ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-07

    كېچە، مەن ۋە سەن - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    ئاستا ئۆچۈپ بارىدۇ كۈندۈز،

    يوللار قىسقىراپ قالىدۇ جىم-جىم.

    سېنىڭ خىيالىڭنى ۋەتەن دەپ يۈرەك،

    ئوۋلىنىدۇ دەرتلەرگە بەلكىم.

     

    دېرىزەمدىن كۆككە باقىمەن،

    ئەڭ بىغۇبار ئاشىقتۇر ساما.

    لىققىدە غەم كېچە كۆزىدە،

    ھەر كۆزىدە قاينىغان لاۋا.

     

    بىز ئىككىمىز ئوخشاپ قالىمىز،

    قىسمەتلەردە يۈرىكى قانلىق.

    تاڭنى باشلاپ كېلىسەن چوقۇم

    قۇياش كەبى كۈلۈپ بىر تاتلىق.

     

    تەكرار ئويلاپ كۆڭلۈمدە ئاپتاپ

    كەلگىنىڭنى چۈشۈمگە سەھەر.

    بۇ كۈتۈشنىڭ چىكىگە يەتسەم،

    مەن ھاياتتىن كەتكەنگە قەدەر.

     


    收藏到:Del.icio.us