ئەر-خوتۇن ئاسان ئۇرۇشۇپ ئاسان ئەپلىشىپ قالىدۇ. بىراق بەزى ۋاقىتتا بۇنداق بولمايدۇ, بۇنداق چاغدا ئۆزىنى تۇتىۋېلىش, قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بولىدىغان گەپلەرنى قىلماسلىق كېرەك.
1. ئۇرۇشۇپ قالسىلا ئاجرىشىمەن دېيىش. ئەر-خوتۇن ئۇرۇشۇپ قالغاندا ھەرگىز قاتتىق گەپلەرنى, مەسىلەن, مەن ئۆز ۋاقتىدا قانداق بولۇپ سەن بىلەن توي قىلغان بولغىيتىم, بولدى, ئاجرىشىپ كېتەيلى, دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقى لازىم. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق گەپلەر بولىۋەرسە,ئاخىرىدا ئۇلار راستتىنلا ئاجرىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
2. ئاتا-ئانىسىنى تىللاش. ئۇرۇشۇش ئىككى ئادەمنىڭ ئىشى, شۇڭا سىز ئۇنى تىللىسىڭىز بولىدۇ, بىراق ھەرگىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ قوشۇپ تىللىماڭ. ئۇنداق بولمىسا سىزنىڭ گېپىڭىز ئورۇنلۇق بولسىمۇ,قارشى تەرەپ ئۇنى ئورۇنلۇق ھېسابلىمايدۇ.
3. كونا ئىشلارنى تەگەش. ئەر-خوتۇن ئەپلىشىپ قالغاندىن كېيىن, بۇرۇنقى ئىشلارنى يەنە تەگىمەسلىكى لازىم.
4. قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت-غورۇرىغا تەگمەسلىك. كىشىلەر ئۇرۇشۇپ قالغاندا كۆپ ۋاقىتتا ئاغزىغا كەلگەننى دەۋىرىدۇ, بىراق, ھەممە ئادەمنىڭ سەۋرىنىڭ چېكى بولىدۇ. سىز قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت-غورۇرىغا تېگىپ قويسىڭىز, سىلەر ئەپلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ, بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتۈشۈڭلار ئىنتايىن تەس.
5. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشۇش. ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ, بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن, بالىدا چوقۇم ئېغىر ئاسارەت قالىدۇ.
6. قول تەككۈزۈش. جىدەللەشكەندە قول تەككۈزسە جىدەل بېسىقمايلا قالماستىن, تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. ئەر كىشى ئايال كىشىدىن كۈچلۈك بولغاچقا, ئايال كىشى ھەمىشە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئايالىغا قول تەككۈزگەن ئەر نامەرت (ئەر ئەمەس) ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !