ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-12-06

    ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش (1) - [رەشىد ماقالىلىرى]

    ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە، پوۋېستلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    )شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 2008-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

     

    ئۇيغۇر چاغداش ئەدەبىياتى  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىن باشلاپ مەيلى ژانىر، مەيلى تېماتىك مەزمۇن، ۋە مەيلى بەدئىي قۇۋۋەت جەھەتتىن بولسۇن ئۆزگىچە جانلىنىپ، زور بىر تۈركۈم قەلەمكەشلەرنى باغرىغا ئېلىپ، سان ۋە ساپادا زور يۈكسىلىشلەر بولۇپ ئۆزىنىڭ يېڭى بىر باھارىنى كۈتىۋالدى. ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ جانلىنىش دەۋرى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن «يېڭى باسقۇچ»، «يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى باسقۇچى»[1]  دەپ ئاتالدى. يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇ بولدىكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەچچە ئون ئەسىرلىك شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغان گەۋدىسى تۈپتىن ئۆزگۈرۈپ، پىروزىنىڭ شېئىرىيەتكە ياندىشالايدىغان دەرىجىدە كۆلەم ۋە ساپا ھازىرلىغانلىقى بولدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا بۇ دەۋىر ئەدەبىياتىمىزدا ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى يېڭىلىنىپ، ئىجادىيەت مىتودى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بەدئىي ئوبراز ۋە بەدئىي چىنلىقتىكى چوڭقۇرلۇقى، تېما رەڭدارلىقى، قۇرۇلما، ژانىرى قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. شېئىرىيەتتە كلاسسىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە يەنە قىلىپبازلىقتىن، شەكىۋازلىقتىن ھالقىغان بىر مەيدان «يېڭىچە شېئىرىيەت ھادىسىسى» پەيدا بولدى. نەسرچىلىكمۇ كۈچىيىپ، ئەخمەت ئىمىندەك مەخسۇس نەسىرچىلىرىمىز مەيدانغا كىلىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك نادىر نەسىرلەر ئىجاد قىلىندى. پىروزا ئىجادىيىتى ئالاھىدە جانلىنىپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى ئاساسلىق ژانىرلار قاتارىغا ئۆتتى. بۇ مەزگىلدە پىروزىچىلىق يازغۇچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر توپى ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەگە ئايلاندى.

    80-يىللاردىن تاكى 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر قېتىملىق ئالتۇن دەۋرى بارلىققا كىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەر ئىجاد قىلىندى. جۈملىدىن ئابدۇراخمان قاھار، خىۋىر تۆمۈر، قەييۇم تۇردى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئەخەت تۇردى، زورۇدۇن سابىر، ئا.ئۆتكۈر، ئايشەم ئەخمەت قاتارلىق بىر تۈركۈم پىشقەدەم پىروزا قەلەم ساھىبلىرىنىڭ باشلامچى بوپ رومانچىلىقتا يول ئىچىپ ئىزدىنىشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىردىنلا «رومانچىلىق قىزغىنلىقى» شەكىللەندى. بۇلاربىلەن تەڭلا دېگۈدەك زۇنۇن قادىرى، نۇرمۇھەممەت توختى، مەمىتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەد باغراش، پەرھات جىلان، سەمەت دۇگايلى، جالالىدىن بەھرام، سۇلتان ھاشىم قاتارلىق قەلەمكەشلىرىمىزمۇ پروزىنىڭ رومان، پوۋېست، ھېكايە ژانىرلىرىدا بىر تۈركۈم ئاجايىپ ئېسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىنىڭ بىر قېتىملىق يۇقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلدى.

    ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە پىروزىچىلىقىمىزدىكى جۈملىدىن، «ھېكايە، پوۋېست ئىجادىيىتىمىزدە، ئىچ ئاتلار بولغان پىشقەدەم پىشقان قەلەم ساھىبلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىلاپ»[2]، يېڭى قەلەمكەشلەر ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. مۇھەممەد باغراش، ئەخەت تۇردى، جالالىدىن بەھرام، خالىدە ئىسرائىل، پەرھات جىلان، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىق پىشقەدەم ئوتتۇرا ياش قەلەمكەشلىرىمىز بىلەن بىرگە ياسىنجان سادىق چوغلان، پەرھات تۇرسۇن، ئەسئەت ئەمەت، ھۈسەيىن تاش، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، زۇلپىيە كۆلتېگىن، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، ئابباس مۇنياز، يۈسۈپجان مۇھەممەد، ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە، ئابدۇكېرىم قادىر قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش خاراكتېرى كۈچلۈك، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، يېڭىچە بەدئىي كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولغان پىروزا ئەسەرلىرى بىلەن پىروزىچىلىقىمىزنىڭ ئالغا سىلجىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىكتىن ئۆز تۆھپىسىنى قوشماقتا.  

    ئابدۇكېرىم قادىر ئاشۇ بىر تۈركۈم ياش قەلەم ساھىبلىرى ئىچىدىكى ئىز بېسىپ ئىلگىرلەۋاتقان، ئىزدىنىش كۈچىگە باي، تېرىشچان يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرى . ئۇ 1969-يىلى يەكەن ناھىيىسدە تۇغۇلغان بولۇپ،  2004-يىلى ئىجادىيەت سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان (ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيىتى 1989-يىلى باشلىنىپ 1996-يىلىغىچە داۋاملاشقان. ئارىدا سەككىز يىل ئىجادىيەت ئىلىپ بارمىغان.) «باھار قوغلاشقان تۇرنىلار»(‹قەشقەر› 2004-1-سان)، «چار مېكىيان»(‹قەشقەر› 2004-4-سان)، «تەشنا رەڭ كۆڭۈل»(‹تارىم› 2005-2-سان ۋە‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى› خەنزۇچە)، «چۇۋۇق چىتلاق»(‹تارىم› 2005-6-سان، ‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى› خەنزۇچە)، «كونا كوچا»(‹يېڭى قاشتېشى› 2004-4-سان، 14-نۆۋەتلىك ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›غا ئېرىشكەن)، «چۈشۈمدىكى پاتمۇچۇقلار»(‹يېڭى قاشتېشى› 2006-2-سان)، «زەينەپ»(‹تەڭرىتاغ› 2005-5-سان) قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلىرى، «يىگىتلىك كوچىسى»(‹تارىم› 2008ـ6-سان)، «ئۆتكۈن كېچسى»(‹تارىم› 2008-10-سان)، «بەربات بولغان ئەقىدە»(‹يېڭى قاشتېشى› 2006-4-سان،  15-نۆۋەتلىك ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›غا ئېرىشكەن)، «ئازغان چېچىكى»(‹قەشقەر› 2006-4-سان)، «يىگانە قارلىغاچ»(‹يېڭى قاشتېشى› 2007-1-سان)، «لەڭگەر چۈشى»(‹تەڭرىتاغ› 2005-4-سان) قاتارلىق پوۋېستلىرى، «دولقۇنلۇق تارىم» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» ناملىق رومانىنى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلدۇرۇپ بۇ بىر تۈركۈم تۇرمۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە، ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، يېڭى دەۋىر پىروزىچىلىقىمىزدا يېڭى بىر يۇلتۇز بولۇپ چاقنىدى.

    ئابدۇكېرىم قادىرنىڭ ھېكايىلىرىدا تەكلىماكان قوينىدىكى يېراق سەھرا، بوستانلىقلاردىكى بىرقەدەر تىپىك بولغان ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ھايات كارتىنىسى ئاددى، چۈشىنىشلىك بايان تىلى بىلەن، ئەينەن سىدام تەسۋىرلەر ئارقلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىدە  ئاساسلىقى زەرەپشان، تارىم بوستانلىقلىرىدىكى تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بىر تىنىق بولۇپ كەتكەن، تېخى ئەمدىلەتىن سىرتقى دۇنيانىڭ، جۈملىدىن شەھەرلىشىشنىڭ تەسرىگە ئۇچراۋاتقان، ساددا، ئاقكۆڭۈل، قارىماققا شۇنچە قوپال، لېكىن قەلب دۇنياسى ھاياتلىق سۆيگۈسىگە، قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە، سۈزۈك ئىتىقاد، مەردلىك، باتۇرلىق، ھالاللىققا تويۇنغان، ۋە يەنە بۇلارغا يۇغۇرلۇپ كەتكەن ناچار مۇھىت، سىرىتقى ئالاقىلەرنىڭ كەملىكىدىن شەكىللەنگەن بۇرۇختۇملۇقتىكى قاششاقلىق، نادانلىق، نەزەر دائىرىسى تار يېراقنى كۆرەلمەسلىك، يۇرتۋازلىق، مەھەللىۋازلىقنىڭ تىكەنلىرىگە دەسسەپ يۈرۈپ يۈرىكى قاناپ تۇرىدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ھاياتنىڭ ئىگىلىرىنىڭ مەردانە كۈلكىسى، ئەلەملىك ئاچچىق كۆز ياشلىرى، ھاياتقا بولغان تەلپۈنىشى، قەيسەر تىرىكچىلىك كۆرەشلىرى، ئىبرەتلىك ساۋاقلىرى ۋە شۇنداقلا ھاياتقا بولغان سۇئال نەزىرى ئېچىپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ يەنە قىسمەن ئەسەرلىرىدە بولسا، شەھەرنىڭ تار ئارقا كوچىسىغا سىغدىلىپ قالغان، كۈندىلىك تىرىكچىلىك غىمىدە بىرنى ئىككى قىلىشقا قادىر بولالمايۋاتقان، جاپاكەش، شۈكۈرچان، قانائەتمەن شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ زىددىيەت-توقۇنۇشقا تولغان جاپالىق تۇرمۇش ھالىتى، ئىنسانىي مۇھەببىتى، ئۇلارنىڭ ئۈمىد-ئېستەكلىرى، غەم-قايغۇ، خورسىنىشلىرى، ۋە شۇنداقلا، بىر قىسىم زىيالى، سودىگەر، مەمۇرىي ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىشىش، ئەخلاقى بۇزۇلۇش، پۇلپەزلىك، ھوقۇقپەرەسلىكتەك روھى زەئىپلىكلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

    ئابدۇكېرىم قادىر گەرچە ئىجادىيەت سىپىگە قوشۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجادىيەتتە ئىزچىل بىر خىل پىشقان يازغۇچىلارغا خاس سالماقلىق بىلەن تۇرمۇشنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىن خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسلىلەرنى بايقاپ چىقىپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بەدئىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ يورۇتۇپ بەردى. ئۇنىڭ قەلىمىدە تارىم بويىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئەينەن كارتىنىسى سىزىلىپ، بۇ يەردىكى ھاياتلىقنىڭ تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئاددى، ئەمما گۈزەل سىيماسى ئۇستا رەسساملاردەك سىزىپ بېرىلدى. ئادەم ۋە تەبىئەت ئىكولوگىيەسىدىكى بۇزۇلۇش ئۇستىلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، تارىم ۋادىسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن خەلقىمىزنىڭ ھاياتلىق زەنجىرىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقى، ھالسراۋاتقانلىقىدەك بۈگۈنكى رىقابەت ۋە پۇرسەت، خىرىس ۋە كىرزىس ئالدىدىكى بىچارە ھالىتىنى كۆيۈنۈش ۋە مەسئۇلىيەت روھى بىلەن يورۇتۇپ، ھاياتى مەۋجۇدلىقىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى. ئابدۇكېرىم قادىر يېزىقچىلىقتا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، تېما تاللاشتا نەزەر دائىرىسىنى كەڭ تۇتۇشقا، پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئەستايىدىل بولۇپ ھەربىر كىچك ھالقىلارغا قەدەر چىن بولۇشقا، ئوبراز يارىتىشتا ئوبرانىڭ جانلىق، «ھەم قېنى ھەم جېنى بار» بولۇشىغا كۈچەش، تىلنىڭ ئوبرازلىق، باياننىڭ راۋان، ھېسىياتلىق بولۇشى، قۇرۇلمىنىڭ چاققان، مۇۋاپىق بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىش ئارقىلىق بەدئىي سەۋىيىسى خىلى يۇقىرى، پىشقان ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدئىي دىتىنى نامايەن قىلدى.

    بىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن مۇلاھىزە قىلىمىز:

    1. تېما جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى:

    ئىجادىيەتتا يازغۇچى قولىغا قەلەم ئېلىشتىن ئاۋاللا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە تېما تاللاش بولۇپ، تېما تاللاش ۋە ئىجادىيەت جەريانى قەدەممۇ-قەدەم باسقۇچلۇق ئىلگىرلەيدىغان جەريانلاردۇر. ئۇ يازغۇچىدىن مول تۇرمۇش بىلىمى، جاپاغا چىداپ ئەستايىدىل كۆزىتىش ۋە پىكىر قىلىش روھى، شۇنداقلا ئاشۇ خام تۇرمۇش ماتېرىياللىرى دۆۋىسىدىن چىقىپ، مۇۋاپىق بولغان تۇرمۇش ماتېرىيالنى تاللاپ، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ تىپىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مەقسىتى بولغان تېماتىك مەزمۇننى مۇۋاپىقىيەتلىك ئوتتۇرىغا چىقىرالايدىغان بەدئىي دىت بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئەسەردىكى ۋەقە، ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتى، پېرسوناژلار مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇن ماھىيىتى، زىددىيەت ۋە قارمۇ-قارشىلىقلارنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى باشتىن-ئاخىر ئەسەرنىڭ تېمىسىغا باغلىق بولىدۇ. دەل ۋە جايدا تاللانغان تېما يەنى خەلقنىڭ ھاياتىدىكى رېئال ئەمەلىي مەسىلىلەر كۆتۈرۈلگەن ھاياتبەخىش تېما ئەسەرنىڭ ئىدىيە ۋە بەدئىي مۇۋەپپەقىيىتىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.».[3]

    ئۇ ھېكايە، پوۋېستىلىرىدە ئاساسلىق ھالدا تارىم، زەرەپشان ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ، تۇرمۇشى بىر قەدەر قېيىنچىلىقتا ئۆتىۋاتقان تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئاساسىي تېما قىلغان - «دېھقانلار تېمىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ زور كۆپچىلىك ھېكايە، پوۋېستلىرىدە دېھقانلارنىڭ ئاددى-ساددا تۇرمۇشى، ئارزۇ-ئېستەك ئىنتىلىشلىرى، ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببىتى، غەم-ئەندىشە قايغۇلىرى، يېزا تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، شەھەرلىشىش ئىلىپ كېلىۋاتقان تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئەنئەنە بىلەن ئەخلاقتىن ياتلىشش كىرزىسى، بازار ئىگىلىكى ئالدىدىكى ئىسەنكىرەش، ھۇدۇقۇشلىرى، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىغا بولغان ئەنسىرەش، ۋەھىمىسى، يەرلىكتىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قاششاقلىق، نادانلىقى، چىرىكلىشىپ پۇل، ھوقۇق ئۈچۈن ئاينىشتەك روھى ئىكولوگىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

    «چار مېكىيان» ناملىق ھېكايىدىكى دەسلەپ نېرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرى كېيىن ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولغان چارىگۈلنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقى، ئائىلىدە ئاياللىق، ئانىلىق بۇرچىنى، خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالماي، نەپسانىيەتچىلىك ۋە شەھۋەتپەرەسلىككە بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرىدا نامەلۇم كىشىلەردىن سوۋغاتقا چار مېكىياننى ئېلىشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى روھى ھالەت ۋە ھەرىكەتلىرىدىكى بىنورمال ئۆزگۈرۈشلىرى، «ئۆتكۈن كېچىسى» پوۋېستىدىكى تىللا پەرداز، سۇلتان ۋە سۇلتاننىڭ ئاتىسى قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى قېڭغىر قاقشىتىشى، ھەتتا سۇلتاننىڭ ئۆز ئانىسىنى قەستەنگە تونۇماسقا سېلىپ ئۇنى ساناتورىيەگە ئاپارغۇزۋېتىشى، ۋە ئاخىرىدا ئۆز ئانىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ توۋا قىلىشىدەك قىسمەن يېزىلاردىكى بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتقان ئەخلاقىي بۇزۇلۇش، ئىجتىمائىي بىنورماللىق تېما قىلىنغان.



    [1]   ئازاد سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم « ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »‹4-بۆلۈم 1-كىتاب› مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىل 1-نەشرى 9-بەت

     

    [2]  ئەنۋەر ھوشۇر «نۆۋەتتىكى ھېكايە ئجادىيتى ھەققىدە مۇلاھىزە» «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2008-يىللىق 6-سان 71-بەت

     

    [3]  م.پولات «ئەدەبىيات ۋە دەۋىر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىل 1-نەشرى 142-بەت

    分享到: