ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-04

    جاڭگال غەزەللىرى -7 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     جاڭگال غەزەللىرى -7

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    25

    سەن كۈلۈپ مەن يىغلىغان تۈنلەرگە قانىمنى چاچاي،

    دەردلىرىمنى چىللىغان كۈنلەرگە ئاھىمنى چاچاي.

     

    بۇ قارا ھىجراننى سۆيگەن خىلۋىتىمدە مىڭ گۇناھ،

    يۈرىكىم چالغان غېرىب كۈيلەرگە جانىمنى چاچاي.

     

    ئارمىنىم جۆيلۈيدۇ ئۈنسىز قىسمىتىمنى چوقچىلاپ،

    چۈشلىرىمنى قىينىغان تاڭلارغا ياشىمنى چاچاي.

     

    بىلىدۇ تەنھالىقىم كۆيگەن جاراھەتنى تولۇق،

    ساقىسا يۇلتۇزلىرىم كۆككە  خىيالىمنى چاچاي.

     

    كۆزلىرىمنى ھىدلىدى غەمكىنلىكىمنىڭ جۇتلىرى،

    چاقنىسا مەنزىل ئەگەر مۈلكى جاھانىمنى چاچاي.

     

    26

    بەختنىڭ قارمىقى سۈزگەن كۆيۈك ھىجرانغا سۇلتانمەن،

    ۋىسالنىڭ قەتلىگاھىدا يېنىپ ئۆچكەنگە گۇلخانمەن.

     

    كۈلۈمنى سورىغان تەقدىر ئاچالىدا ساياق يۈردۈم،

    ئۆزۈمدىن ئالمىغان بىر رەت قىساسىمغا بوغۇلغانمەن.

     

    قاراققا چاپلىشىپ ياتقان باھادىرلىق چۈشى قايدا،

    سۆيۈلمەك شۈنچە مۈشكۈلكى، سۆيۈپ شۇنچىكى دەردخانمەن.

     

    سامادىن چاچرىغان يۇلتۇز بۇ تۇپراققا سىڭەر بەلكىم،

    پەرىشتە ھىدلىرى قونغان غېرب چۆللەرگە بارخانمەن.

     

    تۆكۈلدى ياشلىرىم ئۈنسىز ياۋا كەپتەر قاناتىغا،

    روھىمنى چالغىتىپ يۈرگەن ئەسىرلەر كۆركى تۇغيانمەن.

     

    يۈرەكسىز ئۆرتىنۇر ھەر چاغ ساناقلىقلا شۇ كۈنلەرچۈن،

    نەپەسكە سانچىلىپ تۇرغان تىكەنزارلىقتا ئەفغانمەن.

     

    ئۆلۈم گىردابىدا مەشئۇم شاماللارغا دېگەيمەنكىم:

    مانا غەمكىنلىكىمنى كۆر، ساڭا كۈرمىڭ سوقۇلغانمەن.

     

    27

    غېرىبۇ خەستەلىكىم دەرقەمدە بار،

    بۇ كۆڭۈل زەخمەتلىرىم ھەر دەمدە بار.

     

    ياتسىراپ باغرىمنى ئەگىيدۇ ۋىسال،

    كۆر جاپا ئىزنالىرى يەلكەمدە بار.

     

    بىلىمەن قانلىق ئەجەبكى يۈرىكىم،

    بىغۇبار كۆز ياشلىرىم شەبنەمدە بار.

     

    نە بالالىغ بولدىكى ئاھ-زارلىرىم،

    شۇم پەلەك قاغىشلىرى بەزمەمدە بار.

     

    كەزمىگەي دەردسىز كىشى خانەمنى بەس،

    ئىزتىراپ چەككەنلىرىم سەترەمدە بار.

     

    بىر سۈزۈك ئىنسانلىقىم مىڭ دانەدۇر،

    ئىزدىسەڭ كۆيگەن ئاشۇ چەشمەمدە بار.

     

    بولدىما..... ئاخىر ئۆزۈمنىڭ غەمكىنى،

    سىر پېتى كەتمىشلىرىم قەبرەمدە بار.

     

     

    مەنبە: ئاپتۇر

    (ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى)

    分享到: