ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-02-04

    ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟ - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئابلەت نۇراخۇن زەپەرى كىم؟

     

    [ئاپتوردىن] 23 يېشىمنى ياشاپ بولغىنىمنى ئويلىسام ، بەزەن مېنى قاتتىق قىينايدىغان ئىچىمدىكى قۇرۇتلارنى يەنە ئويغىتىپ قويىمەن . قانداق قىلاي ، قاچان تۇغۇلۇپ قاچان ئۆلۈش ئىلكىمىزدىكى ئىش ئەمەسكەنغۇ ئاخىر . گاھى چاغلاردا تۇغۇلغان يىلىمنى تولدۇرۇش توغرا كەلگەندە 1987-يىل دەپ يازغۇچە قولۇم تىترەپ كېتىدۇ . راست، ئالدىنقى ئەسىردىن كەلگەن ئادەملەر قاتارىدا  يەنە تىرىك يۈرگىنىمگە ھەيرانمەن . تالاي كىشىلەرگە نېسىپ بولمىدىغۇ بۇنچە ئۇزاق ياشاش !؟ لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن خېلىلا كېيىن تۇغۇلغان بىرەيلەن ماڭا شۇنداق دېگەنىدى .

    ـــ ئۇكىمىز لۇتپۇللا بىلەن دېمەتلىككەنسىز ... ـــ قورقۇپ كەتتىم . نېمىسىنى دەي ، ئاللىقاچان رەھمىتى بولۇپ كەتكەن «تەڭتۇشۇم» بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرۇپ قالغىنىمنىمۇ ؟ياكى ... ئىشقىلىپ ياشاپ كەلگىنىمگە ئىقرارمەن . شېئىرغا قاچانلاردا ھېرىس بولۇپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمىسەم كېرەك . كىچىكىمدە شائىرنى كۆزىنى يۇمىۋالسىمۇ كۆرەلەيدىغان ئادەملەر بولسا كېرەك دەپ ئويلايىتتىم . ھازىرغىچە شېئىر ئوتىدا كۆيۈپ  ، شېئىر كويىدا يۈرۈپ بىلگىنىم ، ئۆزۈمنىڭ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئەمەس، بەزىدە كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپمۇ ئەتراپىمنى  كۆرەلمەي قالىدىغانلىقىم بولدى . كىچىكىمدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇش ئەڭ شېرىن كەچۈرمىشىم ئىدى . بالىلىقىمدىكى ئەنە شۇ خىيالى دۇنيانىڭ بىرەرىنىمۇ ياساپ چىقالمىغانلىمدىن ئۆكۈنۈشىم كېرەكمۇ ؟! ئاپامنىڭ ئەللەي ناخىشىسىدىن مۇڭلۇقراق ناخشىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . دادام بىلەن ئېتىز قىرىدا تاۋۇز يەپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاندىكىدەك ھۇزۇرنى سۈرۈپ باقمىدىم  .  بۇلار مېنىڭ قانائەتسىزلىكىممۇ ياكى ؟!... كىچىكىمدە قۇشلارغا قەۋەتلا ئامراق ئىدىم . ئامراقلىقىمدىن ھە دېسە قۇش بالىلىرىنى تۇتىۋېلىپ ، ئانىسىنىڭ بېقىشىغا قويماي ئۆزۈم باقماقچى بولاتتىم . نەتىجىسى ئوخشاشلا ، ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگەيىتتى . ئۇلارغا قىلىپ بېرەلەيدىغىنىم ئۆيۈمنىڭ كەينىگە چىرايلىق كارىز كولاپ كۆمۈپ قويۇش ئىدى . كېيىن بۇ ئامراقلىقىم شېئىرغا كۆچتى . ئەنە شۇ ئامراقلىقىم بىلەن قانچىلىغان شېئىرلارنى ئۆلتۈرۈپ بولدۇم بۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن . بەلكىم قەبرىسى قەلبىمدىنلا ئورۇن ئالغان شېئىرلارمۇ ساناقسىز بولسا كېرەك .

    باشقىلارغا ئۆزىنى سۆزلەشنىڭ يوللىرى چەكسىز . شېئىر ئارقىلىق سۆزلەش تولىمۇ ئاز كىشىلەرگە نېسىپ بولىدىغان نېسىۋە . شائىرغا مەدداھنىڭ تىلى ، ئاشىقنىڭ كۆزى ، قەلەندەرنىڭ ساپايىسى بىھاجەت . مەندە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق . ئەمما سۆزلەۋاتقىنىم شېئىرمۇ ئەمەسمۇ بۇنى بىلمەيمەن .

    ـــ قېرىپ كەتتىم . ـــ دېدىم بىرىگە .

    ـــ قېرىش ئاسان ئەمەس ! ـــ ئۈنسىز قالدىم . ياشاشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى . دادامنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرىدا مېڭىپ، ئېتىزنىڭ نەمخۇش شاماللىرىغا قاقلىنىپ چوڭ بولغانىدىم . ئەينى چاغدا ھايات مەن ئۈچۈن  سەھرانىڭ قوينىدەك مېھىرلىك ئىدى . ناخشامنى بۇلبۇللار ئېيتىپ بېرەتتى . خىيالىم ئۆگزىگە بېسىلغان ساماننىڭ كۈنگەي تەرەپلىرىگە ھەمراھ بولاتتى . تۇيۇقسىز «قاچاندىن بېرى قېرىپ كەتكەندىمەن» دەپ ئويلاپ قالدىم .

    ھاياتىمدا نۇرغۇن سومكىلارغا ئېرىشتىم . ئۆزۈم سېتىۋالدىم ، باشقىلار سوۋغىمۇ قىلدى . ئەمما دادام شۇ ئاخشىمى ئۆيگە كۆتۈرۈپ كىرىپ ماڭا بەرگەن كۆك سومكا ئاتا قىلغان ھاياجان ھېلىھەم دىلىمدا تۇرۇپتۇ . مەن ئېرىشكەن خېلى-خېلى چىرايلىق سومكىلارمۇ ئەنە شۇ كۆك سومكىچىلىك خوشاللىق ھەم بەختىيارلىق ئاتا قىلالىغان ئەمەس. ئىنسان ھاياتىدا ھەر نەرسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى پەقەت بىرلا قېتىم بولىدىكەن .  1994-يىلى ئەنە شۇ كۆك سومكامنى ئېسىپ مەكتەپ ھاياتىمنى باشلىدىم .ھازىرغىچە 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىندى . ئەمما مەن مەكتەپكە كىرىپ ئون يىلدىن كېيىن تۇنجى شېئىرىم ئېلان قىلىنغان چاغدىكى ھاياجان ھېچقاچان تەكرارلىنىپ باقمىدى .

    ھاياتىمدىكى نۇرغۇن ئىشلار چۈشتەك تۇيۇلىدۇ . ئەنە شۇ چۈش بالىلىقىم بىلەن بۈگۈنۈمنى تۇتاشتۇرغان . تالاي چۈشلىرىم ئۇيغانساملا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ئەمما بالىلىقتىكى گۈزەل ھەم شېرىن چۈشلىرىم تىلىمنىڭ ئۇچىدا ھېلىلا يېگەن مەززىلىك تاماقنىڭ تەمىدەك ساقلىنىپ قالدى . ئۆزۈم ھەققىدە ئويلانغىنىمدا تىلىمنى تەكرار-تەكرار چاكىلدىتىش ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى . راست ، ئۆزۈمنى بالىلىقمدىلا ھەقىقىي ياشىيالىغاندەك ، كېيىن كۆرگەن چۈشلىرىمنىڭ ھەممىسى مەززىسىز ھەم مەنىسىزدەك تۇيۇلىدۇ .

    ـــ نېمە ئۈچۈن شېئىر يازىسىز ؟ ـــ دېدى بىرى . بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشىم ھاجەتمۇ ؟! ئەگەر يازغانلىرىمنى شېئىر دېيىش توغرا كەلسە ، ئۆزۈمگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن يازىدىغاندىمەن . ئەمما شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە بۇ سوئالنى جاۋاپسىز قويدۇم . سەۋەبى شۇكى ، ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقماپتىمەن .

    ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش گۈزەل ئارزۇلىرىمنىڭ بىرى بولسىمۇ ھەقىقەت بۇ ئارزۇيۇمدىن چەتتە تۇردى . 2003- يىلى پۈتتۈرگەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ، مەكتەپ ھاياتىمنىڭ پەللىسى بولۇپ قالدى . تەغدىرنىڭ ئىنسان قولىدا ئەمەسلىكىگە ئىشەنگۈچىلەر قاتارىدا قالدىم . ئۆكسىدىم ، ئەمما ئۆكۈنۈپ باقمىدىم . سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرى بىلەن ئېتىزنىڭ ئازادە قوينى مەن ئۈچۈن يەنە بىر مەكتەپ بولۇپ قالدى . بۇ يەردە نېمىنىلا ئۆگەنسەم بولىۋېرەتتى . ماڭا ھېچكىم نومۇر قويمايىتى ، ھېچكىم دېپلۇم بەرمەيىتتى . قولۇمدىكى قەلىمىم شېئىر يېزىش ئۈچۈن ، ئىلكىمدىكى ۋاقىت كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن كەڭتاشا قالغانىدى .

