-
ئادەم مېڭىسى كومپىيوتېر بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-02-05
ئامىرىكا ئېمىل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يىقىندا ئېلىكتىر قۇتۇپى بولغان بىگىزسىمان مىكرو ئەينەكنى سەكتە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ مىڭىسىگە ئورنىتىپ ، كىسەل مىڭىسىنىڭ كومپىيوتېر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىشىگە ياردەم بەرگەن . بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، پالەچ ھەم سۆزلىيەلمەيدىغان ، لىكىن چوڭ مېڭىسى مۇكەممەل كىشىلەر كومپىيوتېر ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالەيدىكەن
-
كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى - [تور بىلىملىرى ۋە بلوگ كودلىرى]
2009-02-01
1- ئۇسۇل: كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش
بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى Win كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا شۇ). مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا بىزگە تونۇش بولغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن «كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەر ياكى Word دېگەندەك يېزىق تەھرىرلەش قوراللىرىغا چاپلىۋالساقلا بولىدۇ. -
بەلگە @ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟ - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2009-01-30
سىز ئېلخەت ئادېرسىدا دائىم @ دەك بەلگىنى ئۇچىتىپ تۇرىسىز . ئۇنداقتا بۇ بەلگىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلەمسىز ؟
_____ @ دىگەن بەلگە ئىنگلىزچىدا <..... دە > دېگەن مەنىدە بولۇپ < at > بىلەن ئوخشاشراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . شۇڭا دائىم < .... دە > بىلەن ئوخشاشمۇ ئىشلىتىلدۇ . مەسىلەن : ئەتە ئەتتىگەندە مەكتەپتە ساقلاڭ _ دىگەن سۆز < wait you @ school morning > دەپمۇ يىزىلىدۇ . بۇ نىڭ يەنە each دىگەنمۇ مەنىسى بار بولغاچقا ، دائىم تاۋارلارنىڭ يەككە باھاسىنىمۇ بىلدۇردىغان بەلگە ھېسابلىنىدۇ .
ئامىركىلىق بىر كومپىيوتېر ئىنجىنىرى thols دىگەن كىشى @ ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ ئىلىكتېرون پوچتا يوللانمىسى ، يەنى ئېلخەتنىڭ ئورنىنى بىلدۇردىغان ئورۇندا ئىشلەتكەن . ئابۇنېتلارنىڭ توردا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلخەت يوللىشىغا قولايلىق قىلىش ئۇچۇن 1971 - يىلى ئۆزى باشقۇرۋاتقان كومپىيوتېر شىركىتىدە @ بەلگىسىنى ئېلخەت ئادېرسىنىڭ ئورنىنى بىلدۇردىغان بەلگە قىلىپ بىكىتكەن . ئۇ ئادەم ئىسىملىرىدە پەقەتلا ئىشلىتىلمەيدىغان بۇ بەلگە @ نىڭ < .... دە > دىگەن مەنىسىگە تەقلىد قىلىپ ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئورۇندىكى مەلۇم ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە بولىشىنى مۇۋاپىق كۆرگەن . شۇنۇڭدىن باشلاپ @ دىگەن بەلگە تور دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان بەلگە بولۇپ قالغان . -
سان ۋە سانلىق قانۇنىيەتلەردىكى گۈزەللىك - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
1·9 +2=11
12·3+9=111
123·4+9=1111
1234·5+9=11111
12345·6+9=111111
123456·7+9=1111111
1234567·8+9=11111111
12345678·9+9=111111111
123456789·10+9=1111111111
9·7+9=88
98·6+9=888
987·5+9=8888
9876·4+9=88888
98765·3+9=888888
987654·2+9=888888
9876543·1+9=8888888
98765432·0+9=88888888 -
« 0 » بىلەن « يوق » بىر گەپمۇ ؟ - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
« يوق » ھەرگىز بىر گەپ ئەمەس
ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان رەقەملەر بۇندىن 5000 يىل بۇرۇن ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن ، ئۇنىڭدىن 3000يىل كېيىن رىم رەقەملىرى كەشىپ قىلىنغان . ئارقىدىن مىقدارلارنىڭ سانلىق قىممىتى بىلەن ئۇلارنىڭ يۆنۇلۇشىنى ئىپادىلەش زۆرۇرىيىتىدىن مەنفى سانلار بارلىققا كەلگەن . ئارقىدىن باشقا بارلىق سانلارغا نىسبەتەن تىخىمۇ باي مەزمۇنغا ئىگە ، بىر پۇتۇن ساننىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويسا ، ئۇ سان ئون ھەسسە ئىشىپ كىتىدىغان « 0 » بارلىققا كەلگەن . « 0 » بارلىققا كىلىشى بىلەنلا ، ئۇ مۇستەقىل بىر رەقەم بولۇپ قالدى . « 0 » سان ئوقىدا باشلىنىش نوقتىسىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇ مۇسبەت سانمۇ ئەمەس ، مەنفى سانمۇ ئەمەس. ئۇ سانلار دۇنياسىدىكى بىردىن - بىر نېترال سان . مۇسبەت ۋە مەنفى سانلارنىڭ ئارلىقىدىكى « چېگرا » سان.
تەقرىبىي ھىسابلاشلاردا 4.5 بىلەن 4.50 نىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ . 4.5 بولسا 0.1 گىچە ئېنىقلىقتا ئېلىنغانلىقنى ، 4.50 بولسا 0.01 گېچە ئېنىقلىقتا ئېلىنغانلىقنى كۆرسىتىدۇ . توپ مۇسابىقىلىرىدە خاتىرلەنگەن 0: 1 ۋە 2:0 لەر ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم بولماستىن ، ئىككى ساننى يانمۇ - يان يىزىپ بىر - بىرسىگە سىلىشتۇرۇشنىلا ئىپادىلەيدۇ . چۇنكى ماتىماتىكىدا بۆلگۇچى « 0 » بولغان ئارېفمىتىكىلىق ئىپادە ، مەخرىجى « 0 » بولغان كەسىر ۋە ئاخىرقى ئەزاسى « 0 » بولغان نىسبەتلەر مەنىسىزدۇر . -
ئۇيغۇر نەققاشلىقى ۋە ماتېماتىكا - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-01-14
ماتېماتىكىنىڭ گۈزەل سەنئەتتە قوللىنىشى نەزەرىيە جەھەتتىن ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بىز قەدىمكى ئىنسانلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت يالدامىلىرىغا چۈشۈرۈلگەن بېزەكلەر ۋە ھەر خىل شەكىل بەلگىلەردىن ئىپتىدائىي ماتېماتىكىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرەلەيمىز. گەرچە قەدىمكى دەۋرلەردىكى سەنئەتكارلار نۇسخا لاھىيىلىگەندە ھەر خىل شەكىللەرنى ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش قائىدىلىرى بويىچە بىرمۇ بىر ھېساپلاپ سىزىپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئامما كۆڭۈلدىكىدەك بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن شەكىل قۇرۇلمىلىرىنى مەلۇم نىسبەت بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت لاھىيىلەش پرىنسىپىنى ھېس قىلغان ھەمدە شۇ ئاساستا ھەر خىل بېزەك، شەكىللەرنى ئىجاد قىلغان .
مەلۇمكى، نەققاشلىق بىر خىل گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش جەريانىدۇر. ئۇنىڭدىكى سىممېترىك بولۇش، چەكسىز داۋاملىشىش، ئەركىن كېسىشىش، مەلۇم بىر نۇقتىنى مەركەز قىلىش...... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىدا دائىم ئۇچراپ تۇتىدىغان، ھېساپلاش قائىدىلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان جەريانلاردۇر. تەڭپۇڭ بولۇش، نىسبەتلىك بولۇش دېگەنلەرمۇ دەل مۇشۇ جەريانلارنىڭ مۇۋاپىق، توغرا بولۇشى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت پرىنسىپلىرىدۇر. بىر نەچچە خىل شەكىلدىكى بۇلۇڭ گرادۇسلىرىنىڭ ئۆزگەرمەي دەۋر قىلىشى، پاراللېل سىزىقلارنىڭ تەكشى داۋاملىشىشى ياكى قۇرۇما سىزىقلىرىنىڭ بىر خىل بولۇشى دېگەنلەرمۇ بىر مۇكەممەل نەقىش نۇسخىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك لاھىيىلەش پرىنسىپلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش جەريانى ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. -
چەمبەرنىڭ سىرى - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2009-01-14
ماتىماتىكىلىق ئۇقۇم بويىچە ئىيىتقاندا ، چەمبەر دىگىنىمىز _ بىر نوقتىدىن تەڭ يىراقلىقتا ياتقان نوقتىلار توپلىمىدىن ئىبارەت. چەمبەر تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىنسانلارنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ ؛ بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەبىئى شەكىللەنگەن بولسا ، بەزىلىرىنى ئىنسانلار سۇنئى ئۇسۇلدا شەكىللەندۇرگەن. سىز بۇ چەمبەرلەرنى ئىنچىكە كۇزەتسىڭىز نۇرغۇن سۇئاللىق ئويلارغا چۆكۇسىز :
___ قۇياش ، ئاي ۋە يەر شارى نىمە ئۇچۇن چەمبەرنى بىرلىك قىلىپ شەكىللەنگەن ، ئۇلار نىمىشقا چاسا ياكى ئۇچ بۇرجەك ئەمەس ؟
___ دەرەخ ۋە ئۆسۇملۇكلەرنىڭ غولى توغرا كەسمىسى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە بولىدۇ ، نىمىشقا يۇمۇلاق ئۆسىدۇ؟
___ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قان تومۈرىنىڭ كەسمە يۇزى نىمىشقا چەمبەر شەكىلدە ؟
___ نىمىشقا ئاددى قاچا- قۇچىلاردىن تارتىپ دورا تابلېتكىسىغىچە چەمبەر (يۇمۇلاق ) شەكىلدە ياسىلىدۇ ؟
___ ................