ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-07

    2010-يىل 10-ئايلىق كىتاپ ئۇچۇرلىرى - [بىلوگىم ئۇچۇرلىرى]

    يېقىندا كىتاپخانا ئارىلاۋىتىپ بىر قانچە كىتاپنىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ماڭا ئوخشاش كىتاپ مەستانىسىنى تولىمۇ خۇش قىلدى. بەلكىم تودىكى دوستلىرىمىزغا بۇ كىتاپلارنى ئەسكەرتىش كېرەكتۇر.

    «مەن كەچكەن كېچىكلەر»

     بۇ كىتاپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ سابىق پولكوۋنىكى ئىنقىلابچى ئەزىمەت سوپاخۇن سۈۋۈرۈفنىڭ  ھايات ئەسلىمىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغا ئۈچ ۋىلايەتكە ئائىت قىممەتلىك كىتاپلارنىڭ بىرى. تارىخى قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، تىراژى 4000، باھاسى : 38:00 يۈەن ئىكەن. مېنىڭچە بۇ كىتابنى ئېلىپ ئوقۇش ۋە ساقلاش قىممىتى بار.

    «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» 

    بۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرىنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى بولۇپ، كىتاپتا تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر چاغداش ئەدەبىياتى يەنى ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى يېقىنقى يىللاردىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. كىتاپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2010-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان. تراژى: 2000، باھاسى: 15:00 يۈەن ئىكەن. بۇ كىتاپنى مېنىڭچە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىمىز، ئەدەبىي تەنقىدكە قىزىقىدىغان قەلەمكشلىرىمىز ئوقۇپ قويىشى كېرەك. كىتاپ باھاس يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان كىتاپلاردىن خىلىلا ئەرزان. بەت سانى بولمىسە 340 بەت ئەتراپىدا. بۇ ئاپتۇرنىڭ قەلەم ھەققىدىن كەچكەنلىكىدىن ياكى ئازراق ئالغانلىقىدىن بولسا كېرەك. كىتاپلار مۇشۇنداق مۇۋاپىقراق باھادا چىقسا ياخشى بولاتتى.

    «مەشرەپ»

    بۇ كىتاپ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلغىلىمۇ خېلى بوپ قالدى. نۆۋىتى كەلگەندە تونۇشتۇرۇپ قويغۇم كەلدى. بۇ تالانتلىق شائىرىمىز مۇھەممەدئىلى زۇنۇن تەشنائىنىڭ شېئىرلار توپلىمى. توپلامدىكى شېئىرلار مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى. شائىرنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلىدىم. كىتاپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىتىدن 2009-يىلى 12-ئايدا نەشىر قىلىنغان. باھاسى : 15:00 يۈەن.

    «روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ»

    بۇ كىتاپ چىققىلىمۇ خىلى بوپ قالدى. بەلكىم كۆپچىلىك كۆرۈپ بولغان بولىشى مۇمكىن. كىتاپ ياش تاتقىقاتچىمىز نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ يىقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان ئىجتىمەئىي ئوبزۇرلىرى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى ماقالىلىرىدىن تۈزۈلگەن. مەن ئاپتۇرنىڭ غەيرىتى ۋە ئۆتكۈرلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن. كىتاپ شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت -  فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن ئېلىكترون ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. باھاسى : 25:00 يۈەن. سەل قىممەترەك بىلىندى. لېكىن كىتاپنىڭ ۋارىقى تولىمۇ ئېسىل ئىكەن. ئەلۋەتتە مەزمۇنلىرىمۇ بار.

    «قەدىمكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخى»

    بۇ كىتاپ بازارغا سېلىنغىلىمۇ بىر قاچە ئاي بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ تونۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. كىتاپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد قازى ئەيسا مۇئەللىمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىنىڭ قەدىمكى زامان قىسمىغا بېغىشلانغان ئىلمىي ئەمگىكى بولۇپ، بۇ ساھەدىكى دەسلەپكى ئاساسنى تىكلىگەن. مۇئەييەن بىر ئىلمىي بوشلۇقنى تولدۇرغان. بۇ كىتاپ بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىنى چۈشىشنىشتىكى يەنە بىر قىممەتلىك ئىلمىي ماتېرىيالدۇر. كىتاپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008-يىلى نەشىر قىلىنغان. باھاسى : 18:00 يۈەن

    «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان داڭلىق شائىرلىرىنىڭ ئون توپلىمى»

    بۇ بىر يۈرۈش ئون پارچە كىتاپ رەھىم قاسىم، مۇھەممەدئىلى زۇنۇن تەشنائى، ئارسىلان قاتارلىق ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدىكى ئون مۇنەۋۋەر شائىرنىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما توپلام بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ لاھىيەلىنىشى ئۆزگىچە، تاللانغان شېئىرلىرىمۇ بىر قەدەر ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى ئاساس قىلغان. ھەر بىرىنىڭ باھاسى 15:يۈەن ئىكەن.

    يۇقارقىدىن باشقا يەنە بىر تۈركۈم يېڭى رومانلار، ئەدەبىي كىتاپلارنى كۆردۈم. مەسىلەن: جالالىدىن بەھرامنىڭ «تەكلىماكان ئوغلى»، «ھايات قىسمەتلىرى»، تۇردى سامساقنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى، قاھار جىلىلنىڭ، ياسىن زىلانىڭ بىر يۈرۈش كىتاپلىرى، يەنە تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مۇھەممەتتۇرسۇن مەتقاسىملارنىڭ يېڭى رومانلىرى. ئەپسۇس بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قاراپ، بۇ يەردە تونۇشتۇرغىدەك بوپ بولالمىدىم. ئېنىقراق بىلگەنلىرىمنى تونۇشتۇرۇپ تەۋسىيە قىلىپ قويدۇم. تورداشلارنىڭ بۇنى يەنە تولۇقلاپ قويۇشىنى، بۇ كىتاپلارنىڭ مەزمۇنى، ياكى باشقا تەرەپلىرى توغرىلىق مۇھاكىمە قىلىشىنى قارشى ئالىمەن.

    يوللىغۇچى: رەشىد 


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us