-
يەتتە كۆۋرۈك مەسىلىسى ۋە ئورۇن گېئومېتىرىيىسى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-07-17
18 - ئەسىردە شەرقىي پروسسىيىدە (ھازىر ئاۋسترىيىگە قارايدۇ) كيونىگسبېرگ دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەردە يەتتە كۆۋرۈك بولغانىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، بۇ كۆۋرۈكلەردىن سانسىز كىشىلەر ئۆتۈپتۇ. قايسى چاغلاركىن، يەتتە كۆۋرۈك كىشىلەرنىڭ ئىلھامىنى قوزغاپ قاپتۇ. كىشىلەر: بىر سەيلىچى قانداق ماڭسا، بۇ يەتتە كۆۋرۈكنىڭ ھەربىرىدىن بىرلا قېتىم ئۆتۈپ، چىققان جايىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ دېگەن قىزىقارلىق بىر مەسىلىنى غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ.بۇ مەسىلە تەس ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، ھەركىمنىڭ سىناپ باققۇسى كېلىدۇ. ئەمما، شەھەر بويىچە ھېچكىم بۇنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ. كېيىن، بىر كىم مەشھۇر ماتېماتىك ئەيلېرگە خەت يېزىپتۇ. ئون مىڭلاپ ئادەمنىڭ جاۋاب تاپالمىغىنىغا قاراپ، ئەيلېر بۇ ئېھتىمال مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇ دەپ ئويلاپتۇ.ماتېماتىك ئەيلېر1736 - يىلى ئۇ بۇ ئويىنى ئىسپاتلاپتۇ. ئەيلېر ئىككى ئارالنى D،C ھەرپلىرى بىلەن، شىمال - جەنۇب قىرغاقلارنى B،A ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ، ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىقلار بىلەن ئىككى پارچە قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈكلەرنى ئىپادىلەپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتە كۆۋرۈك مەسىلىسى «بىرلا سىزىپ چىقىش» مەسىلىسىگە ئايلىنىپتۇ.رەسىمدىن كۆرۈش مۇمكىنكىD،C،B،A لارنىڭ ھەممىسى تاق ساندىكى سىزىقلار بىلەن تۇتىشىدۇ. شۇڭا، ئەيلېر: بۇ شەكىلگە نىسبەتەن بىرلا سىزىپ چىقىش ئۇسۇلى مەۋجۇت بولمىغانلىقتىن، يەتتە كۆۋرۈكتىن تەكرارلىماي ئۆتىدىغان يولمۇ مەۋجۇت ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلىپتۇ. «يەتتە كۆۋرۈك مەسىلىسى» بىر گېئومېتىرىيىلىك مەسىلە، بىراق، ئۇ ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسىدە تەتقىق قىلىنمايدۇ. ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسىدە پۈتۈنلەي گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى، بۇلۇڭى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسىيەتلەر تەتقىق قىلىنىدۇ. «بىرلا سىزىپ چىقىش» مەسىلىسىدە بولسا، سىزىقلارنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، تۈز - ئەگرىلىكى، كېسىشىش نۇقتىلىرىنىڭ ئېنىق ئورنى قاتارلىقلار مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى نۇقتا، سىزىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، يەنى تۇتاش ئەھۋاللاردۇر.شۇڭلاشقا، ئەيلېر بۇ گېئومېتىرىيىنىڭ يېڭى بىر تارمىقى بولۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلاپ، لېيبنزنىڭ گېپى بويىچە ئۇنى «ئورۇن گېئومېتىرىيىسى» دەپ ئاتايدۇ历史上的今天:
ماتېماتىك ۋېتا ۋە ۋېتا تېئورىمىسى 2010-07-17ناپېر ھېسابلاش سىزغۇچى 2010-07-17ئېھرام ۋە پاپىروس يېزىقى 2010-07-17
收藏到:Del.icio.us
<< ماتېماتىكىدىكى تەڭ (=)، كىچىك (<)، چوڭ (>) بەلگىلىرى | باش بەت | قەدىمكى ھىندىلارنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى >>