تۆت ياشلىق قىزچاق 11-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپمۇ ئېغىر يارىلانمىدى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈلۈشكۈن چۈشتىن كېيىن، ئوقۇرمەن خۇڭ ئەپەندى تېز خەۋەرلەر گېزىتىگە بايىلا تۆت ياشلىق بىر قىزچاقنىڭ خاڭجۇ شەھەرلىك 2-دوختۇرخانىغا ئېلىنىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاقنىڭ ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، 11-قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قىزچاق قارىماققا ھېچنىمە بولمىغاندەك كۆرۈنىدىكەن. تۈنۈگۈن چۈشتە، مۇخبىرلار شەھەرلىك 2-دوختۇرخانا بالنېستىنىڭ ئۆپكە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ليۇ ليۇ ئىسىملىك بۇ قىزچاقنى كۆردى. تۆت ياشلىق ليۇ ليۇنىڭ بويى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، چوڭ كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. قاپقارا كالتە چاچلىق بۇ قىزچاقنىڭ ئۆمچەيگەن ئاغزى، قىزارغان ئىشىشىغان كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بايىلا يىغلىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ كېسەل تارىخى دەپتىرىگە «بىمار ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ سول كۆكرەك ئۈچ سائەت ئەتراپىدا ئاغرىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرگەن، ئۈچ سائەت ئاۋۋال بالكوندا ئويناۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن 11-قەۋەتتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەچكە يىغلاپ توختىمىغان. نەپەس ئېلىشى قىيىن، سول تەرەپ كۆكرەك قىسمى بىرئاز بىئارامسىزلىنىۋاتىدۇ. روشەن قان چىقىش ئەھۋالى يوق، ئازراق ئارام ئالغاندىن كېيىن يىغلاشتىن توختىدى. ئەينى ۋاقىتتا ھۇشسىزلىنىش، قۇسۇش ئالامىتى يوق. بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تـەكـشـۈرۈش ھەمـدە داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن، ئەس-ھوشى جايىدا، بەزىدە يىغلاۋاتىدۇ ...» دەپ خاتىرىلەنگەن. مۇخبىرنىڭ شۇ ھويلىكى مومايلاردىن ئىگىلىشىچە، ليۇ ليۇ 11-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا بىر دەرەخكە ئىلىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، چۈشۈش سۈرئىتى ئازراق ئاستىلىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا چۈشۈپ، ئۆزى ئۆمىلەپ قوپۇپ يىغلاپ كەتكەن. ئۇنىڭ 11-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ ھايات قېلىشى پۈتۈنلەي مۆجىزە ھىسابلىنىدىكەن. لېكىن شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، مۆجىزە دائىم يۈز بېرىۋەرمەيدۇ، بۇنداق ساۋاقلارنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك.



خەتكۈچلەر:
07-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
24-03-2016
20-مارت سائەت 14:34 مىنۇت ئۆتكەندە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يۈشىدىكى شىنپىڭ چوڭ ئەترىتى، شىنپىڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ 3-قەۋەتتىكى ئاياللار ھاجەتخانىسى ئىچىدە كىچىك بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى، ھەمدە سۇ چۈشۈرۈش تۇرۇبا ي...
24-03-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى مەخسۇس خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھې، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانلىق شىتابى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان چىڭۋاتەيگە زەربە بېرىش توغرىس...
24-03-2016
يەر شارى تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاجىكىستان پرېزىدېنتى راخمان يېقىندا 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە يېڭى ئۈچ كۈنلۈ...
24-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنتلىقىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىگە، شۇنداقلا ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ خەۋىرى...
24-03-2016
ياۋروئاسىيا تور بېتىنىڭ 24-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: 2015-يىلى ئۆزبېكىستاندا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 554 مىڭ كۆپەيدى. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ نوپۇسى 31 مىليون 576 مىڭ 400 ئادەمگە يەتتى. بۇ ئ...
24-03-2016
سۇمرۇغ تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭغا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. ئەنگلىيە مېدىياسى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ياۋروپا لوڭقسىى 24 كۈچلۈكلەر...
24-03-2016
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، گۇگولنىڭ ئانا شىركىتى Alphabet گۇرۇھى يولغا قويۇلغىلى ئۈچ يىل بولمىغان ماشىنا ئادەم تۈرىنى بىكار قىلىدىكەن، بىرلا ۋا...
24-03-2016
خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتىگەندە ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنىس ئايرېسقا يېتىپ بېرىپ، ئاگېنتىناغا قاراتقان ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىي...
24-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى ياپونىيە مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردەمچى باشلىقى 23-مارت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومى...
24-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە 2015-يىلى بېريۇسېل پارتلىتىش ۋە...
Powered by Leglek