كۆپىنچە ئادەملەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، تاماكا چېكىدىغانلار تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا ئورۇق بولىدۇ، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن سەمىرىيدۇ، تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئورۇقلىشىدىكى سەۋەب، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئورگانىزمدا قوڭۇر رەڭ ياغ توقۇلمىسىنىڭ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشنى، پۈتۈن بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، نەتىجىدە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى بىر تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلاندىكى، تاماكا چەككۈچىلەر سەمرىسە ياغ قورسىقىغا يىغىلىدىكەن، ئەمما تاماكا چەكمەيدىغانلار تەكشى سەمىرىيدىكەن. تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، قورساق قىسمى سېمىز كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ قورساق بىلەن ساغرى سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى، يېشى، تەن، قۇرۇلۇشى، تاماكا چېكىش مىقدارى، چېنىقىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاماكا چېكىپ ئورۇقلاش بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەس.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !