىدى . 2010-10-27 9:43:05]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سىنارىيە