ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-07

    ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار - [ئىسلام ۋە دۇنيا]

     ئابدۇلمەلىك ئەلقاسىم

    ھەمدۇ ئېيتىشقا ھەقلىق ۋە لايىق، دىنىغا، ئېتىقادىغا سادىق كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇكاپاتلىغۇچى، يالغانچى- ئىنكارچىلارنى خالىسا ھېكمىتى ۋە ئادالىتى بىلەن جازالىغۇچى زات ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ ئېيتىمەن. بارلىق ھۆكۈملىرىدە يەككە- يىگانە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى ۋە مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىگە شاھادەت ئېيتىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان بارلىق كىشىلەرگە دۇئا ۋە سالام يوللايمەن.

    ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا ياخشىلىققا ھەسەت قىلىپ، يامانلىقنى چىللايدىغان بىر خىل خەتەرلىك كېسەل ئۇمۇملىشىشقا باشلىدى، بۇ كېسەلنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ نىمەتلىرىدىن بىرى بولغان كىچىك بىر مەخلۇق رۇياپقا چىقىرىۋاتىدۇ. «تىل» ئىبارەت بۇ مەخلۇق ئارقىلىق بىرلىرى يۈكسەكلەرگە ئۆرلىتىلسە، بىرلىرى چەيلەپ يەنچىلىۋاتىدۇ...

    بەزى ئولتۇرۇش ياكى يىغىلىشلاردا تىلدىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە نەرسە ئىنساننى «مەسخىرە، كەمسىتىش» تىن ئىبارەت ناھايىتى خەتەرلىك نوقتىلارغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. مەسخىرە ۋە كەمسىتىش ئىنساننىڭ قەلبىنى قارىدىتىۋېتىدۇ، دىنىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ]يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَومٌ مِّن قَوْمٍ عَسَى أَن يَكُونُوا خَيْراً مِّنْهُمْ وَلَا نِسَاء مِّن نِّسَاء عَسَى أَن يَكُنَّ خَيْراً مِّنْهُنَّ[ «ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (اﷲ نىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن.»

    «مەسخىرە» نىڭ مەنسى باشقىلارنى تۆۋەن چاغلاش، كۆزگە ئىلماسلىق، پەس كۆرۈش، ئەيىپ ۋە نوقسانلارغا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش، دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل مەسخىرىلەر گاھىدا ھەرىكەت ئارقىلىق، گاھىدا سۆز، ئىما ۋە ئىشارەتلەر ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.

    مەسخىرىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ قورقۇنچلىقى دىن ۋە دىنىي كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتۇر. دىن ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى مەسخىرە قىلىش ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىمالار ئاللاھنى، دىنىنى، پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ ئاشكارە كاپىرلىق ئىكەنلىكى ۋە مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئىسلامدىن تامامەن چىقىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن.

    مەسخىرە قىلىش ۋە كەمسىتىشنىڭ تۈرلىرى ئۇ قەدەر كۆپىيىپ كەتتىكى، بىرلىرىنى ھىجابنى مەسخىرە قىلسا، يەنە بىرلىرى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەمرى مەرۇپ، نەھيى مۇنكەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ بۇ خىل مەسخىرە ۋە كەمسىتىشلەردىن نەسىۋىسىز قالمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقالنى قويىۋېتىش، كېيىمنى قىسقا كىيىشتەك نۇرغۇن سۈننەتلىرىمۇ بىر قىسىم كېسەل قەلبلەرنىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىدىن نەسىۋىسىنى ئالىدۇ.

    مەسخىرە قىلغان ھالدا «ھەي ساقال» دېگەن كىشى ھەققىدىكى پەتىۋاسىدا ”سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا دائىمى كومىتىتى“ مۇنداق دەيدۇ: ساقالنى مەسخىرە ئېغىر گۇناھ، كىمكى مەسخىرە قىلغان ھالدا «ھەي ساقال» دېسە، كاپىر بولىدۇ، ئەمما مەسخىرە ئەمەس، بەلكى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە دېگەن بولسا كاپىر بولمايدۇ، ئەمما ئىمكان بار بىر كىشىنى ئۇنداق تۇنۇشتۇرماسلىق لازىم.

    بىر كىشىنىڭ ئىجرا قىلغان سۈننىتىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تەۋبە سۈرىسىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ مونۇ سۆزىگە قۇلاق سالايلى: ﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ قُلْ أَبِاللّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ ، لاَ تَعْتَذِرُواْ قَدْ كَفَرْتُم بَعْدَ إِيمَانِكُمْ إِن نَّعْفُ عَن طَآئِفَةٍ مِّنكُمْ نُعَذِّبْ طَآئِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُواْ مُجْرِمِينَ﴾ «(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز (راستىن ئەمەس)، پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر اﷲ نىڭ دىنىنى، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن. سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز.»

    بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىگە كەلسەك، مۇناپىقلاردىن بىر كىشى «ئۇ قارىلىرىمىزنى قۇسىقىغا ئەڭ ئامراق، ھەممىمىزدىن بەك يالغان سۆزلەيدىغان، قارشىلاشقان چاغدا ئەڭ قورقۇنچاق ھالەتتە كۆرىمەن، دېگەن. بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ كىشى ئالدىراشلا تۈگىسىگە مىنىپ كەلگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ”ئى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بىز ئىچ پۇشىقىز چىقسۇن، دەپ چاقچاق قىلغان ئىدۇق“ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنى ئوقىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ قەدەر غەزەپلەنگەن ئىدىكى ئۇ كىشىگە قاراپمۇ قويمىدى...

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات تارىخى ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەك مېھرىبان، باشقىلارنىڭ ئۆزرىخاھلىقىنى ئەڭ تىز قۇبۇل قىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرسىمۇ، باشقىلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتقان ئۆزرىخاھلىقىنى قۇبۇل قىلمىغان، مەسخىرە قىلغۇچىلارنىڭ چىھرىگە قارىمىغان ئىدى. ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمەدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ باشقىلارنى مەسخىرە قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىمانىغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى دېققىتىڭىزدىن قاچمىغان بولۇشى مۇمكىن: «سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار.»

    ئىبنى جەۋزى ئۆزىنىڭ «زادۇل مەسىير» ناملىق كىتابىدا ”بۇ نوقتا كۇپۇر سۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ھەقىقى ئېغىزدىن چىقىرىش بىلەن چاقچاقنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ“ دەيدۇ.

    شەيخ ئابدۇراھمان ئەسسەئدى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى مەسخىرە قىلىش ئىنساننى دىندىن چىقىرىپ تاشلايدىغان كاپىرلىقتۇر، چۈنكى، دىننىڭ ئەسلى ئاللاھنى، دىنىنى ۋە پەيغەمبىرىنى ئۇلۇغلاش ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان، بۇلارنىڭ بىرىنى مەسخىرە قىلىش يۇقىرىدىكى ئەسلى ئاساسقا قەتئىي خىلاپ ۋە زىتتۇر.

    ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئېچىپ تاشلىغان ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى مەرتىۋىلىرىنى بايان قىلغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ:

    ﴿زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَيَسْخَرُونَ مِنَ الَّذِينَ آمَنُواْ وَالَّذِينَ اتَّقَواْ فَوْقَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَاللّهُ يَرْزُقُ مَن يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ﴾ «كاپىرلارغا دۇنيا تىرىكچىلىكى چىرايلىق كۆرسىتىلدى (يەنى ئۇلار دۇنيانىڭ شەھۋەتلىرىگە، نېمەتلىرىگە مەپتۇن بولىدۇ)، مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار ئۇلاردىن (دەرىجە جەھەتتە) ئۈستۈن تۇرىدۈ؛ اﷲ خالىغان كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.»

    دىننى ياكى پەيغەمبەرنىڭ بىرەر سۈننىتىنى مەسخىرە قىلغان بەزى كىشىلەرگە ”بۇ دىننى مەسخىرە قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ“ دېيىلسە، بىز دىننى كۆزدە تۇتمىدۇق، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى كۆزدە تۇتمىدۇق، بەلكى، ئوينىشىپ، چاقچاق قىلىپ دېدۇق... دېيىشىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ئوينىشىش ۋە چاقچاقنىڭ نېمىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

    دىندا بۇيرۇلغان، يولغا قۇيۇلغان بىرەر ئىشنى مەسخىرە قىلىش دېگەنلىك دۇنيادا خارلىق، ئاخىرەتتە تۈگىمەس ئازاپ دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

     ﴿قَالَ اخْسَؤُوا فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ ، إِنَّهُ كَانَ فَرِيقٌ مِّنْ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا وَأَنتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ، فَاتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيّاً حَتَّى أَنسَوْكُمْ ذِكْرِي وَكُنتُم مِّنْهُمْ تَضْحَكُونَ ، إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ﴾ «ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار». شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن» دەيتتى. ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار.»

          ئادەتتىكى كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش، كەمسىتىش بولسا، ئۇلارغا ئازار بىرىش ۋە ھەددىنى بىلمەسلىكتۇر. ئەھۋال شۇنداقكەن، مەسخىرە قىلىنغان كىشىلەر دىنى ئىسلامنىڭ بەلگۈلىمە ۋە پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرىدىغان مۆمىن ئەر- ئاياللار بولسا ئاقىۋەت نېمە بولۇپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

    ﴿وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَاناً وَإِثْماً مُّبِيناً﴾ «مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۇھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ.»

    ئاللاھ تائالا تائەت ۋە ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان بۇ كىچىككىنە مەخلۇق دېققەت بىلەن توغرا قوللىنىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ساھىبىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىنسان بۇ تىلدىن ئىبارەت مەخلۇق ئارقىلىق بىرىنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق يەنە بىرلىرىنى رەنجىدە قىلىشى مۇمكىن. ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان بەزى ئولتۇرۇشلار كۈلكە- چاقچاق ئاساسىغا مەركەزلىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان سورۈنىدىكىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن بىر سۆزنى سۆزلەيدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن يەرنىڭ تەكتىگە كىرىپ كېتىدۇ.» - بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

    مۇسۇلمان قېرىندىشىم، ئاللاھقا ئاسىلىق قىلىنىپ قېلىش ئىھتىمالى بولغان ئولتۇرۇش ۋە سورۇنلارغا قاتناشماڭ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرماڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

    ﴿وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللّهِ يُكَفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلاَ تَقْعُدُواْ مَعَهُمْ حَتَّى يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ إِنَّكُمْ إِذاً مِّثْلُهُمْ إِنَّ اللّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعاً﴾ «ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ.»

    ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، شۇنداق سورۇنلارنى كۆرگىنىڭدە قۇدرىتىڭ يەتكەن دائىرىدە ئۇلارنى تۇسۇشقا تىرىشقىن ۋە كۆز ئالدىڭغا مونۇ ئايەتنى كەلتۈگىن ﴿مَا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ «ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھالىڭغا ۋاي، كىشىلەرنى دوزاخقا يۈزلىرى بىلەن يېقىتىۋاتقان نەرسە پەقەت ئۇلارنىڭ تىللىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەن ھەدىسىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەن ھالدا تىلىڭنى بولمىغۇر سۆزلەردىن ئۇزاق تۇتقىن.

    ئاللاھ تىللىرىمىزنى پاك قىلسۇن، قولاقلىرىمىزنى بولمىغۇر سۆزلەردىن ساقلىسۇن  http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=972
    -----بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:داڭلىق مۇنازىرە مۇنبىرى ,تەپسىلىي ئادىرسى:http://bbs.danglik.com/read.php?tid=4490

    分享到: