كىشىلەر بالىسى تۇغۇلغاندا ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. بىراق نۇرغۇن ياش ئاتا-ئانىلار بالىسىنى قانداق بېقىشنى بىلمىگەچكە, بالا بېقىش بەك تەس تۇيۇلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سىلاپ بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ? ئۇلارنى سىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك?
1. بوۋاقلارنى سىلاپ بەرسە, ئۇلار ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. گۇاڭجۇ شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ۋراچى جاڭ يوۋشياڭنىڭ ئېيتىشىچە, يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىسىنىڭ ئىللىق ھەم راھەت بالىياتقۇسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن, بەدىنىنى تەرتىپلىك سىلاپ بەرسە, تېرە ئارقىلىق مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى غىدىقلىنىپ, بوۋاقتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇپلا قالماي, ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. جاڭ يوۋشياڭ مۇنداق دېدى: « بوۋاقلار سىلاشقا مۇھتاج. ئاتا-ئانىلار بوۋىقىنى مۇۋاپىق سىلاپ بەرسە بوۋاقتىكى ئۆستۈرۈش ھورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ, لىمفا سىستېمىسى غىدىقلىنىدۇ, كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ياخشىلىنىپ, ئۈچەي ۋە ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ». جاڭ يوۋشياڭنىڭ يەنە ئېيتىشىچە, بوۋاقنى سىلاپ بەرگەندە كەيپىياتى ۋە ئۇيقۇسى ياخشىلىنىدىكەن. ئالاقىدار تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە, سىلاش ئاتا-ئانا بىلەن بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي, بوۋاقنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئېشىشىغىمۇ پايدىلىق ئىكەن.
2. ئېمىتىپ بولۇپلا سىلىماسلىق كېرەك. گۇاڭجۇ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سىستېراسى خۇاڭ شياۋچۈننىڭ ئېيتىشىچە, سىلاش تېرىلەرنىڭ ئۆز-ئارا تېگىشىشى بولۇپلا قالماستىن, كۆرۈش سەزگۈسى, ئاڭلاش سەزگۈسى, ھەرىكەت سەزگۈسى ۋە تەڭپۇڭلۇق سەزگۈلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر يەتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن. ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە, چۈشتە ياكى كەچتە ئۇخلىتىشتىن بۇرۇن يەنى بوۋاق ئويغاق ۋاقتىدا سىلىشى, ئۆينىڭ يورۇقلۇقىغا دىققەت قىلىشى, يېنىك مۇزىكىلارنى قويۇپ بېرىشى, بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرىدىغان ياغ, لۆڭگە, ئالماشتۇرىدىغان كىيىملەر, زاكا قاتارلىقلارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشى كېرەك ئىكەن.
خۇاڭ شياۋچۈن ئەسكەرتىدۇكى, ئاتا-ئانىلار بوۋاقنى سىلىغاندا تىرنىقى, زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئېلىۋېتىشى, قولىنى سوپۇنلاپ پاكىز يۇيۇشى,بوۋاقنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىشى لازىم. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى, بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشمىغان, قورسىقى ئاچ ياكى توق ۋاقىتتا, بوۋاق بىئارام بولىۋاتقاندا ياكى چارچىغاندا سىلىماسلىق كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !