ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-12-06

    ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش (2) - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئۇنىڭ «باھار قوغلاشقان تۇرنىلار» ناملىق ھېكايىسىدە، بۈگۈنكى يېزىلىرىمىزدىكى ئائىلە تىراگىدىيىسى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ ھېكايىدە بىر ئۆينىڭ پۈتكۈل ئېغىرلىقىنى زىممىسىگە ئالغان ياش دېھقان مۇھەممەتنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىدۇ. ھېكايىدىكى مۇھەممەت سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل ياش بولۇپ، ھېكايىدە بىر ئۆينىڭ پۈتكۈل ئېغىرلىقىنى زىممىسىگە ئالغان مۇھەممەت ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر ئەمگەك كۈچى بولغانلىقتىن، جان-جەھلى بىلەن ئىشلەيدۇ. تۇرمۇشنى قامداش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتىدۇ. ئۇ ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقاندا، كەنت سېكرېتارى ياقۇپ يولسىزلارچە ئۇنى ھاقارەتلەيدۇ. مۇشۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىۋەرگەنلىكتىن غەزەپكە تولغان مۇھەممەت يۇرتداشلار ئالدىدا ياقۇپنىڭ ئەدىبىنى بېرىدۇ. كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن ياقۇپ مۇھەممەت ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ بىۋاقىت ئالەمدىن ئۆتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. ئىلاجسىز قالغان مۇھەممەت ئايالى بىلەن ياقا-يۇرتلارغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. ۋەزىيەت ياخشىلانغاندىن كېيىن يۇرتقا قايتىپ كېلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ.

    ھېكايىدە مۇھەممەتنىڭ يېزا كىشىلىرىگە خاس مەرد، سېخى، چىدامچان تەبىئىتى، شۈكۈرچان روھى دۇنياسى بىلەن يەرلىك زومىگەر ياقۇپنىڭ يولسىزلىقىنى سېلشتۇرۇپ يېزىش ئارقىلىق، مۇھەممەتكە ئوخشاش تېرىشچان، جاپادىن قورقمايدىغان، ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشايدىغان، يۇۋاش، قانائەتچان، مەرد، سېخى دېھقانلارنى مەدھىيلەپ، ئۇلارنىڭ دەرت-ھەسرىتىنى سۆزلەپ، ياقۇپتەك بىر قىسىم پارازىت، ئىچى قوتۇر، مۇشتۇمزور، ئاچكۆز، مۇتىھەم  يەرلىك كادىرلارنى قاتتىق قامچىلىغان.

    ئابدۇكېرىم قادىر ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن «دېھقانلار تېمىسى»نى ئاساس قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«مەن يېزىدا تۇغۇلۇپ، يېزىدا چوڭ بولدۇم. ئاتا-ئانام مائاشلىق كادىر بولسىمۇ، لېكىن يىلتىزىمىز دېھقان، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلىرىمىزمۇ دېھقان ئىدى. شۇڭا، مېنىڭ بىۋاستە ھەم چوڭقۇر چۈشىنىدىغىنىم دېھقان. روھىمغا، قەلبىمگە ئورنىشىپ كەتكىنى ئالدى بىلەن دېھقان سېيماسى. جەمئىيەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن ھېسىداشلىقىمنى قوزغايدىغىنىمۇ دېھقان. شۇڭا، مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم تەبئىي رەۋىشتە دېھقانلار تۇرمۇشى ھەققىدە يېزىلدى. دېھقانلار تۇرمۇشى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققاندەك بىلىندى، تەسىرىمۇ كۈچلۈكرەك بولدى. ... شۇڭا، تۇنجى ئەسىرىم يېزا تېمىسىدا يېزىلىپلا قالماستىن، بەلكى يېزا تېمىسىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىم ئىجادىيىتىمنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى ئىگەللىدى. تۇنجى رومانىممۇ يېزا تېمىسىدا يېزىلدى. قارىغاندا، يېزا تۇرمۇشى مېنىڭ مەڭگۈلۈك تېمام بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.»[1]

    ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرىدا «دېھقانلار تېمىسى» دىن باشقا يەنە «ئىجتىمائىي ئەخلاق تېمىسى»، «شەھەر تۇرمۇشى تېمىسى»، «ئىكولوگىيە تېمىسى»مۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تېمىلارمۇ كۆپىنچە «دېھقانلار تېمىسى»غا سىڭدۈرىۋىتىلگەن يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ئومۇمەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە خەلق ئاممىسى ھەممدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دەۋىرنىڭ سۇئالىغا ئايلانغان چوڭ-كىچىك مەسلىلەر بەدئىي يوسۇندا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

    2. باياندىكى ئۆزگىچىلىك :

    ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرىدا ئەسەرنىڭ تىلىغا جۈملىدىن، بايانچى تىلى بىلەن پىرسۇناژ تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە بايانچى تىلى بىلەن پىرسوناژ تىلى راۋان، ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، بايانچى تىلى توغرا، ئېنىق، چۈشۈنۈشلۈك ۋە ناھايىتى كۈچلۈك ئىچكى كەيپىياتقا تويۇنغان بولسا، پىرسوناژ تىلى (پىرسوناژلار دىئالوگى) ئومۇمەن يەرلىكلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، قويۇق يەرلىك شېۋە(يەركەن شېۋىسى)، ئىدىئوملار بىلەن بىر خىل جەنۇبىي شىنجاڭ بولۇپمۇ قەشقەر دېھقانلىرىغا خاس يۇمۇرىستىك كىنايە ئارلاشقان. باياندىكى بۇ خىل كۈچلۈك ھېسىيات بىلەن يەرلىك تۈس بىزنى ناھايىتى تېزلا ئەسەر ئىچىگە باشلاپ كىرىپ، خۇددى بىز ئەسەردىكى ئاشۇ جايدا ھەر بىر تەپسىلاتلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ، ئەسەردىكى باش قەھرىمان بىلەن بىرگە ئۇنىڭ خۇشلىقىغا خۇش بولساق، قايغۇسىغا قايغۇرىدىغان ھەمشېرىك قىلىدۇ.

    «ـ ئوھوي ... مەمىتاخۇن، زېمىستان قىش يېتىپ كېلۋاتسا، چىرايلىق خوتۇنۇڭلا ئۆيدىن قوغلىغاندەك ئېتىزلىققا چىقىۋالغىنىڭلا نېمىسى؟ يەرنى قولاڭلىغا ئالغان ئوخشايسىلەر!

    ئۇ چۆچۈپ كەينىگە قارىدى. ئېتىز بېشىدىكى ھارۋا يولىدا كونا سېكرېتار ياقۇپ قوللىرىنى ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغىنىچە، ئىككى تال ئالتۇن چىشىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇراتتى. ........

    ـ ئالدىم، ئون ئۈچ مو يېرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم تېرىيدىغان بولدۇم. .....

    - ئەسكى چاپاننى ئوتقا تاشلىغاندەك، يەرنى تاشلاپ نوچىلىق قىلغان بىلەن ھامان يەنە ئۆشنەڭلىگە  خۇرجۇن سېلىپ مۇشۇنداق يېنىپ كېلىتىڭلا ئۇكام! بۈگەنكى كۈندە ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ... خەخنىڭ يۇرتىدا پۇتۇڭلىنى ئاسمانغا قىلىپ ياتقۇزۇپ يەلپۈپ قويمىغاندۇ؟

    - بىز نوچىلىق قىلمىدۇق، سىلى قورۇمچىلىق قىلدىلا كونا سېكرېتار! ـ ..............  » (‹باھار قوغلاشقان تۇرنىلار› ناملىق ھېكايىدىن)[2]

    يۇقارقى دىئالوگلاردىكى يەرلىك شېۋە ۋە كىنايىلىك تۈستىن كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ دىئالوگ تىپىك قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان. ھازىر جاۋاپ، كىنايىگە، گەپ تىگىدىن گەپ يۈرگۈزۈشكە ئۇستا بۇ كىشىلەرنىڭ دىئالوگىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن خۇددى ئۆزى دەل ئاشۇ قەشقەرنىڭ يېزىلىرىدا تۇرىۋاتقاندەك، ئاشۇ دېھقانلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز مۇشۇ پاراڭلارنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ. ئاپتۇر ئۆزىمۇ ئەسەرلىرىدىكى يەرلىك تۈس توغرىسىدا توختىلىپ :«مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆيۈملۈكلىكى دەل ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك شېۋىگە ئىگە ئىكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ يەرلىك شېۋىلەردىن بىر خىل يېقىشلىق، يېقىملىق ۋە سۆيۈملۈكلۈك چىقىپ تۇرىدۇ. مەلۇم بىر يۇرتنىڭ خاس خاراكتېر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىدۇ. ... شۇڭا، مەن ئەسەرلىرىمدە ھەر ۋاقىت يۇرتۇم يەركەننىڭ شېۋىسىدىن ئايرىلالمايمەن.»[3] دەپ ئۆزىنىڭ ئەسەر تىلى ۋە يەرلىك شېۋە توغرىسىدىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    ئاپتۇرنىڭ «زەينەپ» ناملىق ھېكايىسىدىمۇ بايان ۋايىغا يەتكەن بولۇپ، ئەسەر تىلى ئالاھىدە كۈچلۈك ھېسىياتقا، لېرىكىلىق كەيپىياتقا تويۇنغان. بۇ خىل كۈچلۈك ھېسىيات بىزنىڭ ئەسەرنىڭ قەھرىمانلىرى زۇمۇرىخان بىلەن زەينەپكە بولغان كۈچلۈك ھېسىداشلىقىمىزنى قوزغاپ، ئەسەرنى ئوقۇغىچە باشتىن-ئاخىر قەلىب تارىمىزنى ھاياجاندىن تىتىرىتىدۇ.

    « كاككۇك ...، كاككۇك ...، كاككۇك ...

    زەينەپنىڭ كاككۇكنى چاقىرىشىدا مۇڭمۇ، پىغانمۇ بار ئىدى.

    زەينەپ غەمكىن كۆزلىرىنى ئۆرۈكلۈك باغقا تىكتى. قويۇق يوپۇرماقلار ئارىسىدا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتى. پەقەت ئاشۇ تېنىمسىز سايراشلار كىشىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزەتتى. زەينەپ يەنە خىيال قىلدى:‹كاككۇك قايتىپ كەلگەن بولسا قاۋۇلمۇ كېلەتتىمىكىن؟ ئۇ شۇنداق دېگەن، سەممىمىي كۆزلىرىدىن، سىلىق-سىپايە تۇرىقىدىن ۋەدە بەرگەن.›.

    زەينەپ كاككۇكنى تىنىمسىز چىللايتى.

    زەينەپنىڭ دۈپدۈگىلەك قارا كۆزلىرى ھەسرەتكە تولغان. ئۇ يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ بىر پارچە سۇنۇق ئەينەكنى ئالدى. ............. ». (‹زەينەپ› ناملىق ھېكايىدىن) [4]

    بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئەسەر قەھرىمانلىرىغا ئىنتايىن ھېسىداشلىق قىلىدۇ. بۇ خىل ھېسىداشلىق ئەسەردىكى ھەر بىر سۆز، ھەر بىر چىكىت، پەشلەرگىچە سېڭىپ كەتكەن بولۇپ، بىزنى ئەسەردىكى مۇڭغا، پىغانغا ئورتاقىلىشىشقا يېتەكلەيدۇ. ئاپتۇر ئەسەردە «زەينەپنىڭ چاقىرىشى»نى ئەتەي بىر قانچە يەردە تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ھەر قېتىمقى تەسۋىر ناھايىتى كۈچلۈك كەيپىياتقا تويۇنغان. ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە بايان ماھارىتى ئەسەرنىڭ شۇ باسقۇچىدىكى قەھرىمانىنىڭ كەيپىياتى، تەقدىر-قىسمىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇرمەننىڭ ھېسىياتى بىلەنمۇ بىرلىشىپ ئەسەرنىڭ بەدئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرغان.

    ئەمما يازغۇچى ئابدۇكېرىم قادىر يەنە قىسمەن ئەسەرلىرىدە، باياننىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولىشىغا كۈچەيمەن دەپ بەزى جايلاردا بايانچى تىلىنىڭ بەدئىيلىكىگە دىققەت قىلالمىغان. مىسال ئۈچۈن تۆۋەندىكى بايانغا قارايلى :

    «ھارۋىلارغا يېڭى گۈللۈك كېگىزلەر سېلىنىپ تەييار بولدى، ئالدىراپ-تېنەپ يولغا چىقتۇق. ئەترەتنىڭ ئۆزىدىن مۈڭگۈزى چوڭ قېرى كالىلىرى كۆتەك ھارۋىلارنى ئاران-ئاران سۆرەيتتى. يۇرت ئىچىدىن چىقىپ، جاڭگالغا يېقىنلاشماي تۇرۇپ كالىلارنىڭ ئايىغى ئاستىلاپ قالدى، كۈن قوزىچۈش بولا-بولمايلا تونۇرغا ئوت سالغاندەك قىزىپ كەتكەن يەر-جاھاننىڭ ھاۋىسى ئورۇقلىقىدىن ۋاسىدەك قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان بۇ ئورۇق ئەبگا كالىلارغا ياقمىدىمىكىن، ھېچقانچە ماڭمايلا سىنىدىن تەر قۇيۇلۇپ، ئاغزىدىن كۆپۈك كىلىپ جاۋغىيىدىن يولدىكى قوقاستەك قىزىق قۇمغا ماغزاپ ئاققىلى تۇردى.»(‹چۈشۈمدىكى پاتمۇچۇقلار› ناملىق ھېكايىدىن)[5]

    بۇ تەسۋىرگە قارايدىغان بولساق، بىرىنچى جۈملىدىكى ئىككى ئاددى باياننى ئەلۋەتتە بىر قوشما جۈملىگە ئىخچاملىغىلى بولاتتى. يەنى جۈملىنى كېلەڭسىز قىلىپ قويىۋاتقان «تەييار بولدى» دېگەن بىرىنچى خەۋەرنى ئىخچاملىۋەتسەك بۇ جۈملە تېخىمۇ يېقىشلىق، تېخىمۇ راۋان جۈملىگە ئايلىناتتى. يەنە ئۈچىنچى جۈملىدىكى «يۇرت ئىچىدىن چىقىپ» دېگەن بايانمۇ ئارتۇقچە، چۈنكى دەسلەپكى  جۈملىدىكى «يولغا چىقتۇق» دېگەن خەۋەرنىڭ ئۆزىگىلا ئۇنى «يۇرت ئىچىدىن يولغا چىقتۇق» دەپ بىرلەشتۈرىۋىتىشكە بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جۈملىلەردە ئاپتۇر كالا ھارۋىلىرىنىڭ  يولنىڭ ناچار، ھاۋانىڭ تىنجىق، كالىلارنىڭ تولىمۇ بىچارە جانسىزلىقىدىن يولنىڭ ئاۋۇمايۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ. بۇ جۈملىلەردىكى «ئاران-ئاران سۆرەيتتى»، «يېقىنلاشماي تۇرۇپلا»، «ئايىغى ئاستىلاپ قالدى»، «ھېچقانچە ماڭمايلا» دېگەندەك ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى بېرىۋاتقان تەكرارلىقلار، «ئۆزىدىن مۈڭگۈزى يوغان»، « ئورۇقلىقىدىن ۋاسىدەك قۇرۇق ئۇستىخان»، «ئورۇق ئەبگا» دېگەن ئوخشاش مەنىدىكى سۈپەتلەر، «تونۇرغا ئوت سالغاندەك قىزىپ كەتكەن»، « سىنىدىن تەر قۇيۇلۇپ»، « قوقاستەك قىزىق قۇمغا» دېگەندەك ھاۋانىڭ قىزىقلىقىدىن ئۇچۇر بېرىۋاتقان تەكرار بايانلار، «كۆپۈك كىلىش»، «ماغزاپ ئېقىش»تەك ئوخشاش بىر ھەركەتنىڭ ئىككى خىل بايانى ئادەمگە ئاپتۇرنىڭ بۇ ئەسەردىكى تىل ئىشلىتىشىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەردىكى يۇقارقى بايانلارنى گەرچە ئاپتۇر كىچىك بىر بالىنىڭ كۆزىدىن كۆرىۋاتقان ھالىتى بويىچە تەسۋىرلەپ، بالىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بىزنى يېقىنلاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقارقىدەك كېلەڭسىز بايانچى تىلى ئەسەر تىلىنىڭ بەدئىي مۇۋاپپىقىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. يەنە كىلىپ بۇ بايانلار ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدىلا بېرىلگەن بولۇپ، ئوقۇرمەننىڭ ئەسەرگە بولغان قىزىقىشىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەسەرگە ئىچكىرلەپ كىرىشىگە توسالغۇ بولىشى مۇمكىن.

    ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ مۇشۇ خىل سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولغان  ھېكايە، پوۋېستلىرى يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بارغانسېرى مۇكەممىلىشىۋاتقان، پىشىۋاتقان، كۈچلۈك ھېسىياتقا تويۇنغان ئۆزگىچە ئەسەر تىلى يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، زوقلاندۇرۇپ كەلمەكتە.



    [1]  «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2009-يىللىق 3-سان  85-بەت

    [2]  ئابدۇكېرىم قادىر «دولقۇنلۇق تارىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 1-نەشرى  54-بەت

    [3]  «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2009-يىللىق 3-سان  90-بەت

    [4]  «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2005-يىللىق 5-سان  84-بەت

    [5]  «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2006-يىللىق 2-سان  3-بەت

    分享到: