ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-06

    فورد مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    ماقالە ئاپتورى:گۆكتۇغ  

    كەمىنە ئەسلى بۇ تېمىدا ئەتراپلىق بىر يازما يوللاش ئارزۇسىدا ئىدىم ،ئەمما ۋاقتىم بەك قىس بولغاچ ئالدىراپ يېزىپ سالدىم دانا دوستلار توغرا چۈشەنگەي.
    1.فورد مۇكاپاتىنىڭ نىشانى
    فورد مۇكاپاتى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى ياشلارغا مۇۋەپپەقىيەت پۇرسەتى يارىتىپ  ئنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپەقىيىتىنى  قۇچۇشنى مەقسەد قىلغان مۇكاپات فوندىدۇر.
    مۇكاپات ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەختى ،دېموكراتىيىسى،ۋە ئىنسانى ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ،بەلگىلىك كەسپىي ساپا ،رەھبەرلىك ساپاسى ،مىللىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىساني روھقا ئىگە ياشلارنى يېتىشتۇرۇشنى ئۆزىگە نىشان قىلغاندۇر.
    2.فورد ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى
    مەنچە فوردنىڭ نىشانى دەۋرىمىز ئۇيغۇر مۇنەۋۋەرلىرىنىڭ غايىسىدۇر،ھەر بىر   نورمال ئىنسان بۇ نىشاندىن ئۆزىنى بەختىيار سېزىشى ۋە ئەگەر بۇ خىل نىشانغا ساھىپ بولغان بولسا پەخىرلىنىشى ،غۇرۇرلىنىشى كېرەك.
    ئارىمىزدىن زۇلپىقار باراتقا ئوخشاش پەخىرلىك يىگىتلىرىمىز بۇ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشىپ فوردنىڭ نىشانى ۋە يارىدىمىگە خاس مىۋە بەرمەكتە.يەنە ئونلىغان ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرى بۇ مۇكاپاتنىڭ شاراپىتىدە تەرەققىي قىلغان ھەرقايسى ئەللەرنىڭ بىلىم يۇرتلىرىدا تەھسىللىرىنى داۋام ئەتكۈزمەكتە.بۇ يىل تاللانغانلار قاتارىغا كىرگەنلەر مەكتەپكە كىرىش تەييارلىقىغا بەنت.
    3.پۇرسەت ئالدىڭىزدا
    فورد مۇكاپاتى گەرچە بىزدىن يۇقارقىدەك غايىلىك ياشلارنى تاللاپ تەبىيەلەپ چىقىۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتمىغانلىقتىن،مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ كەمسۆزلۈكىدىن ،بۇ ئىش ئاۋامدىن سىر تۇتۇلماقتا.  بۇ يازمىنى يېزىشقا زورلىغان تەخىرسىزلىك شۇكى،ئۇشبۇ مۇكاپات 2011 يىلدىن كېيىن جوڭگۇدىن ئوقۇغۇچى تاللاشنى توختىتىدىكەن.شۇڭا غايىلىك دوستلىرىمىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەي.شەرتلەرگە سىز ئاساسەن توشىسىز،ئەڭ موھىم شەرت سىزدە فوردنىڭ نىشانىغا يانداش غايە بولسىلا.
    تەپسىلات ئۈچۈن مۆھتەرەم ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەرىپەتىگە مەرھەمەت،ياكى تۆۋەندىكى ئادرىسقا مەرھەمەت.باشقا دوستلار ئېرىشكەن بىر قىسىم مۇكاپاتلارنىڭ ئادرىسىنىمۇ يوللاپ قويدۇم كۆرۈپ پايدىلىنارسىلەر
    http://ioewebserver.ioe.ac.uk/ioe/cms/get.asp?cid=6746&6746_0=17264
    >    
    >  
    > http://ec.europa.eu/europeaid/projects/asia-link/scholinfo_en.htm
    >    
    >   http://www.lifelonglearningmasters.org/site.aspx?p=67بۇ مۇكاپاتقا غايىلىك دوستلار ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئاغىنىمىز بۇ يىل ئېرىشىپ ئەنگىلىيەگە ماڭدى.

    www.iiebeijing.orgبۇ فوردنىڭ بېيجىڭ شۆبىسىنىڭ ئادرىسى،دوستلارغا يارىدەم كېرەك بولسا قولۇم كۆسۈمدە ،ئەمما ھازىر ئەمەس كېلەر يىلى بىرىنجى ئايدىن كېيىن سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشىم،مەسلەھەت ۋە ياردەملەردە بولۇشۇم مۇمكىن.شۇڭا ھازىرچە سۇئاللىرىڭىزلار جاۋابسىز قالسا رەنجىمىگەيسىزلەر.يۇقارقى مۇكاپاتلارغا ئىلتىماس سۇنۇش سىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز،باشقا شەخس ۋە ئىدارەلەرگە مۇناسىۋەتسىز.
    www.csc.edu.cnبۇ جوڭگۇ چەتكە چىقىرىش فوندىنىڭ ئادرىسى بۇ مۇكاپات ئىدارىڭىزغا بىراز مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭ ئۈچۈن مەمۇر بولۇشىڭىز،ياكى ستۇدېنت بولۇشىڭىز كېرەك، چوقۇم شۇلار سىزنى تەۋسىيە قىلىشى كېرەك.

    مەنبەسى:گۈلىستان مۇنبىرى

    分享到: