ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-03

    قىسمەتلىرىم - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    قىسمەتلىرىم

    ئابدۇرېھىم ئابدۇللا

     

    كائىناتتا رەڭدار جۇلالار،

    نىگاھىمدا شەيتان جىلۋىسى.

    چۆمۈلىلەر پىل بولدى بەزەن

    مۈشۈكتىمۇ يولۋاس ھەيۋىسى؛

    لېكىن مىڭ يىل ياشىغۇم كېلەر،

    ھەر لەھزىدە ھايات بەزمىسى.

     

    جان سۆيۈنگەن چاغلارمۇ بولدى،

    يىغلىغىنىم ئۇندىن زىيادە.

    رەستىلەردە يايداق ئات مىنىپ،

    باياۋاندا قالدىم پىيادە؛

    خىزىر سۈپەت ئاتامغا رەخمەت.

    بەرگەن ئىكەن سۇنماس ئىرادە.

     

    سەيلە قىلسام بېغىمنى تاڭدا،

    ۋۇجۇدۇمنى گۈللەر پۇرايدۇ.

    بۇلبۇل خىجىل بولۇپ ئالدىمدا

    دۇدۇقلاپراق ئىتىم سورايدۇ؛

    مەڭدەپ قالسام ئەگەر،ماڭدامدا

    يوللىرىمنى ئىلان تورايدۇ.

     

    ئىنتىزاردۇر ماڭا لەيلىدەك

    قاش-كىرپىكى بەرگى قىياقلار.

    زارىقىدۇ سامادا زۆھرا،

    يان-يېنىمدا چولپان قىياقلار؛

    بىر قارىسام ھەممىسى جاللات.

    يەڭلىرىدە خەنجەر-پىچاقلار.

     

    بىر قارىسام سۆيگۈ دىلبەرى،

    كۆزلىرىدە ناز بىلەن كۈلكە.

    بىر قارىسام جاننىڭ خۇنپەرى،

    ھەر كۈلكىسى بىر قىزىل تۈلكە.

    ياشلىقىمنىڭ ئالتۇن ئوقىنى،

    ئېتىپتىمەن بوشقا-كۆپۈككە.

     

    بىر قارىسام كۆزلەردە ھەۋەس،

    بىر قارىسام ھەسەت يالقۇنى.

    بىر ئادەمگە يەتمەمدۇ بىر يۈز؟

    ئىككى يۈزلۈك ئىكەن قالقىنى؛

    ئىككى يۈزنىڭ يولىمۇ ئىككى،

    بىر يۈزلۈكنىڭ ھالال تاپقىنى.

     

    دوستلىرىمنى سېخى دەپتىمەن،

    ئۆزى ئىشلەپ،مېنى ئويناتقان.

    ئاشىقلىقتا بىھۇش بوپتىمەن،

    چايان چىقتى باغرىمدا ياتقان.

    ئەييۇھانناس!دېدىم بەزىدە،

    پاياندازنىڭ ئاستىدا قاپقان.

     

    ۋاپاسىزغا ئاشىق ئەيلىدى،

    بىر بېشىمغا دەرتنى ئاز كۆرۈپ.

    جۇۋا تېلەپ يۈرسەم ئايازدا،

    شاپاق دوپپا بەردى ياز كۆرۈپ؛

    سۇدىن چىقىپ ئوتقا كىردىم مەن،

    ئېزىتقۇنى قۇرئەنداز كۆرۈپ.

     

    ئىشەنگەندە قۇملار تاغ ماڭا،

    يۆلەنگەندە پايەمدە تالقان.

    چۈشلىرىمدە كۆرگەن ھەقىقەت،

    ئويغانساملا قىپ-قىزىل يالغان.

    كەچمىشىمدىن ئۆزەم ئۇيالدىم،

    تەقدىر قاچان كىمدىن ئۇيالغان.

     

    «قەشقەردىكى يەرشارى» ناملىق كوللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىدىن

     

    分享到: