-
رىشات ئابدۇروسۇل تەبىئى پەن دوكتورى. كانادا سىمون فراسەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پوست-دوكتۇر(دوكتۇر ئاشتى) تەتقىقاتچىسى. ماتېماتىكىلىق كونترول نەزىرىسى ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. رىشات ئابدۇروسۇل 1962-يىلى 7-ئايدا غۇلجا شەھەردە تۇغۇلغان. 1979-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1984-يىلى 9-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئۇ 1988-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ 3-قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتېتى تەبىئى پەن-سانائەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇچۇر فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ، 1991-يىلى 6-ئايدا شەخسى راسخوتى بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن قايتا ياپونىيىگە چىققان، ھەم بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغان فاكۇلتېتتا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئوقۇغان. 1996-يىلى 9-ئايدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە ۋاقىتلىق ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلى 4-ئايدىن 1999-يىلى 3-ئايغىچە كومپيۇتېر شىركىتى «Algo21 corporation» دا كومپيۇتېر ئىنزھېنېرى بولۇپ ئىشلەپ، CAM(Computer Aided Manufacturing) سىستېمىسىنى تەتقىق ھەم ياساش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1999-يىلى ئۈزى ئوقۇغان مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ، كەسپى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشقان. ئۇ 2004-يىلى لېكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ COE تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ قاتنىشىپ «Human Adaptive Mechatronics» يەنى ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ماسلىشالايدىغان ئېلېكتر مېخانىك سايمانلىرى (روبوت -- ماشىنا ئادەم) توغرىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 2005-يىلى 10-ئايدا ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۈچمەن بولۇپ بارغان بولۇپ، ھازىر كانادانىڭ Vancouver شەھەردە تۇرىدۇ. -
ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىملىرى (5) بىلال ئىلياس - [ماتېماتىكا ئالىملىرى]
2010-07-30
بىلال ئىلياس تەبىئى پەن ماتېماتىكا دوكتورى. ياپونىيە رىتسۇمەئىكان ئۇنۋېرسىتېنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ماتېماتىكا ۋە CALL سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىلال ئىلياس 1958-يىلى 1-ئايدا سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1982-يىلى 2-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپنىڭ ئۈزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن 13 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ ياپونىيە كيوتو ساڭيو ئۇنۋېرسىتې تەبىپەن ئىنىستۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا قوبۇل قىلىنغان ، 1986-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇپ، 1988-يىلى 3-ئايدا ماتېماتىكا كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىنى ئالغان. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ 1988-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فاكۇلتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە كومپيۇتېر تىللىرى قاتارلىق دەرسلەرنى بېرىش بىلەن بىللە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ مۇكاپاتلارغا ئەرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، فورتران77 تىلىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنىڭ پروگراممىلىرى(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى) دېگەن ئالى مەكتەپلەر دەرىسلىگىنى نەشر قىلغان. بىلال ئىلياسنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرى كۈزگە كۈرۈنەرلىك بولغانلىقتىن , 1991-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسورلۇققا ئۈستۈرۈلگەن -
ئالىملار توخۇنىڭ تۇخۇمدىن بۇرۇن پەيدا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-07-30
ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ، تۇخۇم پەقەت بىر خىل خىمىيىلىك ماددىنىڭ كاتالىزاتورلۇقى ئاستىدىلا شەكىللىنىدىغان بولۇپ ، بۇ ماددا پەقەت توخۇنىڭ تۇخۇمدىنىدا مەۋجۇت بولىدىكەن . يەنى بۇ ماددا OC-17 ناملىق بىر خىل ئاقسىل بولۇپ ، تۇخۇم شەكىللىنىش جەريانىدا كاتالىزاتورلۇق رول ئويناپ ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،تۇخۇم سېرىقىنىڭ چۈجىگە ئايلىنىش جەريانىدا قوغداش رولىنى ئۆتەيدىكەن . ئالىملار تۇخۇمنىڭ توخۇ تېنىدا ھاسىل بولۇش ، تۇغۇلۇش ۋە چۈجىگە ئايلىنىش جەريانلىرىنى كومپيۇتېردا كۆزىتىش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق توخۇ بولغاچقىلا ئاندىن تۇخۇم بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان .
-
فۇنكسىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-30
17-ئەسىردە ئالىملار ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئورنىنى ھېسابلاش، يىراق مۇساپىلىق دېڭىز قاتنىشىدىكى مېرىدىئان ۋە پاراللىلنى ئۆلچەش، زەمبىرەك ئوقى تىزلىكىنىڭ ئوقنىڭ ئىگىزلىكى ۋە مۇساپىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش دىگەندەك ھەركەتكە دائىر مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغان. ھالبۇكى، بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىككى ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە مۇشۇ مۇناسىۋەتكە ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى، مانا بۇلار فۇنكسىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدۇر.
«function» سۆزىنى ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيىلىك ماتېماتىك لېيبنىس (1646----1716) 1692-يىلى ئىشلەتكەن. جۇڭگودا چىڭ دەۋرىدىكى ماتېماتىكا ئالىمى لى شەنلەن (1811---1882-يىللار) 1859-يىلى ئەنگلىيىلىك دىن تارقاتقۇچى ۋېلېيالى بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان «ئالگېبرا، دىففېرېنسىئال- ئىنتېگرال بىلىملىرى ھەققىدە تەرمىلەر» دىگەن كىتابىدا «function» ئاتالغۇسىنى تۇنجى بولۇپ «函数» دەپ تەرجىمە قىلغان، بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچە «فۇنكسىيە» دەپ ئاھاڭدا تەجىمە قىلىنىدۇ.
-
ماتېماتىك ۋېتا ۋە ۋېتا تېئورىمىسى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-17
ۋېتا 16 - ئەسىردە ئۆتكەن فرانسىيە ماتېماتىكى، ئۇ ئەڭ بۇرۇن سان ئورنىغا ھەرپ قوللانغانلارنىڭ بىرى. ئۇ بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە نى تەتقىق قىلغاندا، تەڭلىمىنىڭ v ئىككى يىلتىزى1 x2, x لەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان:
مانا بۇ ۋېتا تېئورېمىسىدۇر.
-
ماتېماتىك ئېۋكلىدبۈيۈك يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» بىلەن بىللە شۆھرەت قازانغان. بۇ دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەڭ تارالغان ماتېماتىكا ئەسىرى بولۇپ،2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېماتىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ كەلمەكتە، كوپېرنىك، گالىلېي، دېكارت، نيۇتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئېۋكلىد ئۆمرىدە نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئومۇم ئېتىراب قىلغان بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىغا ئايلاندۇرۇپ، فورمال لوگىكا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئاكسىئوما، ئېنىقلىمىنى چىقىش قىلغان، ھۆكۈملۈكلەرنى ئىسپاتلاپ تېئورېمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر يۈرۈش گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، بىر مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما − گېئومېتىرىيىنى شەكىللەندۈردى. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا23 ئېنىقلىما،5 پوستولات،5 ئاكسىئوما،467 ھۆكۈملۈك بار.ماتېماتىك ئېۋكلىدنىڭ گىگانت ئەسىرى
«گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» ئەسلى نۇسخىسىنىڭ پارچىسى -
ناپېر ھېسابلاش سىزغۇچى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-17
ماتېماتىك ناپېر(1550~1617)ناپېر تاياقچىسى ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان قورال بولۇپ، «ناپېر ھېسابلاش سىزغۇچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى لوگارىفمىنىڭ كەشپىياتچىسى ناپېر كەشىپ قىلغان. ئۇ10 تال تاياقچىدىن تەركىب تاپقان، تاياقچىلارغا رەقەملەر ئويۇلغان، ئوڭ تەرەپتىكى بىر تال تاياقچە مۇقىم بولىدۇ. قالغانلىرىنى ھېسابلاش ئېھتىياجغا قاراپ بىرىكتۈرگىلى ياكى ئورۇنلىرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ (رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك). ناپېر تاياقچىسىدا قوشۇش ۋە بىر خانىلىق سانلارنى كۆپەيتىشنى كۆپ خانىلىق سانلارنى كۆپەيتىشنىڭ ئورنىغا، شۇنىڭدەك، بۆلگۈچىسى بىر خانىلىق سان بولغان بۆلۈش ۋە ئېلىشنى كۆپ خانىلىق سانلارنى بۆلۈشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ناپېر تاياقچىسىدا ھېسابلاش پرىنسىپى «كاتەكچىلەرنى كۆپەيتىش» تىن ئىبارەت. مەسىلەن،314 ×934 نى ھېسابلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى3 كاتەكچىگە تەڭ چاسا كاتەك سىزىپ، ئاندىن يانتۇ سىزىقلارنى سىزىمىز؛ چاسا كاتەكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە9 ،3 ،4 لەرنى، ئوڭ تەرىپىگە3 ،1 ،4 لەرنى يازىمىز؛ ئۈستى تەرىپىدىكى سانلارنى ئوڭ تەرەپتىكى سانلارغا ئايرىم - ئايرىم كۆپەيتىپ، چىققان كۆپەيتمىلەرنى كاتەكچىلەرگە يازىمىز؛ ئاخىرىدا ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجەكتىن باشلاپ ئۈچبۇلۇڭلۇق كاتەكچىلەردىكى سانلارنى يانتۇ سىزىق بويىچە قوشىمىز، زۆرۈر تېپىلسا، كۆڭۈلدە قالغان ساننى كېيىنكى خانىغا قوشىمىز، شۇنىڭ بىلەن كۆپەيتمە293276 كېلىپ چىقىدۇ. ناپېر تاياقچىسى كاتەكچىلەرنى كۆپەيتكەندە كاتەكچە تولدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئالدىن -
ئېھرام ۋە پاپىروس يېزىقى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-17
مىسىردىكى دۇنياغا مەشھۇر ئېھرام نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى، لايىھىلىنىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ياسىلىشىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەڭ چوڭ خوف ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكى5 .146 مېتىر (ھازىر بۇزۇلغان بولسىمۇ ئېگىزلىكى يەنە137 مېتىر كېلىدۇ)، كۋادرات شەكىللىك ئۇلىنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى233 مېتىر (ھازىر227 مېتىر) كېلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئاساس تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇق پەرقى ئاران6 .1 سانتىمېتىرلا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ1/14600 ىگىلا توغرا كېلىدۇ؛ ئۇلىدىكى تىك بۇلۇڭلارنىڭ پەرقى ئاران″12 لا بولۇپ، تىك بۇلۇڭنىڭ 1/17000ىچىلىك كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئېھرامنىڭ تۆت تەرىپى شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمالغا قاراپ تۇرىدۇ. كۋادرات شەكىللىك ئۇلىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ دەل شىمال يۆنىلىشتىن ئېغىش پەرقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ″30′2 ۋە ″30′5 كېلىدۇ. ئالىملار شۇنچە ئېگىز ئېھرامنىڭ مۇنداق نەپىس ياسالغانلىقىدىن قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ مول گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندى. ئالىملارنىڭ بۇ قىياسى قەدىمكى مىسىرلىقلاردىن قېپقالغان پاپىروس يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئىسپاتلاندى. ئىلگىرى، نىل دەرياسى دېلتىسىدا شەكلى قومۇشقا ئوخشايدىغان بىر خىل سۇ ئۆسۈملۈكى − پاپىروس ئوتى ناھايىتى مول ئىدى، قەدىمكى مىسىرلىقلار بۇ ئوتنى بويىغا ئۇششاق يېرىپ، رەتلىك پرېسلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا خەت يازغان، بۇ پاپىروس يېزىقى دەپ ئاتالغان.
-
قەدىمكى ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-17
ھىندىستان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەت، قەدىمكى ھىندىلارنىڭ قەدىمكى ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى ھىندى بۇدداسىنىڭ ئالىقىنىدىكى گۆھەردەك كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى3 - ئەسىردە، ھىندىستاندا سان خاتىرىلەيدىغان بەلگىلەر بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە200 - يىلىدىن1200 - يىلىغىچە قەدىمكى ھىندىلار رەقەم بەلگىسى بىلەن0 بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋالغان، بۇ بەلگىلەر بەزى ئەھۋاللاردا ھازىرقى رەقەملەر بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىلار ماتېماتىكىغا ئونلۇق سىستېمىدىكى سانلارنى كىرگۈزۈپ ۋە رەقەمنىڭ ئورۇن قىممىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سانلار ئۈستىدىكى ئەمەللەرنى زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇردى ۋە سان خاتىرىلەش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.مەسىلەن، قەدىمكى بابىلۇندا كىچىك بەلگە ▼ ئارقىلىق ھەم1/60 نى، ھەم نى ئىپادىلىگىلى بولاتتى، ھىندىلار بولسا1 بەلگە ئارقىلىق پەقەت1 بىرلىكنىلا ئىپادىلىدى، ئون، يۈزلەرنى1 نىڭ كەينىگە مۇناسىپ ساندا0 لەرنى يېزىپ ئىپادىلىدى. ھازىرمۇ كىشىلەر سانلارنى مۇشۇنداق خاتىرىلەيدۇ. ھىندىلار ناھايىتى بۇرۇنلا مەنپىي سان ئارقىلىق قەرز ۋە قارشى يۆنىلىشتىكى ھەرىكەتنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار يەنە ئىرراتسىئونال سان ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىي ھېسابلاش داۋامىدا راتسىئونال سانلارنى ھېسابلاش باسقۇچلىرىنى ئىرراتسىئونال سانلارغا تەتبىقلىغان، ئۇلار يەنە بىرىنچى دەرىجىلىك ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنى يەشكەن. ھىندىستان ماتېماتىكىسى گېئومېتىرىيە جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ترىگونومېتىرىيىگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. بۇ قەدىمكى ھىندىلارنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقاتىغا بېرىلگەنلىكىنىڭ قوشۇمچە ھاسىلاتىدۇر. مەسىلەن، ئۇلار ھېسابلاشتا ئۈچ خىل مىقدار ئىشلەتكەن: بىر خىلى ھازىرقى سىنۇسقا، بىر خىلى كوسىنۇسقا توغرا كېلىدۇ، يەنە بىر خىلى مۇسبەت ۋېكتور بولۇپ، 1- cos aگە تەڭ ئىدى، بۇ ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ. ئۇلار يەنە ترىگونومېتىرىيىلىك مىقدارلار ئوتتۇرىسىدىكى بەزى مۇناسىۋەت ئىپادىلىرىنىمۇ بىلگەن. مەسىلەن، sin2 A =2sinA cosA, cos(90°-A)=sinA قاتارلىقلار. ئۇلار يېرىم بۇلۇڭ ئىپادىسىدىن پايدىلىنىپ بەزى ئالاھىدە بۇلۇڭلارنىڭ ترىگونومېتىرىيىلىك قىممىتىنى ھېسابلىغان. -
يەتتە كۆۋرۈك مەسىلىسى ۋە ئورۇن گېئومېتىرىيىسى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-17
18 - ئەسىردە شەرقىي پروسسىيىدە (ھازىر ئاۋسترىيىگە قارايدۇ) كيونىگسبېرگ دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەردە يەتتە كۆۋرۈك بولغانىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، بۇ كۆۋرۈكلەردىن سانسىز كىشىلەر ئۆتۈپتۇ. قايسى چاغلاركىن، يەتتە كۆۋرۈك كىشىلەرنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ قاپتۇ. كىشىلەر: بىر سەيلىچى قانداق ماڭسا، بۇ يەتتە كۆۋرۈكنىڭ ھەربىرىدىن بىرلا قېتىم ئۆتۈپ، چىققان جايىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ دېگەن قىزىقارلىق بىر مەسىلىنى غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ.بۇ مەسىلە تەس ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، ھەركىمنىڭ سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. ئەمما، شەھەر بويىچە ھېچكىم بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ. كېيىن، بىر كىم مەشھۇر ماتېماتىك ئەيلېرگە خەت يېزىپتۇ. ئون مىڭلاپ ئادەمنىڭ جاۋاب تاپالمىغىنىغا قاراپ، ئەيلېر بۇ ئېھتىمال مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇ دەپ ئويلاپتۇ.ماتېماتىك ئەيلېر -
ماتېماتىكىدا سانلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ سېلىشتۇرۇلىدۇ. «=» (تەڭ)، «<» (كىچىك)، «>» (چوڭ) لار ماتېماتىكىدا چوڭ - كىچىكلىكنى سېلىشتۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان بەلگىلەردۇر. تەڭلىك بەلگىسى «=»نى ئەنگلىيىلىك رېك ئۆز ئەسىرى «ئەقىلنى روھلاندۇرۇش» تا قوللانغان. بۇ كىتابتا تەڭلىك بەلگىسى «=» بىلەن ئىپادىلەنگەچكە، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىققان. ماتېماتىكىدا تەڭلىك بەلگىسى «=» ھەم ئىككى ساننىڭ بىر - بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى، ھەم ئىككى ئىپادىنىڭ بىر - بىرىگە تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مەيلى قانداقلا تەڭلىكنى سېلىشتۇرۇش بولسۇن، ئۇلار تۆۋەندىكى قائىدىگە بويسۇنىدۇ: (1) ئەگەر a=b بولسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق سان c غا نىسبەتەن a±c=b±c (2) ئەگەر a=b بولسا، ئۇ ھالدا a=b بولىدۇ؛ (3) ئەگەر a=b، b=c بولسا، ئۇ ھالدا a=c بولىدۇ؛ (4) ئەگەر a=b بولسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق سان c غا نىسبەتەن ac=bc بولىدۇ. ئۇلارنى ئەنگلىيە ماتېماتىكى ئاۋتلېر «ماتېماتىكىغا كىرىش» دېگەن كىتابىدا ئىشلەتكەن، كېيىن يەنە بىر ئەنگلىيە ماتېماتىكى خاررىئوت ئۇنى «>» ۋە «<» شەكلىگە ئۆزگەرتكەن. ماتېماتىكىدا تەڭ بولۇش مۇناسىۋىتىلا ئەمەس، نۇرغۇن تەڭ بولماسلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ مەۋجۇت بولغانلىقتىن، تەڭسىزلىك بەلگىسىمۇ ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدۇ، تەڭ بولماسلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلانغاندا، تۆۋەندىكى قائىدىلەرگە بويسۇنۇش كېرەك (a، b لار ھەقىقىي سان): (1) ئەگەر a>b بولسا، ئۇ ھالدا b<a بولىدۇ؛ (2) ئەگەر a>b بولسا، ئۇ ھالدا ھەرقانداق ھەقىقىي سان c غا نىسبەتەن، a±c>b±c بولىدۇ؛ (3) ئەگەر c,a>b نۆلدىن چوڭ ھەقىقىي سان بولسا، ئۇ ھالدا ac>bc بولىدۇ؛ (4) ئەگەر c,a>b نۆلدىن كىچىك ھەقىقىي سان بولسا، ئۇ ھالدا ac<bc بولىدۇ؛ (5) ئەگەر b>c، a>b بولسا، ئۇ ھالدا a>c بولىدۇ. كومپيۇتېر تىلىدىمۇ «=» بەلگىسى ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن كومپيۇتېردىكى «=» باشقا بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، a=b دېگەن ئىپادە a مىقدار b مىقدار ۋەكىللىك قىلغان قىممەتنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
-
چەمبەر تۇراقلىقى π نىڭ قىممىتى- چەمبەر ئايلانما ئۇزۇنلىقىنىڭ ( پىرېمىتېرى) دېئامىتىرغا نىسبىتىنى بىلدۇرىدۇ . يەنى، دېئامىتېرى 1 بولغان چەمبەرنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى π غا تەڭ بولىدۇ. بۇنى ئېنتىگرال قائىدىسى بىلەن ئىپادىلىسەك:
تارىختىن بېرى تۇرلۇك ئۇسۇللار π نىڭ قىممىتىنى ھېسابلاشقا تەدبىقلانغان، ئەگەر An,Bn لەر ئارقىلىق بىرلىك چەمبەرگە ئىچىدىن ۋە .
سىرتىدىن تىگىشكەن مۇنتىزىم n ياقلىقنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىسەك، بولغانلىقى ئۈچۈن :
π نىڭ ئونلۇق كىسىر چىكىتىدىن كىيىنكى 200 خانىسى تۆۋەندىكىدەك : -
خەلىقئارا " π بايرىمى " - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-16
ماتېماتىكىدىكى چەمبەر تۇراقلىقى π نىڭ دەسلەپكى ئۇچ خانىسىدىكى سانلار 3.14 بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۇنى خەلىقئارا " π بايرىمى " قىلىپ بىكىتىلگەن. ھەر يىلقى بايرامدا دۇنيادىكى بارلىق π ھەۋەسكارلىرى ئىختىيارى يىغىلىپ ، چەمبەر تۇراقلىقى ( π ) ھەققىدە ئەركىن پىكىرلىشىدۇ، پېيسا قاتلىمى يېيىشىدۇ ( پېيسا قاتلىمىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمىنىڭ ئالدىنقى ئوقۇلىشى pie چەمبەر تۇراقلىقى π نىڭ ئوقۇلىشى بىلەن ئاھاڭداش ) ، π نىڭ قىممىتىنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتە يادىلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۇزىدۇ. ئىشقىلىپ ، π غا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بايرامنىڭ باش تېمىسىدۇر. يۇقارقى رەسىم بۇ يىللىق " π بايرىمى " دا ئامىرىكا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان π نىڭ بىر قانچە لايىھەسى .
-
بىر يۇرۇش ماتېماتىكىلىق سائەتلەر - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-07-14
-
فىرانسىيەلىك بىر ئاناتومىيە ئالىمى ئادەم تىنى ۋە كىشىلىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك بىر گۇرۇپپا قىزىقارلىق رەقەملەرنى توپلىعان . ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسنىڭ پوستلاق قەۋىتىنى كىرىپ ، قاتلاملىرىنى تۈزلەپ سىرىسا ، قىلىنلىقى ئۈچ مېللىمىتىر ، كۆلىمى 90*60 كىۋادرات سانتمىتىر بولغان بولاق پىرەنىككە ئېرىشكىلى بولىدىكەن . ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1424 گرام ، قېرىغاندا بولسا 1395 گرام كېلىدىكەن ، ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىق رېكورتى 2049 گرام ئىكەن . توققۇز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېنوزاۋورنىڭ چوڭ مېڭىسى پەقەت ياڭاق چوڭلۇقىدا بولۇپ ، ئېغىرلىقى 70 گرام كېلىدىكەن .
ئادەم نېرۋا سىستىمىسىنىڭ سېگنال يەتكۈزۈش سۈرئىتى سائىتىگە 288 كىلومىتىرغا يېتىدىكەن . قېرىلىق مەزگىلىگە بارغاندا سۈرئىتى % 15 ئاستىلايدىكەن .
ئادەم تىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى توققۇز سانتىمىتىز ، ئېغىرلىقى 50 گرام كېلىدىكەن . تىل 17 تال مۇسكۇلدىن تەركىب تاپىدىكەن ، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ھەرىكەتچان بولىدىكەن .
ياش چوڭايغانسىرى قۇلاق ئۇزىرايدىكەن . ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 يىلدا قۇلاق 2.2 مىللىمىتىر ئۇزىرايدىكەن . ئادەمدە 1 - 3 مىليۇن تال چاچ بولىدىكەن . ئەرلەر ساتىراچخانىغا قەرەللىك بارسا، ئۆمرىدە چۈشۈرۈۋەتكەن چېچى تۇققۇز مېتىردىن 10 مېتىرغىچە بولىدىكەن .