مىسىردىكى دۇنياغا مەشھۇر ئېھرام نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتى، لايىھىلىنىشىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ياسىلىشىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن سانسىزلىغان ساياھەتچىلەرنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، ئەڭ چوڭ خوف ئېھرامىنىڭ ئېگىزلىكى5 .146 مېتىر (ھازىر بۇزۇلغان بولسىمۇ ئېگىزلىكى يەنە137 مېتىر كېلىدۇ)، كۋادرات شەكىللىك ئۇلىنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى233 مېتىر (ھازىر227 مېتىر) كېلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئاساس تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇق پەرقى ئاران6 .1 سانتىمېتىرلا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ1/14600 ىگىلا توغرا كېلىدۇ؛ ئۇلىدىكى تىك بۇلۇڭلارنىڭ پەرقى ئاران″12 لا بولۇپ، تىك بۇلۇڭنىڭ 1/17000ىچىلىك كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئېھرامنىڭ تۆت تەرىپى شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمالغا قاراپ تۇرىدۇ. كۋادرات شەكىللىك ئۇلىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ دەل شىمال يۆنىلىشتىن ئېغىش پەرقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ″30′2 ۋە ″30′5 كېلىدۇ. ئالىملار شۇنچە ئېگىز ئېھرامنىڭ مۇنداق نەپىس ياسالغانلىقىدىن قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ مول گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندى. ئالىملارنىڭ بۇ قىياسى قەدىمكى مىسىرلىقلاردىن قېپقالغان پاپىروس يېزىقىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن ئىسپاتلاندى. ئىلگىرى، نىل دەرياسى دېلتىسىدا شەكلى قومۇشقا ئوخشايدىغان بىر خىل سۇ ئۆسۈملۈكى − پاپىروس ئوتى ناھايىتى مول ئىدى، قەدىمكى مىسىرلىقلار بۇ ئوتنى بويىغا ئۇششاق يېرىپ، رەتلىك پرېسلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا خەت يازغان، بۇ پاپىروس يېزىقى دەپ ئاتالغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل پاپىروس يېزىقىنىڭ بىر قىسمىنى رەتلەپ چىققاندا،236 - بەتتىكى رەسىمدىكىدەك ھالەتكە كەلگەن.1822 - يىلى فرانسىيىلىك گوبېرلاند ئىسىملىك كىشى ئۇلارنىڭ مەنىسىنى يەشكەندىن كېيىن، كىشىلەر قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ ماتېماتىكىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىشلىرى ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ھاشارغا ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ھەقنى بېكىتىش، ئاشلىق ئامبىرىنىڭ سىغىمى ۋە ئېتىزلارنىڭ كۆلىمىنى تېپىش، يەر كۆلىمىگە ئاساسەن ئېلىنىدىغان يەر بېجىنى مۆلچەرلەش، ئۆي ۋە مۇداپىئە قۇرۇلۇشلىرىنى ياساشقا كېتىدىغان كېسەك سانىنى ھېسابلاش، مەلۇم مىقداردا ھاراق ئېچىتىشقا كېتىدىغان ئاشلىق مىقدارىنى ھېسابلاش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى بىلگەن.
ماتېماتىكىلىق تىل بويىچە ئېيتقاندا، قەدىمكى مىسىرلىقلار قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش ئەمەللىرى ۋە ئاددىي كەسىر ئەمەللىرىنى ئىگىلىگەن؛ ئۇلار بىر نامەلۇملۇق بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ۋە ئىككى نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەر سىستېمىسى ئارقىلىق يېشىلىدىغان ئالاھىدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. پاپىروس يېزىقىدا تەڭ ئايرىمىلىق سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى ۋە تەڭ نىسبەتلىك سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىغا دائىر مەسىلىلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ تىك تۆتبۇلۇڭ، ئۈچبۇلۇڭ، تراپېتسىيىلەرنىڭ يۈزى ۋە پاراللېلېپىپېد، سىلىندىر، كېسىك پىرامىدالارنىڭ ھەجمىنى ھېسابلاش نەتىجىلىرى ھازىرقى زاماندىكى ھېسابلاش قىممىتىگە يېقىنلىشىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار فورمۇلا A=(8/9d)2(بۇ dدىئامېتىرنى كۆرسىتىدۇ) دىن پايدىلىنىپ چەمبەرنىڭ يۈزىنى ھېسابلىغان، بۇنىڭدا π نىڭ قىممىتى1605 .3 بويىچە ئېلىنغانغا باراۋەر كېلىدۇ، بۇ قالتىس بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار مۇشۇنچىلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنىكەن، ئۇلارنىڭ ئېھرامنى ياسىغانلىقىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس
مەنبە: بىلقۇت مۇنبىرى