-
2012-02-15
ئاي دەريا - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
ئاي دەريا
ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇن
ھىلال شەكىللىك سۇ
ئاقماقتا تۈمەن تامان.
دەريادا ئىلگىرى قان بولغان.
چۈشتىن كىيىن
كۈن قىيسايغان.
دەريا بويىدىكى شاۋقۇنلاردا كىتاب ئوقۇلغان
چەتئەل توغۇرىلۇق.
شۇنچە تونۇش، ئىللىق يۈزلەردىن
ئۆزۈمنى
مەن ئۇلارغا ئۆز دەپ ئويلىغان.
كېيىن بازاردىن
بىر تۇتام غېرىبلىق ئالغان.
تېيىز-تېيىز بىناۋا ساھىل
رەشىدنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن چوڭقۇرلاشقان
لاي-لاتقىلىق ئېقىن
ئايقۇتنىڭ چىھرى بىلەن سۈزۈلگەن،
دوستۇمنىڭ سەمىمىيلىكىدىن ئاققان
ئاندىن مەن بۇ يەرنى سۆيگەن.
قەلبىمدە ئاي دەريا
ھېيىتگاھ ۋە قەشقەر
ئاخىرىدا گۈزەللىكككە يەتكەن.
2012.2.1
مەنبە: يازغۇچىلار تورى