-
2010-12-06
ئەي چىڭ شېئىرلىدىن پارچىلار - [شەرق ئەللىرى ئەدەبىياتى]
ئەي چىڭ شېئىرلىدىن پارچىلار
مەرۋايىت
زومرەتسىمان دېڭىز سۇيىدە،
سۇمۈرىسەن كۈن جەۋھىرىنى.
يالتىرايسەن شەپەق سۇرىدە،
نامايەن قىپ ھەسەن – ھۈسەننى.
گۈل بەرگىدە شەبنەم قىياسسەن،
سۆيگۈنىڭدۇر كىرىستال سۈپەت.
دانە – دانە مەرۋايىت بولدۇڭ،
ئەقىدەڭدۇر مەركىزى قەۋەت.
قۇياش
تا قەدىمقى گورىتانلىقتىن
قارا زۇلمەت يىللار ۋەسلىدىن
ئىنسان ئۆلۈۋاتقان ئېقىمى ياقتىن
سىلكىندۈرۈپ غەرق ئۇيقۇلۇق
تاغ – داۋانلارنى
قۇياش كەلدى ماڭا ئېتىلىپ
ھەيۋەت ئوت ئۇچقاندەك قۇملۇق ئۈستىدىن .....
توساپ بولماس نۇر – قۇدرەت بىلەن
ھاياتلىقنى ئالدۇردى نەپەس
ئاسمانپەلەك دەل – درەخنى ئۇسۇلغا سېلىپ
دەريا – ئېقىنلارنى نەرى تارتقۇزۇپ
ئۆزىگىلا بېقىپ ئاقتۇردى بەس – بەس
ئۇ كەلگەندە، ئاڭلىدىم مەن ھەم –
قىشتا ئۆچەككە كىرگەن قۇرۇتلارنىڭ
يەر تەكتىدە مېدىرلىشىنى
كەڭ مەيدان – سەينالاردا
خالايىقنىڭ ۋارقىراپ سۆزلىشىنى
شەھەرلەرنىڭ يېراق – يېراقتىن
توك ھەم پولات بىلەن ئۇنى چىللىشىنى
شۇندىن بۇيان كۆكرىگىم – كۆكسۈم
لاۋا ئوت قولىدا يىرتىپ تاشلاندى
چىرىپ – سېسىغان بۇ جېنىم
دەريا بويىغا ئېتىپ تاشلاندى
ئىنسانىيەتنىڭ تىرىلىشىگە
مەندە شۇ چاغ ئىشەنچ باغلاندى.
1937-يىل باھار
ياسن ھاۋازى تەييارلىشىدىكى «ئەي چىڭ شېئىرىيەت توغرىسىدا» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.