ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى  قانداق باشلانغان

    ئەكبەر قادىر

    زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيتى ھەققىدە سۆز بولسا ، بەزىلەر زوردۇن سابىر ئەسلى شائىر بۇلۇشنى تاللىغان. لېكىن ئۇ تاساددىپى پۇرسەتتە  پىروزىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغان دېسە، يەنە بەزىلەر زوردۇن سابىر پىروزا بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ  ئۇزاق مەزگىللىك تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن دەپ قارايدۇ. بۇنى بىلىش ئۈچۈن مۇنداق بىر جەرياننى ھېكايە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  • شائىر زوردۇن سابىر

    ئەكبەر قادىر

          زوردۇن سابىر بالىللىق ھەم ياشلىق مەزگىللىرىدەئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى ئالدى بىلەن شېئىرغا بولغان ھەۋەستىن باشلىغان.ئۇ بالىلىق دەۋرىدە تىيىپجان ئىليىفنىڭ ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «شەرق ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يادقا ئالغان.شۇنداقلا شېئىرمۇ يازغان.

  • زوردۇن سابىرنى ئەسلەيمەن

     

    جاۋگۇاڭمىڭ

    مىنىڭ زوردۇن سابىر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بىرگە بولغان ۋاقتىم تاغ باغرى بولغان شۈيشىگۇدىكى شىنجاڭ ئىكككىنچى ئىشچىلار ساناتۇرىيىسىدە ئېچىلغان كەسپى يازغۇچىلارنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلى بولدى. يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتى يىغىنى پۇل بولمىغانلىقتىن ئېچىلمىغىلى ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئىدى. بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىن زالىدا يېرىم كۈن ئېچىپلا بولدى قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشنى زوردۇن سابىرغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماقچى بولدۇم،چۈنكى زوردۇن سابىر جەمئىيىتىمىزدە كەسپى يازغۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس ئىدى.

  •  ئەكبەر قادىر

        ئەدەبىي ژورناللار بىلەن يازغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى مۇناسىۋەت ئەمەس. بىر ژورنال ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سۈپەتلىك ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان   ئەدىپلەر بولمىسا بولمايدۇ. يازغۇچىلار ئۈچۈن،...