ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-04-02

    شائىر زوردۇن سابىر - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    شائىر زوردۇن سابىر

    ئەكبەر قادىر

          زوردۇن سابىر بالىللىق ھەم ياشلىق مەزگىللىرىدەئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىنى ئالدى بىلەن شېئىرغا بولغان ھەۋەستىن باشلىغان.ئۇ بالىلىق دەۋرىدە تىيىپجان ئىليىفنىڭ ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «شەرق ناخشىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يادقا ئالغان.شۇنداقلا شېئىرمۇ يازغان.

    زوردۇن سابىر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ ناخشىچى-سازەندىلەرنىڭ ماكانى بولغان يىزا مەھەللىۋى مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئۇنىڭ دادىسىمۇ دۇتار چىلىپ ناخشىلارنى ئېيتىدىغان ئادەم ئىدى.زوردۇن سابىر كىيىن ئىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى دارلىمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقاندا ئەدەبىيات مۇئەللىمى شائىر كېۋىرنىياز بىلەن قويۇق باردى-كەلدى مۇناسۋەتتە بولغان. ھەمىشە كېۋىرنىيازنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئەينى يىللاردا قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلىدىغان «لېنىن» پوئىمىسىغا ئوخشاش داستانلارنى يادلىغان.كېۋىرنىياز 40-50-يىللاردىكى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان ئەدەبىي كىتاپلارنى  كۆپ ساقلىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىدە ئۇيغۇر ۋە چەتئەل يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ كىتاپلىرى كۆپ ئىدى.زوردۇن سابىر كىتاپقا بولغان تەشنالىقىنى مانا مۇشۇ كېۋىرنىيازنىڭ ئۆيىدە كىتاپ ئوقۇش بىلەن قاندۇراتتى.

    زوردۇن سابىر 1957-يىلى لەنجۇغا غەربى شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغاندىن كىيىن ئەدەبىيات بىلىملىرىنى سىستىمىلىق ئۆگىنىش ئارقىلىق رەسمىي ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا ماڭغان. ئۇ شائىر بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ،  ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتدىكى نەۋائى،ئاتايى، سەككاكى،نىزارى، موللابىلال، قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن. خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى لى بەي، لىيۇ يۇ شى، لى شىياڭ لىيىن، لى خې لارنىڭ ؛چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى بايرون، شىكىسپىر، گىيۇتى، شىللى، پىدوفى، پوشكىن، لىرمونتوف لارنىڭ شېئىرلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن ھەم يادلىغان.ھەم ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئىلھام ئالغان.ۋە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا شېئىر يېزىشنى مەشىق قىلغان. زوردۇن سابىر 1984-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى‹‹شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى لىچىياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە (بۇ سۆھبەت شۇ ژۇرنالنىڭ 1984-يىللىق 6- سانىغا بېسىلغان) ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى قەدەمىلىرىنى ئەسلەپ ‹‹مېنى شىئېر ئىجادىيىتىگە باشلاپ كىرگەن. مەن ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ‹‹ئۇ مېنى كۈتكەنىكەن››، ‹‹ ختىرەمدىكى بۇلاق›› ناملىق شىئېرلارنى يېزىپ مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىئېر مۇسىبىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئىدىم›› دەيدۇ.زوردۇن سابىر 1989-يىلى تەنقىتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە‹‹توققۇزىنچى سىنىپتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدىلا داستان يازغان ئىدىم›› دەيدۇ. 1961-يىلى 7-ئايدا زوردۇن سابىر غەربى شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىلى سىنىپىنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنى غۇلجا ناھيىسىنىڭ يىزىلىرىغا تىل پىراكتىكىسىغا ئەكەلگەن. ئۇ بۇ يەردە «تارىم»،«شوغىلا» ژورناللىرىنىڭ تەھرىرلىرى بىلەن ئىشچى-دېھقانلاردىن ئاپتۇر يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان تىيىپجان ئىليىف بىلەن تونۇشىدۇ.بىر كۈنى زوردۇن سابىر يىزا تېمىسىدا بەش پارچە شېئىر يېزىپ، تىيىپجان ئىليىفقا كۆرسىتىدۇ. تىيىپجان ئىليىف بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدىن

         «ئاق ئۈرۈك» «باغۋەن قىز»، «تىيانشان» قاتارلىق ئۈچ پارچىسىنى يارتىپ قىلىپ بۇ  شېئىرلارنى ئۈرۈمچىگە قايىتقاندا بىللە ئىلىپ كىتىپ «تارىم» ژورنىلىنىڭ 61-يىللىق 10-سانىدا ئىلان قىلدۇرۇپ بېرىدۇ.زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيىتى مانا شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. « ئاق ئۆرۈك» ناملىق شېئىرنىڭ 1-كۇپلىتى مۇنداق باشلانغان:

    كۆڭلۈم ياشناپ كۈلۈپ كەتتىم،

    ئاق ئۆرۈكنى چىشلىگەندە.

    ئاسماندىن بال ياغقانمىدى،

    سەن بۇ باغقا ئىشلىگەندە.

    رھمەت ئاكا ئۆرۈكىڭگە،

    بال تىمىتتىڭ يۈرىكىمگە.

    بۇ مىسرالاردا غۇلجىنىڭ سورىتلۇق ئۆرۈكى بولغان ئاق ئۆرۈك مەدىھلەنگەن.ئاق ئۆرۈكنىڭ تەمى ھەسەلنىڭ تەمىگە ئوخشىتىلىپ كۈچلۈك ھېسسىيات سېزىمى ئىپادىلەنگەن. سۆزلەر ناھايتى ئىسىتىلىستىكىلققا تويۇندۇرۇلغان.ئىدىيە جانلىق  ئوتتۇرغا قويۇلغان. شېئىرنىڭ ئىككىنچى كۇپلىيىتى مۇنداق:

    ئۆرۈك يىدىم ھەسەل يىدىم،

    باغ ئىشقىغا چۆمۈپ قالدىم.

    باغۋەنچىنىڭ بال قولىدىن،

    ئىجادىمغا ئۇلاق سالدىم.

    جان تەسەددۇق باغۋەنچىگە،

    بۇ ۋادىنىڭ پەرزەنتىگە.

    بۇ مىسرالاردا ئەمگەكچانلىق، ئىشچانلىق روھى مەدىھلەنگەن، تىرىشىپ نەتىجە ھاسىل قىلىش، تۆھپە قوشۇشۇ غايىسى ئالغا سۈرۈلگەن.

        ئىككىنچى پارچە شېئىر«باغۋەن قىز» مۇنداق باشلىنىدۇ:

    باغقا چىقتىم سەيلە قىلغىلى،

    باغنى باققان قىزنىى كۆرگىلى.

    ئۇ كۆرمىدى مەن كۆردۈم ئۇنى،

    يا كۆرمەسكە سالدىمۇ مېنى.

     

    ئو زوقلىنىپ ئويناپ تۇرىدۇ،

    ئالقىنىدا قىزىل ئالمىنى.

    شۇ تاپتا گويا مېنىلا ئەمەس،

    كۆرمىسە كىرەك جىمى ئالەمنى.

    بۇ مىسرلاردا باغۋەن قىزنىڭ ئۆز بېغىغا بولغان شۇنىڭدەك ئۆز ئەجرىنىڭ مېۋىسى بولغان قىزىل ئالمىغا بولغان سۆيۈنىشى، مەپتۇنلىقى ئىپادىلەنگەن. شېئىرنىڭ 3-كۇپلىيىتى مۇنداق:

    زوقۇم كىلىپ شۇ چاغ ئالمىغا،

    ياندى ئوتتەك ھۇجۇدۇم مېنىڭ.

    ۋە ئويلىدىم«بەخىتلىك ئىدىم،

    ئالما بولسا يۈرىكىم مېنىڭ».

    بۇ مىسرلاردا جايىغا چۈشكەن ئوخشىتىش ۋە رىتورىك خىتاپ ئارقىلىق باغۋەن قىزنىڭ ئەمگەك سۆيەر روھىغا بولغان سۆيۈنۈشى ئىپادىلەنگەن. ئەمگەك ئارقىلىق بەخىت تاپقان قەلب ئىگىسىگە بولغان سۆيۈنۈش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.«تىيانشان» ناملىق شېئىرى مۇنداق باشلانغان:

    ئاق قار باسقان چوققىلىرىڭ تىيانشان،

    مەغرۇر كۆكتە بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

    بايلىقلىرىڭ كەڭ قوينۇڭغا سېغىشماي،

    باش چىقىرىپ چاناقلاردىن ماراشقان.

    «تىيانشان» دەپ گۇڭشىمىزغا نام قويدۇق،

    ئۇنىڭ نامى بايلىقىغا ياراشقان.

    بۇ مىسرالاردا تىلغا ئىلىنغان «تىيانشان» ئاتالغۇسى زوردۇن سابىر تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىسمى بولۇپ ئاپتۇر بۇ يەردە تىيانشان تېغىنىڭ بۇيۇك قەددى-قامىتىنى تەسۋىرلەپ، بۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن يۈكسەكلىك، ئالغا بېسىش روھىنى مەدىھلىگەن.شېئرنىڭ 2-كۇپلىيىتى مۇنداق:

    بىراق ئەمدى گۇڭشىمىزنىڭ شۆھرىتى،

    تىيانشاندىن ئىشىپ بايغا ياماشقان.

    يەنە قانداق ئىسىم باردۇ ر تىپىڭلار،

    گۇڭشىمىزغا بۇنىڭدىنمۇ قاملاشقان؟

    بۇ مىسرالاردا،يىزا ئىگىلىكىدا ھوسۇل ئىلىنىپ غەلبىسېرى ئالغا بېسىۋاتقان مەنزىرە نامايەن قىلىنغان ھەم ئاپتۇرنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجە ئىلگىرلەشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى ئىپادىلەنگەن.

    دېمەك، بۇ ئۈچ پارچە شېئىر ئىستىلىسىتلكىىق ۋاستىلارنىڭ ياردىمىدە ئاپتۇرنىڭ رىئال چىنلىققا  بولغان ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

    زوردۇن سابىر گەرچە كىيىن پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنماقچى بولۇپ «ئانا يۇرت» ھېكايىسىنى يازغان بولسىمۇ لېكىن بۇ ھېكايسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك يازالمىغان. نەتىجىدە داۋاملىق شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.«ئىلى گېزىتى»نىڭ 1972-يىلى 2-ئاينىڭ20-كۈنى،10-ئاينىڭ 22-كۈنى؛ 1973-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانلىرىدا زوردۇن سابىرنىڭ جەمئى سەككىز پارچە شېئىرى ئىلان قىلنغان. زوردۇن سابىر 1972-يىلدىن باشلاپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى.بىراق ئۇ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا شېئىر يېزىشتىن ۋاز كېچەلمىدى.مەسىلەن: «ئىزدىنىنىش»(تۇنجى نەشىرى) رومانىنىڭ 1-قىسىم 57-بەت،183-بەت،259-بەت،397-بەت،474-بەتلىرىدە ؛ 2-قىسىم(تۇنجى نەشىرى) 10-بەتتە ۋە يەنە «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ 1-قىسىم 178-بەت، 180-بەت،202-بەت،389-بەت،495-بەتلەردە؛ 2-قىسىم 700-بەت،1014-بەت،1030-بەت،1038-بەتلەردە؛ 3-قىسىم1252-بەتلەردەبىزگە زوردۇن سابىرنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان شېئىرلىرى ئۇچرايدۇ.يەنە «دولان ياشلىرى»، «ئىھ، توپىلىق يول» قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلىرىدا ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە ھالدا خەلق ناخشا-قوشاقلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ تۇرىدۇ. «ئىزدىنىش»،«ئانا يۇرت» رومانلىرىدا داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىلىنغان مىساللارمۇ ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.مەسىلەن: «ئىزدىنىش» رومانىنىڭ 1-قىسىم 40-،73-،125-،128-،131-،146-،148-،180-،369-،437-،463=،بەتلىرىدە ۋە 2-قىسىم8-بىتىدە نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىلىنغان مىساللار ئۇچرىغاندىن باشقا  يەنە ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوخشاشلا «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ700-،1035-،1158-،1259-،1377-،1726-بەتلىرىدىمۇ  داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىلىنغان مىساللار ئۇچرايدۇ.دىققەت قىلساق «ئىزدىنىش» بىلەن «ئانا يۇرت» تىكى ئەلا بىلەن نۇرىنىڭ خارەكتىرىدە شېئىرغا باغلانغان ھەۋەس جەھەتتە ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئامىلمۇ زوردۇن سابىرنىڭ شېئىرغا بولغان ئىشقىنىڭ بىر ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ.مەسىلەن ئەلامۇ شېئىر ئوقۇشقا ھەۋەس قىلىدۇ ھەم شېئىر يېزىپ ئۆز ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلەيدۇ.(ئىزدىنىش 1-قىسىم،57-،150-،183-،257-بەتلەر) . نۇرىمۇ ئۆز ئىچكى دۇنياسىنى شېئىر يېزىپ ئىپادىلەشكە ئامراق.(ئانا يۇرت 1-قىسم،202-بەت)؛ئەلا دۇتار چىلىپ ناخشا ئېيتالايدۇ.(ئىزدىنىش 1-قىسىم139-بەت) نۇرىمۇ ناخشا ئېيتىپ دۇتار چالىدۇ.(ئانا يۇرت 1-قىسىم246-بەت)

       دېمەك زوردۇن سابىرنىڭ شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقى ئۇنىڭ يازغۇچىلىققا بولغان قىزغىنلىقىدىن تۆۋەن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ پروزا دۇنياسىدا ياراتقان پىرسۇناژلىرىدا شائىرانە تەپەككۇر، شائىرانە دۇنيا قاراش جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.ئادەملەرنى، ھاياتنى شېئىرىي نەزەر بىلەن كۆزىتىش نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى ھېسسىياتلىق ۋە تەسىرچان بولۇپ كىتاپخانلارنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەھكەم بىرلىشەلەيدۇ.

         زوردۇن سابىرنىڭ شىېرغابولغان قىزغىنلىغىنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۆز ئىجادىيەت يولىدا تىيىپجان ئىليىف، ئابدۇكىرىم خوجايۇپ قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيەت يولىدىن ئوزۇق ئالغانلىغىدىن ھەم ئۇلارنىڭ تەسرىگەچوڭقۇر ئۇچرىغانلىغىدىن ئايرىپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. زوردۇن سابىر شائىر ئابدۇكىرىم خوجايۇپنىڭ كۆپ قېتىم «تالانىتلىق، ياش يازغۇچى» «بىزنىڭ ئۈمىدلىك ياشلىرىمىزنىڭ بىرى» (زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹يوقالماس كۈلكە، ئۇنتۇلماس تەبەسسۇم ›› ناملىق ئەسلىمىسىدىن
    ) دەپ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ئابدۇكىرىم خوجايۇپ ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسىدە يەنە (بۇ ئەسلىمە شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1996-يىلى نەشىر قىلغان «قايغۇلۇق ئەسلىملەر» نەملىق كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن.) «ناۋادا ئوت يۈرەك ئەدىپلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ ھەمسۆھبەت بولمىغان بولسام، بەلكى ئەدەبىياتقا ھازىرقىدەك ئىشقى-مۇھەببەت باغلىمىغان، يازغۇچى بولماستىن بەلىكى، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئۆمرۈم ئۆتكەن بولار ئىدى. ئەدەبىياتنى سۆيۈش، ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئۆزۈمنى بېغىشلاش روھى ماڭا تىيىپجان، خوجايۇپ ئاكىلاردىن سىڭگەن » دەپ يازغان. زوردۇن سابىرنىڭ شېئىرغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى شۇكى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى قىز پەرزەنتىگە ئاماننىسا دەپ، تۇنجى ئوغۇل پەرزەنتىگە مەشرەپ دەپ ئىسىم قويۇپ كىلاسسىك شائىرلاردىن بولغان ئاماننىسا خان ۋە شاھ مەشرەپلەرگە بولغان ھۆرمىتى ھەم ياد ئېتىشىنى ئىپادىلىگەن.

          زوردۇن سابىرنىڭ شېئىريەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئوتلۇق قەلبىدە شېئىرىيەت ئىلىپ كەلگەن قايغۇ-ھەسرەتلەرنىمۇ يوق دېگىلى بولمايىتتى. 1961-يىلى ئۇ يازغان «ئاق ئۆرۈك» ناملىق شېئىر بىرقىسىم ئادەملەر تەرىپىدىن« ئاق نى مەدھلەپ ئاق مۇتەخەسىسلىشىش يولىغا ماڭغانلارغا قانات ياپتى» دېگەن تۆھمەتلەرگىمۇ ئۇچرىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەدەنيەت ئىنقىلابى يىللىرىدا زوردۇن سابىر «سوۋىتتە نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى ئوقۇغان» دېگەندەك گەپلەر بىلەن زەربىگە ئۇچراپ چەتكە قېقىلغان.غۇلجا شەھەر 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتقاندا «گېزەندە» ئاتىلىپ ئەمگەككە سىلىنغان. پىرافسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئزدەش بوسوغۇسىدا» ناملىق كىتاۋىغا قارايدىغان بولساق، كىتاپنىڭ 32-بىتىدە«  بۇ ئەدەبىيات مۆتىۋىرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەسرىتىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى» دەپ يازغانلىقىنى كۆرىمىز.

      زوردۇن سابىرنىڭ غەربى شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان 1957-يىلدىن1964-يىلغىچە بولغان ۋاقتى ئاساسەن ئۇستازى لى گوشىياڭ غا ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى قېزىش، رەتلەش، دەرسلىك قىلىپ تۈزۈش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتتى.ئۇ مۇشۇ دەۋىردە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىغا يۈرۈش قىلىپ بەزى ماقالىلىلەرنىمۇ يازغان. ئۇيغۇ ر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ چىقىش غايىسىدىمۇ  بولغان. ئەپسۇس، ئەينى يىللاردا لى گۇ شىياڭ غا ئوخشاش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ «ئاق مۇتەخەسىسلىشىش يولىغا ماڭغان زىيالىي» دېگەن قالپاق كىيدۇرۇلۇپ تەنقىدلىنىشى بىلەن، زوردۇن سابىرنىڭ ئەمدىلا بىخلانغان بۇ ئارزۇسى يوق بولغان.

    زوردۇن سابىر ئىزدىنىش يولىدا مەيلى قانداقلا ئەگرە-توقايلىقلارغا يولۇقمىسۇن ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان قېزىقىشى باشتىن- ئاخىر سۇسلاشمىدى. بەلكى شېئىر ئارقىلىق ئەدەبىياتقا بولغان قىزقىشنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇردى. شېئىر ئارقىلىق ئۆزىنى يىتىلدۈرۈپ ھەم تەربىيەلەپ ئەدەبىيات ئالىمىنىڭ سەردارىغا ئايلاندى.

     

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us