ھاشىمنىڭ 18-خوتۇنى ( تامام)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-01 20:39:08

94- مەيدانئورنى: ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى ۋاقتى: كۈندۈزپرسۇناژلار: ئارزىگۈل، ئەر، كۆزەتچى.ئارزىگۈل: قوش نىكاھلىنىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن.ئەر گەپ قىلماي ئولتۇرىدۇ.ئارزىگۈل: سەن بۇند...

    94- مەيدان

    ئورنى: ئارزىگۈلنىڭ ئىشخانىسى           ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئارزىگۈل، ئەر، كۆزەتچى.

    ئارزىگۈل: قوش نىكاھلىنىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن.

    ئەر گەپ قىلماي ئولتۇرىدۇ.

    ئارزىگۈل: سەن بۇنداق گەپ قىلماي ئولتۇرۋالساڭ بولمايدۇ، ئەر يەنە گەپ قىلمايدۇ.

    ئارزىگۈل: بولدى بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. ئۇلار چىقىپ كېتىدۇ. ئارزىگۈل خىيال سۈرىدۇ. «قەيسەر: ئارزىگۈل ئاپا، بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئاپاشلارنىڭ بىرسىمۇ سىزدەك چىرايلىق ئەمەس» ئارزىگۈل مىيىقىدا كۈلۈپ قويىدۇ. « ئايال: ئەنە ئاۋۇ شۇ ئارزىگۈل دىگەن قارا مېڭىشىغا نېمە چوڭچىلىق ئۇنىڭغا، لايىقىدا بولسا توي قىلۋالسا بولىدۇ، ۋىيەي سەت ئەمەسمۇ ئۇيات- ئۇيات» ئارزىگۈل چۈچۈپ ئېسىگە كېلىدۇ قولىدىكى سائەتكە قارايدۇ.

    95- مەيدان

    ئورنى: چايخانا              ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئارزىگۈل، نۇسرەت

    ئارزىگۈل ئالدىراپ كېلىدۇ.

    ئارزىگۈل: كەچۈرگىن ئاداش، ساقلىتىپ قويدۇم.

    نۇسرەت: سېنىڭمۇ كېچىكىدىغان ۋاقتىڭ بولىدىكەن ھە، دەيدۇ چاقچاق قىلىپ.

    ئارزىگۈل: بايا بىر قوش نىكاھلانغان بىرەيلەننى سوراق قىلغان، ئىككى ئايالى بار ئىكەن، ئىككىلىسىدە توي خېتى بار ئىكەن. ئىككى ئايال بىر – بىرىنى ئەرز قىلىپتۇ دىگىنە.

    نۇسرەت: شۇنداق ئىشمۇ بارمۇ تېخى.

    ئارزىگۈل: ۋاي نۇرغۇن ئىش. بولدىلا خىزمەت توغۇرلۇق پاراڭلاشمايلى.

    نۇسرەت: كۆرۈشمىگىلى خېلى بوپتۇ ھە.

    ئارزىگۈل: شۇنى دېگىنە، سەنچۇ يولدىشىڭ بىلەن ياخشىلىشىپ قالدىڭمۇ.

     نۇسرەت: سېنىڭ دېگەن گەپلىرىڭ يادىمدا، ياخشى، ياخشى دەيدۇ. يەنە:سەنچۇ توي قىلىدىغان لايىقراق بىرەرسى يوقمۇ.

    ئارزىگۈل: مەن قانداق قىلاي دەپ باقە.

    نۇسرەت: لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىغا بېرىپ باقامسەن يە.

    ئارزىگۈل: قانداق بۇلا.

    96- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى         ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: باتۇر، ھاشىم، قەيسەر.

    باتۇر يۈگىرەپ كىرىدۇ. ھاشىم ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىدۇ.

    باتۇر: دادا مەن ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپتىمەن، قارا دادا، دەپ كۆرسىتىدۇ.

    ھاشىم: شۇنداقمۇ ئەكىلە قايسى مەكتەپكەن. چاڭچۈن باج ئىشلىرى ئونۋېرسىتېتى ياخشى مەكتەپ ئىكەن ياخشى.

     باتۇر كۈلكىسىنى توختىتىپ: دادا، چوقۇم ئاز پۇل كەتمەيدۇ.

    ھاشىم: شۇنداق، چوقۇم ئاز پۇل كەتمەيدۇ، چوقۇم ئامالىنى قىلىمەن. بالام بىزنى خۇدايىم يۆلەيدۇ، ناھايىتى كەلسە 8000 مىڭ كويكەنغۇ دەيدۇ دە چىقىپ كېتىدۇ. باتۇر جايدا ئولتۇرۇپ قالىدۇ.

    97- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئىشىك ئالدى.    ۋاقتى: كۈندۈز.

    پرسۇناژلار: ھاشىم

    ھاشىم ئىشىك ئالدىدىكى ماشىنىسىغا قاراپ جىم تۇرىدۇ« ماشىنىنى ساتاي، بۇ ماشىنا قانچىغا يارار».

    98- مەيدان

    ئورنى: ماشىنا بازىرى.             ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ئەر، ھاشىم.

    ئەر: ئاكا، بۇ ماشىناڭغا 900 يۈەن بېرەي، مەن تېخى ئەڭ يۇقىرى دىدىم.

    ھاشىم: 1500 يۈەندىن تۈۋەن بولسا بەرمەيمەن.

    ئەر: ھەي، ھەي ئاكا تۈزۈك گەپ قىلە، سەن ماشىناڭنى ساتمىغىدەكسەن، ئۇنداق يۇقىرى دەۋەتسەڭ ئالالمىغۇدەكمەن دەيدۇ. يەنە: بوپتۇ پۈتۈنلەپ مىڭنىلا بېرەي. قانداي ئاكا دەپ پۇلنى ساناپ تۇتقۇزىدۇ. ھاشىم: يەنە ئازراق قوشقىن، بالامنى ئوقۇشقا ئەۋەتىمەن دەپ ساتىمەن دەۋاتىمەن. بولمىسا نىمە قىلىمەن سېتىپ.

    ئەر: بوپتۇ، ئاكا ئىككى يۈزنى قوشاي، بالامنى ئوقۇتىمەن دېدىڭ، بۇنىڭغا ئۇنىمىساڭ بولدى قالسۇن دەپ پۇلنى تەڭلەيدۇ. ھاشىم گەپ قىلماي پۇلنى ئالىدۇ. كۆزى قىيمىغان ھالدا ماشىنغا نەچچە رەت قاراپ كېتىپ قالىدۇ. (مۇزىكا).

    99- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.       ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، رىشىت، يۈسۈپ

    ھاشىم: بۈگۈن مەن قەرت ئوينىمايمەن، سىلەرگە ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى.

    رىشىت: يەنە خۇتۇن كەتتىما دەيدۇ كۈلۈپ.

    ھاشىم: چاقچاق قىلمىغىنە. ئوغلۇم ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپتۇ.

    ئابلەت: ھوي ياخشى ئىشكەنغۇ، ئوغلۇڭ قالتىس جۇمۇ قانچىلىك پۇل كېتىدىكەن، قايسى مەكتەپكەن.

    ھاشىم: چاڭچۈن ئونۋېرسىتېتى. 8000 يۇەن كېتىدىكەن.

    رىشىت: شۇنداقمۇ بىز بار ئاغىنە، بىز بار، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز، سېنىڭ ئوغلۇڭ بىزنىڭمۇ ئوغلىمىز.

    ھاشىم: سىلەردىن ئېلىپ تۇرۇش قارارىغا كەلدىم. ھازىر قۇلۇم سەل قىسقا بولۇپ قالدى.

    يۈسۈپ: نېمە دەيدىغانسەن.

    ئابلەت: مەن بەش يۈز يۈەن بېرەي ئاز كۆرمەي ئىشلىتپ تۇرغىن، يەنە لازىم بولسا ئامال قىلىپ بېرىمەن.

    يۈسۈپ: مەن 1500 يۈەن بېرەي قايتۇرىمەن دەپ يۈرمە. مال كىرگۈزمىگەن بولسام يېرىمىنى بولسىمۇ بېرەتتىم، رەنجىمەي ئىشلىتەسەن.

    رىشىت: مەندە كۆپ پۇلمۇ يوق، خۇتۇندىن يۇشۇرۇپ قويغان 800 كوي بار ئىدى، شۇنى ئىشلەتكىن دەيدۇ كۈلۈپ.

    ھاشىم: قالغىنىنى قانداق قىلامەن.

    ئابلەت: ئۆيىڭنى يىللىق ئىجارىگە بەرگىن بىز ئوقۇشۇپ بېرەيلى.

    ھاشىم: ھە بىلدىم. كىچىك تىجارەت قىلىپ بولسىمۇ چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن دەيدۇ كۆزىگە لىق ياش ئالىدۇ.

    يۈسۈپ: يۈر بېرىپ پۇلنى ئال، ئاندىن ئۆينىڭ ئىشنى ھەل قىلايلى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق جاپا.

    100 مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى.         ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن.

    پرسۇناژلار: ھەبىبە

    ھەبىبە ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۋېتىپ ئۇياق – بۇياققا ماڭىدۇ. تېلېفون سايرايدۇ.

    ھەبىبە: ھەئە، ئابلىزمۇ پۇرسەت كەلدى، ئەتە كونا جايدا كۆرىشەيلى.

    ئابلىز: چاتاق يوقتۇ.

    ھەبىبە: ھە، خاتىرجەم بولغىن شۇنداق بولسۇن دەپ تېلېفوننى قويىدۇ.

    101- مەيدان

    ئورنى: ھويلىدىكى كىچىك ئۆي              ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، باتۇر، قەيسەر، ھەبىبە.

    ھەبىبە: ئۇھ ئاران كۆچۈپ بولدۇق دەيدۇ ياغلىقىنى ئوڭشاپ، يەنە: قانچىلىك ۋاقىت ئىجارىگە بەردىڭىز.

    ھاشىم: ئىككى يىللىق دەيدۇ قولىنى سۈرتۈپ. يەنە: باتۇر سىلەر قاچان ئوقۇش باشلايدىكەنسىلەر.

    باتۇر: يەنە 15 كۈن بار. ھاشىم يېنىدىن بىر باغلام پۇلنى چىقىرىپ بۇ يەتتە مىڭ سەككىز يۈز يۈەن ھەبىبە ئېلىپ قويىڭە دەپ بېرىدۇ. يەنە: بالام بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلۇڭ تەييار بولدى، جان بولسا قازان، ئاش بولسا قازان دەپ كىيىنگە يەنە ئامال بولۇپ قالار دەيدۇ.

    باتۇر ئۆزىنى ھاشىمنىڭ ئېتىكىگە تاشلاپ يىغلىۋېتىدۇ.

    ھاشىم: ئوغۇل بالا دىگەن يغلامدۇ، بولدى يىغلىما ئوغۇل بالا قالايمىقان ياش تۆكسە بولمايدۇ دەپ باتۇرنىڭ بېشىنى سلايدۇ.

    ھەبىبە: ياخشى ئوقىغىن بالام، بىز شۇنىڭدىنلا خوشال دەيدۇ پۇلنى ئوراننىڭ ئارسىغا تىقىدۇ.

    ھاشىم: بولدى، بولدى يىغلاڭغۇ بالا ئالىي مەكتەپتە ئوقمايدۇ.

    102- مەيدان

    ئورنى: مەھەللە ئىچى                 ۋاقتى: سەھەر

    پرسۇناژلار: ھەبىبە، ئابلىز

    خورازلارنىڭ چىللاشلىرى مەھەللىنىڭ ئىچىنى بىر ئالىدۇ. ھەبىبە ئوغۇرلىقچە چىقىدۇ. يۈگۈرۈپ ماڭىدۇ. ئالدى تەرەپتە ئابلىز ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككىسى ئالدى كەينىگە قاراپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ.

    103- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۈيى،          ۋاقتى: ئەتىگەن.

    پرسۇناژلار: ھاشىم، باتۇر، قەيسەر.

    ھاشىم: بالام، باتۇر، باتۇر پۇل يوق، پۇل يوق دەپ ئۆكسۈپ يىغلىۋېتىدۇ. باتۇر بىلەن قەيسە يۈگۈرۈپ چىقىدۇ. جايىدا قېتىپلا قالىدۇ.

    104- مەيدان

    ئورنى: كۆڭۈل ئېچىش مەيدان          ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، يۈسۈپ، ئابلەت، رىشىت.

    ئابلەت: بالاڭ ھەربىيلىككە كەتكىلى بىر يىل بولدىمۇ.

    ھاشىم: ھەئە بىر يىل بۇلاي دىدى.

    رىشىت: ھاشىم سەن كۆپ جاپا تارتتىڭ جۇمۇ. يەنىلا ھېچقانچە قايغۇرمىدىڭ.

    ھاشىم: نەدە دەيسەن، ئىستىقبال قايغۇسىدىن ئېغىر نەرسە يوق.

    يۈسۈپ: بۇ قېتىمقى ئايالىڭمۇ كىتىپتىمۇ نىمە.

    ھاشىم: ھەئە، نېمە بولغىنىنى بىلمەيلا قالدىم، ياخشى ئادەملەر يەنە باركەن جۇمۇ.

    رىشىت: ئاڭلىشىمچە بۇ ئايالىڭ قىزىنى سېنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىپ قاپتۇ دەيدىغۇ.

    ھاشىم: كىم شۇنداق دەيدۇ.

    رىشىت: سېنىڭ قوشنىلىرىڭ.

    ھاشىم: بۇ خەق نېمە ئارلىشىدىغاندۇ مېنىڭ ئىشلىرىمغا.

    105- مەيدان

    ئورنى: لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى          ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، مۇلازىم قىز.

    ھاشىم مېنى زاڭلىق قىلۋاتقانسىز ھە دەيدۇ.

    مۇلازىم قىز: ياق ئەپەندىم دەيدۇ كۈلۈپ.

    ھاشىم: بۇمۇ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قالسا دەيمەن. مەنمۇ بەك ھېرىپ كەتتىم دەيدۇ كۈلۈپ.

    2 يىلدىن كېيىن

    106- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى                  ۋاقتى: كۈندۈز

    قەيسەر يۈگۈرۈپ كىرىدۇ.

    قەيسەر: خەت كەپتۇ، خەت ئاكامدىن خەت كەپتۇ.

    ئارزىگۈل: باتۇردىنمۇ؟ باتۇردىن كەپتىمۇ دەيدۇ كۈلۈپ.

    ھاشىم: خەتنى ئوقە دەيدۇ ئالدىراپ، خەت باتۇرنىڭ تىلىدا ئوقۇلىدۇ.

    باتۇر: دادا تېچلىقمۇ، ئاپا سىزچۇ، ئۆي ئىچى تېچلىقمۇ، ئۆينى قايتۇرۋالدىڭلارمۇ. قەيسەر ئۇكام ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەمدىكەن. سەن بولساڭمۇ ياخشىراق بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىن. مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار دادا مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم سىلەرگە ھەردائىم خەت يازغان ۋاقتىمدا كۆز ئالدىغما كېلىپ تۇرىسلە. سىلەرگە بولغان سېغىنىشىمنى مۇنداقلا ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. بۇ يەرنىڭ شارائىتلىرىغا كۈنۈپ كەتتىم. مۇشۇ جاپالارنى تارتقان ۋاقتىمدا سىلەرنىڭ مېھرىبان چىرايىڭلار كۆز ئالدىغما كېلىدۇ. ماڭا مەدەت بولىدۇ. دادا تۇنجى قېتىم سىلەردىن، ئۆيدىن ئايرىلىپ بۇ كۈنلەرنى كۆردۈم. سىلەردىن ئايرىلىش ئازابى شۇنچىلىك قىيىنكەن. دادا راستىنلا سىلەرنى بەك سېغىندىم. مەن دىگەن ئوغۇل بالا، ھەممىڭلار ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار، قەيسەر دادامنى خاپا قىلمىغىن، مەن يەنە خەت يازىمەن، ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار.

    ھاشىم: جېنىم بالام، جاپا تارتىڭ دەپ ھوشۇدىن كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل: دادىسى نېمە بولدىڭىز دادىسى دەيدۇ يىغلامسىراپ.

    قەيسەر: دادا، دادا نېمە بولدۇڭ دەيدۇ.

    ئارزىگۈل ماڭ بېرىپ ماشىنا چاقىرىپ كەل.

    قەيسەر: ھەئە، دەپ يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل، قەيسەرنى ساقلىمايلا ھاشىمنى ھاپاشلاپ ماڭىدۇ.

    107-مەيدان

    ئورنى: مەھەللىگە يېقىن كوچا      ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ئارزىگۈل، قەيسەر.

    ئارزىگۈل ھاشىمنى يۈلۈپ ئاستا ماڭىدۇ. قەيسەر ماشىنىنى چاقىرىپ كېلىدۇ.

    108- مەيدان

    ئورنى: دوختۇرخانا        ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ئارزىگۈل، قەيسەر.

    ھاشىم كارۋاتتا ھۇشسىز ياتىدۇ. ئارزىگۈل ئۇنىڭ يېنىدا ھەمرا بولۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۇياق بۇياققا ماڭىدۇ.

    قەيسەر: ئاپا سىز تاماق يەۋىلىپ چىقىڭ، مەن قاراپ تۇراي.

    ئارزىگۈل: يىگىم يوق بالام سەن بېرىپ ئۆگىنىشىڭنى قىل بۇ يەردە مەن بار.

    قەيسەر: مەن تاماق ئالغاچ كىلەيمۇ.

    ئارزىگۈل: ياق بولدى، مەن ھېلى ئۆزۈم چىقىمەن.

    109- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى           ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، قەيسەر، ئارزىگۈل

    ھەممەيلەن ئۆي ھاكلايدۇ. ھەممەيلەننىڭ ئۈستى بېشى ھاك بولۇپ كېتىدۇ. بىر – بىرىگە قاراپ كۈلىشىدۇ. ئەينەك، ئىشىكلەرنى سۈرتىدۇ. ھاشىممۇ بىللە سۈرتىدۇ. ھاشىم تۇيۇقسىز قولىنى كېسۋالىدۇ، ئارزىگۈل ھاشىمنىڭ قولىنى چاپلاپ قويىدۇ. ھاشىم ئارزىگۈلگە قاراپ قويىدۇ.

    ئارزىگۈل: قەيسەر، قەيسەر دەپ چاقىرىدۇ.

    قەيسەر: ھە، مانا دەپ كىرىدۇ.

    ئارزىگۈل: بۇ يەرگە چۈشىدىغان ئەينەك ئەكەلگىن.

    قەيسەر: بولىدۇ دەپ كېتىپ قالىدۇ.

    يېڭى ئۆي جابدۇقلىرىنى قويىدۇ. ئۆي ئىچى ئېچىلىپ كېتىدۇ.

    ئارزىگۈل: ئۇھ ئەمدى تۈگىدى.

    ھاشىم: شۇنى دەڭە.

    ئارزىگۈل: بىز ئەتە بازارغا بېرىپ كېلەيلى.

    ھاشىم: بولىدۇ. دەيدۇ كۈلۈپ.

    110- مەيدان

    ئورنى: بازار، سودا سارايلار           ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ئارزىگۈل، باشقلار.

    ئارزىگۈل ھاشىمغا كىيىم تاللايدۇ، شىلەپە سېتۋالىدۇ. دۇتتار سېتۋالىدۇ. قەيسەرگە كىيىم تاللايدۇ (مۇزىكا).

    111- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنڭ ئۆيى           ۋاقتى: كۈندۇز

    پىرسۇناژلار:- ئارزىگۈل ، قەيسەر، ھاشىم.

    ئارزگۈل: قەيسەر، قەيسەر.

    قەيسەر: ھە دەپ چىقىدۇ.

    ئارزىگۈل: قارا بۇلارنى ساڭا سېتۋالدۇق، كىيىپ باقە، كۆرۈپ باقايلى دەيدۇ كۈلۈپ، كىيملەرنى سۇنىدۇ. قەيسەر كىيىمنى كىيىپ چىقىدۇ.

    ھاشىم: پاھ چوپچوڭ يىگىتقۇ سەن، قاراڭ يارىشىپ كەتكىننى دەيدۇ مەسلىكى كېلىپ قاراپ.

    ئارزىگۈل: ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا تۇرۇپسەن، تىرىشىپ ئوقىغىن بالام، دەيدۇ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ.

    ھاشىم ياندىكى ئۆيگە چىقىپ كېتىدۇ.

    ئاشخانا ئۆي

    ھاشىم يېشىنى سۈرتىدۇ.

    112- مەيدان

    ئورنى: ھاشىمنىڭ ئۆيى. مېھمانخانا ئۆي. ۋاقتى: چۈشتىن كېيىن

    پرسۇناژلار: ھاشىم، ئابلەت، يۈسۈپ، رىشىت، ئارزىگۈل.

    ئۈستەلگە ھەرخىل نازۇ – نىمەتلەر تىزىلغان. ھاشىم ئۇلارغا چاي قويىدۇ.

    ھاشىم: ئاغىنلەر چايغا بېقىڭلار دەيدۇ.

    يۈسۈپ: ئاغىنە تاماكا چەكسەك بولامدۇ دەيدۇ ئەتراپقا قاراپ.

    ھاشىم: بولىدۇ، بۇلىدۇ، بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭلار دەيدۇ. كۈلداننى ئېلىپ بېرىدۇ، رېشىت ئۆيلەرگە بىر قۇر قاراپ قويىدۇ. ئارزىگۈل چاققانلىق بىلەن ناھايىتى ئوخشىتىلغان قورۇمىلارنى قورۇپ ئۈستەلگە توشقۇزۋىتىدۇ.

    ئابلەت: ئادەم سەت ئەمەس، كىيىم سەت دەپ، قاراڭلار، ھاشىمنىڭ باشقىچىلار ئادەم بولۇپ قالغىننى دەيدۇ كۈلۈپ.

    رىشىت: ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن دەپ راست گەپ جۇمۇ.

    ئابلەت: كىچىك ئوغلۇڭ قاچان ئوقۇشقا ماڭىدىكەن.

    ھاشىم: مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى، يەنە: رىشىت بىرە قول دۇتتار چېلىپ بەرمەمسەن دەيدۇ.

    رىشىت: يۈزماينى دەپ دوتتارنى سېتۋەتكەن ئايالىڭغا تۆلىتۋالدىڭما، تۆلىتۋالغان دۇتتار ئەمەستۇ دەيدۇ زاڭلىق قىلىپ ھەممىسى كۈلىدۇ. ياندىكى ئۆيدە ئارزىگۈلمۇ كۈلۋېتىدۇ.

    رىشىت: ئۆزۈڭ بىرنى چالمامسەن، ناخشىلىرىڭ بار ئىدىغۇ.

    ھاشىم دوتتارنى سازلاپ بىر ناخشا ئېيتىدۇ. (خالغان بىر ناخشا). مۇشۇ ناخشا تۈگىگىچە ھاشىم ھەممە خۇتۇنلىرىنى بىر قۇر كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. ئارزىگۈلمۇ ياندىكى ئۆيدە مۇڭلىنىپ ئاڭلايدۇ.

    113- مەيدان

    ئورنى: ۋوگزال سەھنىسى           ۋاقتى: كۈندۈز

    پرسۇناژلار: قەيسەر، ئارزىگۈل، ھاشىم

    قەيسەر پويىزغا چىقىپ بولغان ئىدى. دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ دادا، ئاپا مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۆزەڭنى ئاسرىغىن دادا، سىزمۇ شۇنداق ئاپا، شۇ يەرگە بارغاندا سىلەرگە تىلفۇن قىلىمەن دەيدۇ.

    ئارزىگۈل: سەنمۇ ئۆزەڭنى ئاسرىغىن بالام، خۇدايىمغا ئامانەت.

    پويىز قوزغىلىدۇ. ھاشىم گەپ قىلمايدۇ پەقەت قولىنى شىلىتىپ قويىدۇ. ئىچىدە: جېنىم بالام، ياخشى ئوقىغىن ئۆزەڭنى ئاسرا، سىنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇم دەيدۇ، پويىز يىراقلىشىپ كېتىپ قالىدۇ. ھاشىم بىلەن ئارزىگۈل قالىدۇ.

     

    بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ  ئەسىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت،  ھەمدە كۆپلىگەن تەكلىپ  پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.