-
2010-09-25
سىيىت نوچى داستانى (5) - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
شەپقىتىڭنى ياغقۇزغىن .
قانغا تويماس زالىمنى ،
ئۆزۈڭ زاۋال تاپقۇزغىن .
سېيىت نوچى ھەر يەردە ،
يىرتىق چاپان، تون كۆردى .
توننى بويلاپ تۆكۈلگەن ،
لەختە - لەختە خۇن كۆردى .
يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ ،
كاۋاپ بولۇپ ياناتتى .
ساماۋاردا ئولتۇرۇپ ،
ئىچ قارنىنى تولدۇرۇپ ،
ئەل - يۇرت بىلەن مۇڭدىشىپ ،
دىدارىغا قاناتتى .
ساماۋارنىڭ چۆرىسى ،
ئادەم بىلەن لىق تولغان .
ئۇلۇغ - ئۇششاق قەشقەرلىك ،
ئەتراپىغا جەم بولغان .
چىقىپ كەپتۇ بىر چاغدا ،
بىر توپ چېرىك ئات بىلەن .
يارلىق ئېلىپ يامۇلدىن ،
تىتەي يازغان خەت بىلەن ،
چېرىك سالام بېرىپتۇ ،
قاتارلىشىپ تۇرۇپتۇ .
سېيىت ئۇقۇپ ئەھۋالنى ،
دەرھال يولغا يۈرۈپتۇ .
دوست - يارەنلەر ئەگىشىپ ،
تولىسى گەپ تېگىشىپ ،
يۈرگەندە تېز يۈرۈپتۇ .
كۆپ خىياللار سۈرۈپتۇ .
تьندە كцرگەن چьشىنى ،
يول توسقان قارا ئىتنى ،
قانچە تەكرار كۆرۈپتۇ .
شەھەرگە يېقىن كەلگەندە ،
قارىغا ٭ سۇ بەرگەندە ،
كۇسۇلدىشىپ چېرىكلەر ،
سۆشلەشكەننى كۆرگەندە ،
نېمە گەپ دەپ؟ دەپ سوراپتۇ ،
جاۋابىنى تىڭشاپتۇ .
باغلاپ ئەكىر دېگەننى ،
چېرىكلەردىن ئاڭلاپتۇ ،
ئاڭلاپتۇ - دە دەرھاللا ،
ئۆز - ئۆزىنى ئوڭلاپتۇ .
بەلنى مەھكەم باغلاپتۇ .
باغلاڭلار دەپ قولىنى ،
ئارقىسىغا جۇغلاپتۇ .
ئۇ ئۆزىنى يولۋاستەك ،
گويا شىردەك چاغلاپتۇ،
چېرىك دېگەن تىترىشىپ ،
چىۋىن ئوخشاش چىرمىشىپ ،
سېيىت ئاخۇننى باغلاپتۇ .
ئاندىن بىر سۆز ئاڭلاپتۇ :
ھېچ گۇناھ يوق سىلەردە ،
خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى ،
يۇرت جامائەت خوش ئەمدى .
رىزا بولۇنە قەشقەرلىك
ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى .
يۇرت شۇ سۆزنى ئاڭلاپتۇ ،
يۈرەك باغرىن داغلاپتۇ .
كۆكرەك كېرىپ سېيىت ئاخۇن ،
ئالغا ماڭغان چاغلاردا
ھەممە ھۈر - ھۈر يىغلاپتۇ .
-
ئەمدى گەپنى قەشقەرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭلايمىز :
ئۇ پۇقرالار بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچە يوق قىلىۋەتمىسەك بىزگە ئامانلىق بولماس ، شۇڭا دەرھال سەكسەن چېرىك ھازىر بولسۇن، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۈرسۇن ، سېيىت نوچى گۇندىخانىغا كەلتۈرۈلسۇن . سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كەلتۈرۈشتى. سېيىت نوچى ما تىتەينى كцرمەك تەلىپىنى بەردى. تىتەي قوبۇل كۆردى. سېيىت نوچى شۇنداق دەپتۇ:
كېزىپ دەشتى باياۋان ،
ئاشتىم تاغ - داۋان .
نەگە بارسام پۇقرانىڭ ،
ھالى بەك يامان .
رەڭگى سولغۇن، زەپىران،
باغرى لەختە قان .
ئىچكىنى ئوغا ، زەھەر ،
چەككىنى پىغان .
ئۇچتۇرپاندا ماتىتەي ،
يېزىپ بەردى خەت .
سىزگە تىلەپ ئامانلىق ،
بەخت - پاراغەت .
ما دوتەينىڭ خېتىنى ،
مەندىن ئالدىڭىز ،
ئەمدى نىچۈن بىلمىدىم ،
ئاينىپ قالدىڭىز ؟
ئەلقىسسە ، ما تىتەي مۇئۈئەممبەرلىك بىلەن سېيىت گاڭڭۇڭغا قاراپ قالدى، خۇپسەنلىك بىلەن ھىچنىمىنى ئۇقماس كىشى بولۇۋېلىپ ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇشقا پۇرسەت تاپتى، ھېلى مىكىرلىك نىقابىنى يۈزىگە تارتتى:
ھەي نوچى سېيىت گاڭڭۇڭ ،
ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈم نامەڭنى،
سەن ئۆزۈڭ ئېلىپ كەپسەن ،
مېنىڭ بۇ يۈرىكىمگە ،
نادامەت سېلىپ كەپسەن .
خەت بىلەن مېنىڭ بىلسەڭ ،
كۆكسۈمگە پىچاق پاتتى .
قانداق قىلىمىز ، گاڭڭۇڭ ،
ئەجەپمۇ بېشىم قاتتى .
مەن ساڭا ئىدىم ئامراق ،
ئۆلتۈرەي سېنى قانداق ؟
ئۆلتۈرمەي دېسەم نوچى ،
خاننىڭ يارلىقى شۇنداق .
ئەي ئامبال __ دېدى گاڭڭۇڭ،
تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما .
خاننىڭ ئالدىدا ئاسى ،
گۇناھكار بولۇپ قالما .
چېرىكلەرگە ئېيت دەرھال .
مىلتىقىغا ئوق سالسۇن .
مويتۇڭزىغا ئېپچىقىپ ،
ھايالسىز جېنىم ئالسۇن ،
ئەزىزانە قەشقەرلىك،
مېنى بىر كۆرۈپ قالسۇن!...
جاللاتلار كېلىپ شۇ دەم ،
بوينىغا تاقاق سالدى .
پۇتىغا سېلىپ ئىشكەل ،
زىندان باغرىغا ئالدى .
ئون تۆت كۈن ئۆتۈپ كېتى ،
تاقىتى تۈگەپ كەتتى .
مەرد يىگىت سېيىت گاڭڭۇڭ ،
سۆزىنى بايان ئەتتى ،
دېدى ئۇ: چىدامىم يوق ،
يا بۆلەك تەمەيىم يوق ،
ئۆلتۈرسەڭ بۈگۈن ئۆلتۈر ،
جۈمە كۈن كېلىپ يەتتى .
. . . . . .
جەم بولۇشتى ئامباللار ،
يەڭۈشلىشىپ تامباللار .
داچەي ھارۋۇنى قوش دەپ
يارلىق قىلدى دەرھاللا .
تۆت ئاتلىق يوغان ھارۋا ،
تەييار بولدى تەخ بولدى .
سېيىت نوچىنى ئاتماققا ،
历史上的今天:
ئەدەبىياتتا ئىسلام روھى (ئىسلامىزىم) 2010-09-25ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﺩﻩﺭﯞﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ شىئېرىيەت ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﻫﺒﻪﺕ 2010-09-25ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا 2010-09-25
收藏到:Del.icio.us