يەر شارى تورى 7- مارت خەۋىرى : باغداش تورىدىن: ئابدۇسالام تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە رىيېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 7- مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىران ئىقتىساد مىنىستىرى ئەلى تاييىبنىيانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئىراننىڭ كۈندىلىك خام نېفىت سېتىش مىقدارى تېزلا 2 مىليۇن تۇڭغا يېتىدۇ، ئىران بۇ يىل يانۋاردا ئىمبارگو بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتتى.
ئىران نېفىت مىنىستىرلىكى ئاگېنتلىقىدىكى شانا تاييىبنىيانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نېفىت بازىرىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىراننىڭ نېفىت سېتىش كۈندىلىك مىقدارى 2 مىليۇن تۇڭلۇق سەۋىيىگە يېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved