ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-16

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەت: باھار چىللاپ - [سەرخىل گۈللەر بېغى]


    باھار چىللاپ

     

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەد

     

    غەملىرىمدىن بېخلاندى دۇنيا،

    باھار چىللاپ بولدۇم خىيالچان.

    شىۋىرلىدىم تۈنلەرگە تەنھا،

    يۈرەكتە ھېس قوزغايىتى ۋۇلقان.

     

    قاتارلىشىپ ئۆتتى تۇرنىلار،

    تىلەكلەردە قىپقالدى بىر چۈش.

    كەلمەك بولۇپ كەلمىدى باھار،

    سايراپ سايراپ يىقىلدىم بىھۇش.

     

    -ئويلان دېدى قۇرغان ياپراقلار،

    كۆكسۈمدىكى گۈللەر تىكېنى.

    -ۋىسال دېدى كىملەر تىنىقى،

    ئويغاق زىمىن، ئىزلار تىلېگى.

     

    -مەن بۇلبۇلۇڭ، ئاشىغىڭ دېدىم،

    -سەن كەلمىسەڭ ئۆلگىنىم ياخشى.

    ئۆرتىسىمۇ يۈرەكنى پىراق،

    مەجنۇن كەبى يۈرگىنىم ياخشى.

     

    گۈلدۈر-غاراس يىرىلىپ تاغلار،

    نالىلەردە تولغاندى تۇمان.

    غازانلارغا تۇتقۇن بوپ باغلار،

    زۇۋان سۈرۈپ توۋلىدى بوران:

     

    -تەڭرى تەپ تەڭ ياراتتىم دېدى،

     ئىبلىسنى ھەم قاراتتىم دېدى.

    -باھار چىللاپ يۈرمەستىن بىھۇش،

     تاڭ پەيزىنى سۈرمەمدۇ دېدى.

     

    -نە مانا بار كۈتۈشلەر ئارا؟

    قان تەر بىلەن ئىزدېسۇن دېدى.

    -تاپسۇن، يەتسۇن ، ۋىسالغا ھەركىم،

    ئارمان بىلەن كەتمىسۇن!- دېدى.

     

    غال غال تىتىرەپ يىقىلدىم بىھۇش،

    باھار چىللاپ كىردىم بۇ كويغا.

    تەكلىپ يازدىم يۈرەك قىتېدىن،

    تەشرىپ ئەيلەپ، كېلەمسەن تويغا؟

     

    2011 -يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

     

     

    مەنبە:يازغۇچىلار تورى

    分享到: