ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-12-06

    ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش (3) - [رەشىد ماقالىلىرى]

     

    3. ئوبرازلاردىكى ئۆزگىچىلىك :

    ئوبراز ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ، پىروزا ئەسەرلىرىدىكى ئوبراز لېرىك شېئىرىي ئەسەرلەردىكى ئوبرازلاردىن ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ. يەنى ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئەدەبىي خاھىشچانلىق شېئىرىي ئەسەرلەردە ئەسەردىكى لېرىكىلىق ھېسىياتقا يۈكلەنگەن بولسا (ئىپىك شېئىرلاردا ئەسەردىكى لېرىك قەھرىمانغا يۈكلىنىدۇ.)، پىروزا ئەسەرلىرىدە دەل ئاشۇ ئەسەردىكى ئوبرازلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. لېكىن پىروزىدىكى ئوبرازنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىشى ئالاھىدە بولۇپ، «ئوبراز ۋە ئۇنىڭ ئىددىيىۋى خاراكتېرى ئارقىلىق كىتابخانغا بېرىپ يەتكەن تىپىك بەدئىي پىكىرلا يەنى ئەسەرنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىگە سىڭدۈرۈلگەن خاھىشلا پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىددىيىۋى مەزمۇنى بولالايدۇ. ...... پروزا ئەسەرلىرىدە يارىتىلغان مۇكەممەل بەدئىي ئوبرازلاردىنمۇ كىتابخان ئاپتۇرنىڭ ھەممە بەدئىي ئوي-پىكىرىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىشى لازىم. ئۇنىڭ ئىددىيىۋى خاھىشى، ئەسەردە ئەكىس ئېتىدىغان بەدئىي غايىۋى مەقسىدى ھەر قانداق ئىزاھ ۋە چۈشەندۈرۈشسىزمۇ كىتابخانغا تولۇق ئايان بولىشى كېرەك. بۇ مەقسەتكە ئاپتۇر پەقەت بىرلا يول بىلەن يەنى ھايات زىددىيەتلىرى ئىچىدە يېتىشكەن ھەرىكەتچان بەدئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، ئىددىيىنى جانلىق ۋە كونكىرىت ئېچىپ بېرىش يولى بىلەنلا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئوبراز ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىۋى خاھىشىنى يوشۇرىدۇ. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئاپتۇرنىڭ بەدئىي ئوي-پىكىرىنى روشەنلىك ۋە كونكىرىتلىققا ئىگە قىلىپ ئەسەرگە تېخىمۇ كەڭ ئىجتىمائىي مەزمۇن بېرىدۇ. دېمەك پروزا ئەسەرلىردە ئوبراز ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. ئوبرازسىزلىققا، خاھىشچانلىققا بېرىلگەن، ئاپتۇرنىڭ ئىددىيىۋى قاراشلىرى توغرىدىن-توغرا ئەكىس ئەتكەن بوش ۋە جانسىز ئەسەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئىجتىمائىي بەدئىي قىممىتى بولمايدۇ.».[]

     ئۇنىڭ ھېكايىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ ياراتقان بەدئىي ئوبرازلارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك دېھقانلار ئوبرازىدۇر. ئۆزى يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا چوڭ بولۇپ، يېزىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ دېھقاننىڭ باغرىدىن كەلگەن يازغۇچىمىزنىڭ قولىغا قەلەم ئالغاندا ئويلىغىنى دەل ئاشۇ ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان كىشىلەر - دېھقانلار توپى بولدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى دېھقانلار ئوبرازى ئومۇمەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ئېسىللىق بىلەن قاششاقلىق، قەيسەرلىك بىلەن ھورۇنلۇق، مەردلىك بىلەن كۆزى كىچىكلىك، باغرى كەڭلىك بىلەن نەزەر دائىرىسى تارلىقنىڭ بىرلەشمىسى يەنى جانلىق تىرىك ئوبرازلار بولدى. بۇ ئوبرازلارغا ئاپتۇرنىڭ ئىنسانىي گۈزەللىككە، مۇكەممەللىككە بولغان ئىنتىلىشىدەك ئىددىيىۋى خاھىشى سېڭىپ كەتكەن بولۇپ، دېمىسىمۇ ئادەم ئەسلىدىنلا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئۆزىگە تەڭلا يۇغۇرغان ئاجايىپ بىر مەخلۇق. ئادەم ھەر قاچان ئاشۇ ياخشى بىلەن ياماننىڭ زىددىيىتى ئارىسىدىن ئۆزىگە توغرا بىر يول تاللاشقا ئۇرۇنىدۇ.  ئىنسان قەلبىدىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ كۈچ تالىشىشى ئەدەبىيات ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئەڭ مۇھىم تەرەپتۇر. ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم – ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق ئوبىيكتى ۋە مەڭگۈلۈك تېمىسى. تېخىمۇ توغرىراق قىلىپ ئېيىتقاندا، «ئەدەبىيات – ئىنسانشۇناسلىقتۇر.».[]

    ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىدىكى ئوبرازلار ئاپتۇر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ لاھىيەلىگەن، ئاپتۇرنىڭ تاللىشى، پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتكەن، ئۆزىگە يېتەرلىك ھالدا بەدئىي خاراكتېر چىنلىقنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئۇلارنى نوقۇل ھالدا ئىجابىي ۋە سەلىبىيدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋىتىش تەس. مەلۇم سەلىبىي دەپ قارالغان ئوبرازنىڭ يەنىلا مەلۇم تەرەپتىن قارىغاندا ئىجابىي تەرىپى نامايەن بولىدۇ. مەلۇم ئىجابىي قەھرىماننىڭ ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق يېتەرسىزلىكى، سەلىبىي تەرىپى بولىدۇ. چۈنكى ئەسلى تىپ بولغان ئادەم ئۆزى دەل شۇنداق زىددىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.

    ئاپتۇرنىڭ «ئۆتكۈن كېچىسى» پوۋېستىدىكى سۇلتان، سۇلتاننىڭ ئاتىسى، ھەمراخانلار ئوبرازى ئالاھىدە مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدىغان ئوبرازلار بولۇپ، بۇ ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى «ھەم قېنى، ھەم جېنى بار»، رېئال تۇرمۇشىمىزدىلا ياشاۋاتقاندەك، بىزگە يېقىنلا تۇيىلىدىغان پىرسۇناژلاردۇر. «ئۆتكۈن كېچىسى»دىكى سۇلتاننىڭ ئاتىسى، سۇلتانلارنىڭ چايان كەبى ئەسكىلىكى ۋە ئاشۇ رەزىللىكنىڭ كەينىدە ھامان چاقناپ تۇرىدىغان ئىنسانىي ئاتا-بالىلىق، ئانا-بالىلىق تەبئىي مۇھەببەت بىزگە شىللىرنىڭ «سەنئەتتىكى ئادەم ـ ھېسىي ئادەمدىن ئەقلىي ئادەمگىچە بولغان ئارىلىقتىكى زۆرۈر جەرياندۇر.»[]  دېگەن سۆزىنى ئەسكە سالىدۇ. ئەسەردىكى ھەمراخان ئانىنىڭ ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلغان سۇلتاننىڭ دادىسىدەك ھايۋانغا بولغان نەپرىتى بىلەن يەنە ئاشۇ ھايۋاننىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىغا بولغان ئانىلىق چەكسىز مۇھەببىتى، سۇلتاننىڭ رەھىمسىزلارچە مۇشتۇمزورلىقى، نومۇسسىزلارچە ئانىسىنى تونۇماسقا سېلىشى بىلەن ئاخىرىدا ھايات-ماماتلىقنىڭ رېئال دوقمۇشى بولغان قەبرىستانلىقتىكى ئۆلۈمدىن، ئالۋاستى ۋەھىمىسىدىن ئانىسىنى ئەسكە ئېلىشى ۋە ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورىشى شۇنداقلا ھەمراخان ئانىنىڭ بالىسىنى كەچۈرۈپ باغرىغا ئالغانلىقىدەك پەقەت ئاتا-ئانىلاردىلا بولىدىغان پەرزەنت مۇھەببىتى روھىمىزنى زىلزىلىگە سالىدۇ.

     يۇقارقى ئەسەرلەردىن باشقا يەنە «زەينەپ» ھېكايىسىدىكى زۇمۇرىخان، زەينەپلەر، «يىگىتلىك كوچىسى»دىكى ئاقكۆڭۈل، غۇرۇرلۇق يىگىت ئىپتىخار ۋە باھار، «ئاخىرقى كېمە» ھېكايىسىدىكى بەختىيار ۋە گۈلبېلىق، «تەشنا رەڭ كۆڭۈل» ھېكايىسىدىكى چولپانخان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۈكسەك بەدئىي چىنلىققا تويۇنغان، خاراكتېردىكى ئالىيجانابلىق ۋە ئاجىزلىق تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ئىچىپ بېرىلگەن، ۋايىغا يەتكەن، پىشقان بەدئىي ئوبرازلار بولۇپ،   ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرىدىكى بۇ ئوبرازلار ھامان بىر خىل ھېسىيلىك بىلەن ئەقلىيلىك ئارىسدا تۇرۇپ ئوقۇرمەنلەرگە ياخشىلىقنىڭ، ئالىيجانابلىقنىڭ ھامان ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، ۋە شۇنداقلا، ئاشۇ ئالىيجانابلىق ۋە ئاجىزلىقنىڭ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە بىرلا ۋاقىتتا يۇغۇرلۇپ كەتكەنلىكىنى، ئالىيجانابلىقنىڭ ھامان ئىنساننىڭ توغرا تاللىشى ئىكەنلىكىنى سەنئەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆرسىتىپ بەرگەن.

    4. ئەسەرلىرىدىكى مۇھىت ئۆزگىچىلىكى :

    ئابدۇكېرىم قادىر يۇقىرىدا ئېيىتقىنىمىزدەك، ئىجادىيىتىدە ئاساسەن دېھقانلار تېمىسىنى ئاساسىي تېما قىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرى تۇرمۇش سەھنىسى قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەھنە ھەم مىللىيلىكنىڭ ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىكنىڭ بىرلىكىدۇر. ئۇنىڭدىكى تاللىۋىلىنغان مۇھىتنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جەنۇبي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ زەرەپشان دەريا ۋادىسىدىكى يەركەن يېزىلىرىنىڭ  تىپىك يەرلىك مۇھىتىدىن ئىبارەت. بىز ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ئەسەرلىرىدە دائىم ئۇچرىتىدىغان قۇم توپىلىق يوللار، كەلكۈن پەسلىدىكى ئەسەبىيلەشكەن دەريا ئېقىنى، پاكار چىتلاق، تال باراڭلىق ھويلا، قېرى ئۈجمە، دېمىق ئۆرلەپ تۇرغان قوناقلىق، قاقىرام ئاپتاپتا يېراققا سوزۇلۇپ ياتقان كۆز يەتكۈسىز جاڭگاللىق، شاپاق دوپپىسىنى بىر چىكىسىگە كېيىۋالغان قامەتلىك دېھقانلار، يول بويلىرىدىكى ئىگىز سۇۋادان تېرەكلەر، پاخماباش جىگدىلەر، يىلىم چىپىپ چېچىنى توم توم ئۆرۈپ ياغلىق سېلىۋالغان ئاياللار ۋە ئوسما قويۇپ چاچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۈۋالغان قىزلار، قاغجىراپ تۇرغان دۆڭلۈكلەر، كۆڭۈللۈك مەشرەپلەر، ئۆرۈكلۈك باغلار، ھەپتىدە بىرلا قېتىم بولىدىغان «چاربازار»لار، ئۇندىن باشقا يەنە پىرسۇناژلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى، كېيىنىشى، شېۋىسى، تۇرمۇش قۇراللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تىپىك جەنۇبى شىنجاڭ، بولۇپمۇ زەرەپشان يەركەن بوستانلىقىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ئاپتۇر ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق دېگۈدەك ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئاشۇ ئۆزگىچە يەرلىك تۇرمۇش مۇھىتىنى تاللىۋالغان. بۇ خىل ئۆزگىچە يەرلىك مۇھىت ئەسەرنىڭ مىللىيلىكىنى ۋە يەرلىك تۈسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاھىدە بىر خىل تەسىرلىك، چىن بولغان بەدئىي مۇھىتنى يارىتىپ بەرگەن.

    بىز ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرىنى ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا تەبئىي ھالدا ئەختەم ئۆمەرنىڭ «تەكلىماكان روھى» بىلەن خاراكتېرلەنگەن بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنى ئەسكە ئالىمىز. ھەر ئىككى يازغۇچى ئۆزى چوڭ بولغان تەكىلىماكان بويىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئوبيېكتى قىلغان. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسىمۇ، بايان تىلىمۇ، ئەسەرلىرىدىكى مۇھىتمۇ، ئوبرازلىرىنىڭ تاللىنىش ۋە يارىتىلىشىمۇ مەلۇم جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە. ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ئىجادىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇنى ئۆزىدىن بىر دەۋىر ئاۋال تونۇلغان قابىلىيەتلىك يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭغان ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولىغا ۋارىسلىق قىلغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

    لېكىن، بۇ يەردە يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ بايان تىلى گەرچە خېلى ھېسىياتلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەختەم ئۆمەرنىڭكىگە قارىغاندا نىسبەتەن خامراق بولۇپ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ بايان تىلىدەك سىيلىق، پىشقان ئەمەس. ئەسەرلىرىدە قىسمەن پىشمىغان خام جۈملىلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. ئوبرازلىرىمۇ نىسبەتەن ئاجىزراق بولۇپ، خاراكتېرى چىنلىقىدا يەنە بەزى جانسزلىقلار ساقلانغان. ئەسەردىكى مۇھىتنى ئوقۇرمەنلەرگە تاپشۇرۇشتا تەسۋىرلەردە بىر ئاز كېلەڭسىزلىك بولۇپ، راۋانلىقى ۋە لىرىكىلىقى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس. بۇندىن باشقا ئەسەر قۇرۇلمىسىمۇ نىسبەتەن ئاددى ياكى بەزىدە ئەسەرنىڭ بەدئىي چىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئوشۇقچە تەپسىلاتلار بولۇپ، ھەتتا بەزىدە ئوقۇرمەن ئەسەرنى ئوقۇپ كېتىۋىتىپ، ئەسەرنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرىنى  ئالدىن قىياس قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئاددى ياكى سۈنئىي بولۇپ قالغان. مەسىلەن: «ئۆتكۈن كېچىسى» پوۋېستىدە، «ھەمراخان ئانىنىڭ ئوغلى سۇلتانمۇ يوق؟» دېگەن بىر سۇئال ئوقۇرمەننى قىزىقتۇرۇپ كېتىۋاتقاندا، ئەسەردە ھەمراخان ئانا بىلەن مەھەللىدىكى ئۇششاق بالىلار ئارىسىدىكى دىئالوگ بېرىلىگەن بولۇپ، بۇ دىئالوگدىن ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇماي تۇرۇپلا سۇلتاننىڭ ھەمراخان ئانىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىۋالالايدۇ. بۇ يەردە ھەمراخان ئانا بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى پاراڭ ئىنتايىن سۈنئىي بولۇپ، بالىلارنىڭ دېگەن گەپلىرى خۇددى چوڭلار ئۆگۈتۈپ قويغاندەك بىر قىلىپتا بولۇپ قالغان. ئاپتۇرنىڭ مەقسەتلىك بېرىۋاتقان بۇ خىل ئالدىن بېشارىتى ئەمەلىيەتتە ئەسەرنىڭ بەدئىي ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. ئەلۋەتتە بۇ بىر قىسمەنلىك. مېنىڭچە پىشقان بىر قەلەمكەش ھەم ئوقۇرمەننى قايىل قىلالىغۇدەك، ھەم ھەيران قالدۇرالىغۇدەك بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قېزىقىشىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالالايدىغان بولىدۇ.

    يېغىپ ئېيىتقاندا، ياش يازغۇچى ئابدۇكېرىم  قادىر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان زور ئىجتىھاد بىلەن ئىجادىيەت ئىلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىر پىروزىچىلىقىدىكى يېڭى بىر يۇلتۇزغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھېكايە، پوۋېستلىرىنىڭ تېما جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ئەسەر تىلىدىكى كۈچلۈك ھېسىيات ۋە يەرلىك تۈس، ئوبرازلىرىنىڭ تاللىنىشى ۋە يارتىلىش جەھەتتىكى ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى، ۋە يەنە ئەسەرلىردىكى مۇھىت ئۆزگىچىلىكى قاتارلىقلار ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشىدىكى ۋە ئەسەرنىڭ بەدئىي مۇۋاپپەقىيىتىدىكى مۇھىم ئامىل. شۇنداقلا، ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ ئاخىرقى يەكۈن ئەمەس. چۈنكى ئۇ تېخى يەنىلا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، ئىجادىيەت ئىلىپ بېرىۋاتقان ياش يازغۇچى. ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلىپ بېرىشتىكى ئىجادىيەت مۇددىئاسى ۋە يولىنى باشقىچە چۈشىنىشكە ۋە مۇلاھىزە قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك تەرەپلەر ئەلۋەتتە يەنە كۆپ.  بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە يەنىمۇ تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى بەدئىي سەۋىيەلىك ئېسىل ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن سۆزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.

     

    پايدىلانمىلار:

    1. ئازات سۇلتان «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىل 1-نەشرى
    2. ئازاد سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »‹4-بۆلۈم 1-كىتاب› مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىل 1-نەشرى

    3.    «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل نەشرى.

    4.    م.پولات «ئەدەبىيات ۋە دەۋىر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىل 1-نەشرى

    5.    م. پولات «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 1-نەشرى

    1. 朱立元当代西方文艺论华东师范大学出版社 1997年第1

    7.    ئەنۋەر ھوشۇر «نۆۋەتتىكى ھېكايە ئجادىيتى ھەققىدە مۇلاھىزە» «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2008-يىللىق 6-سان

    8.    钱谷融 文学是人学”, 文艺月报 1957 5

    9.    «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2009-يىللىق 3-سان

    10.     ئابدۇكېرىم قادىر «دولقۇنلۇق تارىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 1-نەشرى

    11.   «تارىم»، «قەشقەر»، «تەڭرىتاغ»، «يېڭى قاشتېشى» ژورناللىرىنىڭ 2004-يىلدىن بۇيانقى باشقا مۇناسىۋەتلىك سانلىرى

     

    مەزكۇر ماقالە «قەشقەر» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان.



    []  م. پولات «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 1-نەشرى، 154-بەت

    []  钱谷融: 文学是人学”, 文艺月报 1957 5

    []  朱立元 “当代西方文艺论” 华东师范大学出版社 1997年第1 31页。

    分享到: