-
2012-02-16
ئابدۇمىجىت مۇھەممەت: يىلنامە - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
يىلنامە
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد
(1)
قەھرىتان ئىيتار:
-ئەلىف دىن كەلدىم،
-چاھارغا يەتتىم.
-ئىككى غۇنچىنى
-ئون تال گۈل ئەتتىم.
(2)
ھۇت ئىيتار:
-يىگانە ئىدىم،
-يىگانە بولدۇم.
-ئۆزۈمدىن كەچتىم،
-پىنھانە بولدۇم.
(3)
نورۇز ئىيتار:
-مەن غىرىپ غەمخان،
-ماكانىم بازار.
-ۋاپا ئىزدىگەن،
-يۈرىگىم مازار.
(4)
ئۈمىد ئىيتار:
-مازاردا ئىشان،
-كىمدە بار نىشان؟
-دۇنيا باقاسىز،
-ۋاپا قىلغان قاچان؟
(5)
باھار ئىيتار:
-كۈتمەسمەن ئۆمۈد،
-نەپىس بىر كۇمۇد.
-ۋەسلىڭگە يەتسەم،
-ئەي ۋەھدى-ۋۇجۇد.
(6)
سەپەر ئىيتار:
-سالىمەن ساما،
-ئالەم بىۋاپا.
-ئاسىلىغىمدىن،
-بولمىغىن خاپا.
(7)
چىللە ئىيتار:
-مەشرەپ، ئۇيالدىم،
-قولۇمنى بەردىم.
-جۈر بولدى ناۋا، (دۇنيا)
-جامىمنى ئالدىم.
(8)
تومۇز ئىيتار:
-بەس توختا قەلەم،
-تونۇڭنى سالغىن.
-تەجەللى ئىزىن،
-ئىزىڭنى ئالغىن.
(9)
مىزان ئىيتار:
-ئاشما چېكىڭدىن،
-سەئىد بېغىدىن.
-يەسەۋۋى كەبى،
-ئاتمىش يېشىڭدىن.
(10)
ئوغۇز ئىيتار:
-يىگانە ئىدىم،
-بىگانە بولدۇم.
-رەببىم ۋەسلىگە،
-تەماگەر بولدۇم.
(11)
ئوغلاق ئىيتار:
-قولۇمدا خەنجەر،
-جانىمنى ئالغىن.
-دەۋزىخىڭ جەننەت،
-خالىساڭ سالغىن.
(12)
كۆنەك ئىيتار:
-شەمس خىيالچان،
-قەمەردە نىجات.
-مىلاد سانىدا،
-پۇتتۇم ئەبىيات.
2011-يىل12 -ئاي 31-كۈنى، شەنبە
مەنبە: يازغۇچىلار تورى