ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-07

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا قىسىقىچە چۈشەنچە - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەر ئەدەبىياتىغا ئوخشاشلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن باشلىنىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ دەسلەپكى ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەك، قوشاقلىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر يازمە ئەدەبىياتىنىڭ سۈت ئانىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە تەۋە بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن «ئوغۇزنامە داستانى»، «ئالىپ ئەر تۇڭا داستانى»، «تۇرا قوشىقى» قاتارلىقلارنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى – ئۇيغۇرلار يېزىق قوللىنىشقا باشلىغان دەۋىرلەردىن باشلانغان. يەنى 6-ئەسىرلەردىن باشلانغان. بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نەمۇنىلەردىن ئەڭ بۇرۇنقىلىرىدىن «ئورخۇن – يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»، «تۇرا قوشىقى» قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر . بىر پۈتۈن ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنى ئۈچكە بۆلۈشكە بولىدۇ :

    ئۇيغۇر كىلاسسىك (قەدىمكى دەۋىر) ئەدەبىياتى – »ئورخۇن – يىنسەي مەڭگۈ تاشلىرى»دىن باشلىنىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردە ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەدەبىيات ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كۆپ خىل دىن يەنى شامانىزىم، بۇددىزىم، ئىسلامىزىم قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭغا ئىسلامىيەت ۋەكىللىكىدىكى ئەرەپ – پارس ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى غايەت زور بولغان. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىللىرىدىن : 11-ئەسىردە ئۆتكەن مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»(دىۋانى لۇغەتىت تۈرك)، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتاغۇبىلىك»،  ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»(ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى)، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «دىۋانى ھېكمەت»، ئەلشىر نەۋائىينىڭ «خەمىسە»،  خاراباتىنىڭ «كۈللىيات خاراباتى»، ئابدۇرىھىم نىزارىنىڭ «نىجادلىق ئۈنچىلىرى»، موللا بىلالنىڭ «غازات دەر مۈلىك چىن»، «نۇزگۇم» قاتارلىق ئەدىب ۋە ئەسەرلەرنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھمۇن كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى دەپ ئالاھىدە تەرىپلىنىدۇ.

    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان (يېقىنقى زامان) ئەدەبىياتى – 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرى يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغۇچە بولغان يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ زامانىۋىيلىققا ئۆتۈش باسقۇچى بولۇپ، ئالاھىدە بىر دەۋىرنىڭ مەھسۇلى. بۇ دەۋىردە دۇنيادا سوتسىيالىستىك ئىنقىلابلار بىلەن سانائەت ئىنقىلابىدەك ئالاھىدە بىر سىياسى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرلەر بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ۋە ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىسلام مىستىتىك چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلانغان ئەدەبىيات بارا – بارا رېئالىزىملىق ئىجادىيەت باسقۇچىغا ئۆتتى. بۇ دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن :

    ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «ئاقائىد زۆرۈرىيە»، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «بىر قىلىچ بەرسە»، «ئانا تىل»، «كاشىغەر» قاتارلىق شېئىرىي ئەسەرلىرى، مەمەتئىلى تەۋپىقنىڭ مەرىپەت، ئاقارتىش ئىدىيەلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان»، «باردۇر» قاتارلىق شېئىرلىرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ بىر تۈركۈم شېئىر، دىرامما، نەسىرلىرى، نىمشېھىتنىڭ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد شېرىن داستانى»، زۇنۇن قادىرىنىڭ «غۇنچەم»،  «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق دىرامما ۋە ھېكايىلىرىنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

    ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەۋىرىنى تەتقىقاتچىلار «بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى» دەۋىرى دەپ قارايدۇ. بۇ دەۋىردە ئەدەبىياتىمىزدا رېئالىزىم ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇللىرى، شېئىر، دىرامما، نەسىر، ھېكايە، پوۋسىت، رومان، قاتارلىق تۈرلۈك ژانىر، شەكىللەردە كۆپلەپ ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ دەۋىرنىڭ ۋەكىللىرىدىن : ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۈمۈر مەنزىللىرى»(شېئىرلار توپلىمى)، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»(تارىخىي رومان)، تىيىپجان ئىلىيوپنىڭ كۆپلىگەن شېئىرىي ئەسەرلىرى، تۇردى سامساقنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»  تېما قىلىنغان بىر تۈركۈم پىروزا ئەسەرلىرى، زۇنۇن قادىرىنىڭ «چىنىقىش»، «توي» قاتارلىق ھېكايە، دىراممىلىرى،  ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى»(رومان)، زورىدىن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»(رومان)، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»(رومان)، جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق»(يەتتە توملۇق رومان)، ئادىل تۇنيازنىڭ «قەشقەردىكى يەرشارى»(شېئىرلار)، ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى»،(شېئىرلار)، ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «جاللات خېنىم»(رومان)، چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «تاش ياپراق»، «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە»(شېئىرلار)، ئەخمەت ئىمىننىڭ «جۇلدۇر كىپەن خوتۇننىڭ ساداسى»(نەسىرلەر) قاتارلىق ئەسەر ۋە ئەدىبلەرنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

     


    收藏到:Del.icio.us