ماتېماتىك ناپېر
(1550-1617)
ناپېر تاياقچىسى ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرىدىغان قورال بولۇپ، «ناپېر ھېسابلاش سىزغۇچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنى لوگارىفمىنىڭ كەشپىياتچىسى ناپېر كەشىپ قىلغان. ئۇ10 تال تاياقچىدىن تەركىب تاپقان، تاياقچىلارغا رەقەملەر ئويۇلغان، ئوڭ تەرەپتىكى بىر تال تاياقچە مۇقىم بولىدۇ. قالغانلىرىنى ھېسابلاش ئېھتىياجغا قاراپ بىرىكتۈرگىلى ياكى ئورۇنلىرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ (رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك). ناپېر تاياقچىسىدا قوشۇش ۋە بىر خانىلىق سانلارنى كۆپەيتىشنى كۆپ خانىلىق سانلارنى كۆپەيتىشنىڭ ئورنىغا، شۇنىڭدەك، بۆلگۈچىسى بىر خانىلىق سان بولغان بۆلۈش ۋە ئېلىشنى كۆپ خانىلىق سانلارنى بۆلۈشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ، ھېسابلاشنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ناپېر تاياقچىسىدا ھېسابلاش پرىنسىپى «كاتەكچىلەرنى كۆپەيتىش» تىن ئىبارەت. مەسىلەن،314 ×934 نى ھېسابلاش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى3 كاتەكچىگە تەڭ چاسا كاتەك سىزىپ، ئاندىن يانتۇ سىزىقلارنى سىزىمىز؛ چاسا كاتەكنىڭ ئۈستى تەرىپىگە9 ،3 ،4 لەرنى، ئوڭ تەرىپىگە3 ،1 ،4 لەرنى يازىمىز؛ ئۈستى تەرىپىدىكى سانلارنى ئوڭ تەرەپتىكى سانلارغا ئايرىم - ئايرىم كۆپەيتىپ، چىققان كۆپەيتمىلەرنى كاتەكچىلەرگە يازىمىز؛ ئاخىرىدا ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجەكتىن باشلاپ ئۈچبۇلۇڭلۇق كاتەكچىلەردىكى سانلارنى يانتۇ سىزىق بويىچە قوشىمىز، زۆرۈر تېپىلسا، كۆڭۈلدە قالغان ساننى كېيىنكى خانىغا قوشىمىز، شۇنىڭ بىلەن كۆپەيتمە293276 كېلىپ چىقىدۇ. ناپېر تاياقچىسى كاتەكچىلەرنى كۆپەيتكەندە كاتەكچە تولدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئالدىن
تەييارلىۋالغانلىقتىن باشقا بىرنەرسە ئەمەس. قايسى سانلار لازىم بولسا، شۇ سانلار ئويۇلغان تاياقچىلار كاتەكچە كۆپەيتىش شەكلى بويىچە بىرىكتۈرۈلىدۇ. ناپېر تاياقچىسى جۇڭگوغىمۇ كىرگەن، ھازىر بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ (خان سارىيى) مۇزېيىدا ئۇنىڭ نۇسخىسى ساقلانماقتا.
ناپېر ھېسابلاش سىزغۇچى