    شۇنداق ، 23 يىل ۋاقىتنى غەجلەپ بولدۇم . يەنە ئازىراق ياشاش نېسىپ بولسا لۇتپۇلانىڭ «ئاكىسى» بولۇپ قالىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان . قانداق قىلاي ، ئەھمىيەتسىز خەجلەپ تۈگەتكەن ۋاقىتلىرىم ئۈچۈن ئاھ ئۇرايمۇ ؟! مېنى قىيناۋاتقان غېرىپلىقىمغا ئوت قويىۋېتىپ قېچىپ كېتەيمۇ ؟! ياكى ...   مەن ھېچنىمە قىلالمايمەن . ۋاقىت ئۆز ئىلكىمىزدە تۇرغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە بىزگە بىر تىنىق ، بىر تىنىقتىن تەقسىم قىلىنىدۇ . چوڭقۇر بىر تىنىقنىڭ كەينىدە ئەجەل مۆكۈپ ياتامدۇ ، بۇنى بەندە بىلىپ بولمايدۇ . خەير ،  ئىچىمنى تىڭشاپ باقاي ، ئەزەلدىن ئۆزىدىن قانائەت تاپالمىغان سەيياھنىڭ ئەتىسىدە نېمىلەر باركىن ؟!

     

    بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىگە يەنىمۇ يۈكسەك پەللىلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ يېڭىدىن يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئىككى پارچە تەقرىزنى كەڭ ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. [مەسئۇل مۇھەررىردىن]

     

    يېقىنلاش

     

    گۇگۇمدەك ئاۋازىڭغا يېقىنلاپ باردىم ،

    ـــ بالام ، سېنى بىر كۆرسەم !

    ئارىمىزدا سوزۇلۇپ ياتقىنى يول ئەمەس، ۋاقىت .

    ئىچىمىزدە گۇڭراۋاتقىنى مەسۈم بىر ئىستەك .

    تاشلاردۇر دومىلاۋاتقان كۆزلىرىمىزدىن

    بوغۇق ئاۋازىمىزنىڭ پەس تەرىپىگە ...

     

    مەن يولدا دادا ،

    ئېسىم يىراقتا .

    ـــ باغرىڭ ئېتىزدەك كەڭ بولسۇن!ـــ دېگىنىڭ

    كەتمەن تۇتۇشنى ئۆگەتكىنىڭدەك ئېسىمدە .

    ئاغرىناتتىم ،

    يىرىك ئالقانلىرىڭ چېچىمنى بۇزسا .

    سۆيۈنەتتىم ،

    چۆچەكلىرىڭ باشلىنىپ قالسا .

    ئېسىمدە دادا،

    پانا ياساۋاتقان ھالىتىمگە قاراپ تۇرغىنىڭ ،

    مەن ياسىغان پانىلارنى

    سۆيۈنۈشتە سىلاپ كەتكىنىڭ ،

    كېسىۋالغان قوللىرىمنى

    پېشىڭ بىلەن تېڭىپ قويغىنىڭ .

    ئېسىمدە دادا ،

    ـــ سېنى مېھنەت ئەر قىلار ئوغلۇم ،

    قان چىقمىسا مەيلى تومۇردىن ،

    چېكەڭدىن ھەمىشە تەر چىقىپ تۇرسۇن !

    ...

    دادا ،

    ئەجرىڭ بىلەن بىللە ھېكمىتىڭ ،

    يۈرىكىمدە ھەربىر تاۋۇشۇڭ .

     

    ۋاقىت بىزنى ئېپقاچتى دادا ،

    چۆچەكلىرىڭ ئەگەشتى ماڭا .

    تاڭلار يېتىرقاپ تۇرسىمۇ بىزدىن

    كېچىنىڭ باغرىغا سىڭىشتۇق ئاستا .

    چوڭ بولدۇم يېنىڭدىكى يىراقلىقتا

    ئىككىمىز سۇ تۇتقان ئېتىزلار ئارا .

    چوڭ بولدۇم ئاشىقلىق كوچىسى بىلەن

    مېھىرلىك تىكىلىپ ھەر-بىر توزانغا .

    ئەر بولدۇم ، تەرلىرىڭ كۆكلەر ، چېچەكلەر

    باغرىمدىكى بىر تۈپ دەرەختە ...

     

    ئاياغ تاۋۇشۇمنى ئاڭلىدىڭ بەلكىم ،

    ئىشىكنى چەككىنى قول ئەمەس يۈرەك .

    ئىشىكنى ئاچقىنى سەن ئەمەس دادا ،

    سېغىنىش ، سېغىنىش ، سېغىنىش ... پەقەت .

    كارۋاتتا ياتقىنى سەن ئەمەس دادا ،

    يۈرىكىم ياتىدۇ زارىقىپ ماڭا .

    ساڭا ئېقىۋاتقان ئوكۇل ئەمەس سۇ ،

     بەش مو ئېتىزنىڭ تومۇرلىرىغا ...

    تۇنجى رەت ئۆكسىدىڭ ، بوغۇلدۇڭ تىمتاس ،

    ئاسمىنىم يېپىلدى ئايغا ، يۇلتۇزغا .

    تىنماقتا يۈرىكىم ھارارىتىڭدە ،

    بىر ئەسىر يېقىنلاپ كەلدىم تۈۋىڭگە .

     

    قۇشلىرىم

     

    قۇشلار سىلەرگە سۆزلىگۈم كەلدى

    دەرەخ شاخلىرىدا ئولتۇرۇپ غەمكىن .

    سۆزلىگۈم كەلدى شۇنداق تۇيۇقسىز

    ئۈستۈڭلاردىكى كۈز ھەققىدە،

    تۆكۈلىۋاتقان غازانلارنىڭ

    شىرىقلىغان سۆزى ھەققىدە .

    سۆزلىگۈم كەلدى قۇشلار سىلەرگە

    ئىچىمدىكى بىرتۈپ دەرەخنىڭ

    قۇش قونمىغان شېخى ھەققىدە .

     

    مەن ئۇچۇشنى ئارمان قىلاتتىم

    بىر توپ سۆزلەر پايانى بىلەن

    بىر قىزچاقنىڭ يۈركىدە .

    شۇنچە تاتلىق خىيال سۈرەتتىم

    دادام ئېيىتقان چۆچەك ئىچىدە .

    بۇلۇتلاردا ئۆيۈم بارئىدى،

    كېچىدىكى سانسىز يۇلتۇزلار

    كەپتىرىمگە چاچقان دان ئىدى

    باللىقىم

    مەن مىنىپ ئوينىغان موزاي ئىدى

    ئالدىمدىن ئۆتكەندە ۋاقىت شامىلى

    بىردىن ئۈستىدىن غۇلىتىپ مېنى

    ئەسىلىمەم قىرىدا ئوتلىشىپ قالدى .

     

    جىمجىتلىققا يېقىن يارالدىم

    بىر تامچە سۇغا ھەم ئاشىق ئىدىم ،

    بىر خىرە نۇرغا ئىنتىلەتتىم ،

    تەكچەمدىكى گۈللىرىم بىلەن

    كېچە ھەققىدە شىۋىرلىشاتتىم .

    تاملىرىم مېنى ئۇزاق قىينىدى

    سەھەردىكى نەمخۇش شامالدىن

    گۈزەل چۈشلىرىمنى تېرىۋالدىم .

    ئاشۇ پەيىتتە

    مېنىڭ ئىستەكلىرىم چېچىلدى ،

    ئاندىن

    مېنىڭ تىرىكلىكىم بىلىندى .

    ئىشىكنى ئېچىپ تالاغا چىقسام

    بىر سوغۇق نۇر ئىچىمگە ئاقتى .

    شۇندىن بېرى ياشاۋاتىمەن ،

    جىجىت تاڭلارنى ساناۋاتىمەن .

    قۇشلار سىلەرگە سۆزلەپ ئولتۇرۇپ

    يۈرىكىمدىن قاناۋاتىمەن ...

     

    كېچە ھەققىدە سۆزلىگۈم يوق ،

    ھەممە ئاشۇ كېچىدىن باشلانغان .

    ئاي ھەققىدە خىيال سۈرگۈم يوق

    ئۇنىڭ ئىسمى ئايدىن باشلانغان .

    ھېچنىمە دېگۈم يوق ، ھېچنىمە دېگۈم يوق

    ھەممە بىر ئېغىز سۆزدە ئاخىرلاشقان .

    لېۋىمدىكى سۆيۈش غەليىنى

    بىر يۇتۇم سۇ بىلەن ئىچىمگە ئاققان .

    شۇندىن بېرى يالغۇزمەن پەقەت

    ئايسىز ، جىمجىت كوچىلار ئارا .

    ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم كۆپ

    تىلىمدىكى ئۇۋىلىرىمدا ...

     

    قۇشلار سىلەرگە سۆزلىگۈم كەلدى

    分享到:


    历史上的今天:


ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك - رەشىدنى تونۇمسىز؟

ئەزىزتۈرك: ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى. ئېلخەت ئادرېسىمىز: Email:1505858150@qq.com | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى