ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-07

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى - [ئىسلام ۋە دۇنيا]


    ۋىدالىشىش نۇتقى




            ئى خالايىق،سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كىيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىم مۈمكىن دەپ ئويلايمەن.
            ئى خالايىق! رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا،مېلىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ،مۇشۇ كۈننىڭ،مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر.
            ھەممىڭلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بىرىشىڭلار مۇقەررەر،ئۇ چاغ كەلگەندە ئاللاھ قىلغان-ئەتكىنىڭلارنىڭ سورىقىنى قىلىدۇ،بۇ ھەقتە مەن سىلەرگە دەيدىغاننى دەپ بولغان.
            قولىدا كىشلەرنىڭ ئامانىتى بار كىشىلەر لەۋزىدە تۇرۇپ،ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرسۇن.
            بارلىق جازانىلار بىكار قىلىنىدۇ،دېرى ئىگىسىگە تەئۇللۇق بۇلىدۇ،بۇنىڭدا پايدا-زىيان بولمىسىلا بۇلىدۇ.
            ئاللاھ جازانىخورلۇقنى چەكلىدى،شۇڭا ئابباس ئىبنى ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ جازانىسى بىردەك بىكار قىلىنىدۇ.
            جاھلىيەت دەۋرىدىكى قان-قەرز بىكار قىلىنىدۇ،شۇڭا،ئىبنى رەبىيئە ئىبنى ھارىس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ قان-قەرزى بىكار قىلىنىدۇ.
            ئى خالايىق!شەيتان سىلەرنىڭ زىمىنىڭلاردا خۇدا بۇلۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى.لىكىن ئۇ يەنىلا سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بۇيسۇندۇرماقچى بۇلىدۇ.سىلەر شەيتاننىڭ دىنىي ئىتىقادىڭلارنى تەۋرىتىپ قۇيۇشىدىن ئېھتىيات قىلىشىڭلار كېرەك.
            ئى خالايىق!ئاينى ئارقىسىغاسۈرۈش (يەنى ئۆرۈش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ،يىلنىڭ ئون ئىككى ئېيىنى ئون ئۈچ ئايغا كۆپەيتىش)كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر.بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرىلىدۇ.ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن،ئۇنى بىر يىل ھارام قىلسا،ئىككىنچى يىلى ھارام قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ،ئاللاھ ھالال قىلغان ئاينى ھارام قىلىدۇ.
            ئاللاھ ئاسمان-زىمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ زامان ئۆز پىتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى.ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدە ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى،بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان،بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى زۇلقائىدە(11-ئاي)،زۇلھەججە(12-ئاي)،مۇھەررەم(1-ئاي) بىر بىرىگە ئۇلىنىپ كىلىدۇ.تۆتىنچىسى يەنى جەمادىييەل ئاخىر(6-ئاي)ئېيى بىلەن شەبئان(8-ئاي)ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ(7-ئاي)ئېيى بولسا يالغۇز كىلىدۇ.
            ئى خالايىق!زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەققى بار،ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار.سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى،ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى،خەق بىلەن پاھىشە قىلماسلىقى لازىم.ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا،ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا،ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىدۇ.ئەگەر ئۇلار گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ،ئۇنداق ئىشنى قايتا سادىر قىلمىسا،ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش-نان،كىيىم-كىچەك بىلەن تەمىنلەڭلار.ئاياللىرىڭلارنى چىڭ تۇتۇڭلار،ئۇلار سىلەرگە تەئۇللق.ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار،نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار.
            ئى خالايىق!گىپىمنى چۈشەنگەنسىلەر.تەبلىغ قىلىشقا تىگىشلىكنىڭ ھەممىسىنى تەبلىغ قىلدىم.گىپىمنى ئەستە تۇتساڭلارلا تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالمايسىلەر.سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان <<قۇرئان كەرىم>>ۋە رەسۇللۇللاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى قالدى.
            ئى خالايىق!گىپىمگە قۇلاق سېلىڭلار،چىن مەنىسىدىن چۈشىنىۋىلىڭلار.بىلىشىڭلار كىرىككى،مۇسۇلمانلار بىر بىرىگە قېرىنداش،مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۆزى خالىمايدىغان ئىشلارنى ئۆز قىرىندىشىغا تاڭسا بولمايدۇ.ئۆز ئادەملىرىڭلارغا زۇلۇم قىلساڭلار بولمايدۇ.
            (ھىجىرىينىڭ 10-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى.مەككە)
    مەنبە :http://www.blogbus.com/azizturk-logs/61861739.html
    分享到: