ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-02

    جاڭگال غەزەللىرى -6 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     جاڭگال غەزەللىرى -6

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    21

    ئۇل كۆڭۈلنى سورىما ۋەيرانىدۇر،

    بۇ ھاياتلىق دەشتىدە ئاۋارىدۇر.

     

    قولىدا غېرىب قەدەھ تۇتقان ئەجەپ،

    بىلكى ئۇ مۈلكى ئەلەم مەيخانىدۇر.

     

    كۆز يېشى تۇپراق ئارا سىڭمەكتە ھەم،

    كۆكتىكى يۇلتۇزلىرى سەرسانىدۇر.

     

    جان دېمەي، جانان دېمەي يۈرسە لېكىن،

    قان كېچىپ تاپسىمۇ ھەق پايخانىدۇر.

     

    كۆيگىنى بىر ئوت ئىدى يۈرەكىدە،

    چوغ سوراپ ئەمدى ئەبەد سەرسانىدۇر.

     

    باغرىنى يالغۇزچىلىق جۇت ئەيلىدى،

    ئىزدىسە ئۆزىنى مىڭ يېگانىدۇر.

     

    خار - زەبۇن بولماقتىدۇر غەمكىنلىكى،

    شۇڭىمۇ ئەشئارلىرى دىلخانىدۇر.

     

    22

     جان قۇشى چەككەن مالامەت تەنلىرىم كۆيدى بۈگۈن،

    ئاقتى ياش سۆزلەپ قىيامەت قانلىرىم كۆيدى بۈگۈن.

     

    كوچىلار مۇڭغا چۆكۈپ ئىزدەر ئۆزىن گۇگۇم قەدەر،

    دىلغا زەخمەك ئۇرمىغان سازلىرىم كۆيدى بۈگۈن.

     

    مەن غېرىب بولغاندا ئەغيار زۇلمىنى كۆپ  ھىدلىدىم،

    بۇزۇلۇپ چۈشلەر خىيابان يازلىرىم كۆيدى بۈگۈن.

     

    مىڭ ئۆلۈپ زار ئەيلىدى ھىجرانغا باقىي بۇ يۈرەك،

    بوغۇلۇپ قالغاندا ئاخىر نازلىرىم كۆيدى بۈگۈن.

     

    ئايلىنۇر ئاچچىق قەدەھ غەمكىنلىكىمگە قۇيۇلۇپ،

    بوزلىنىپ ئاتەش تىنىق ئاۋازلىرىم كۆيدى بۈگۈن.

     

    23

     بىر ئۆلۈم بار، بىر ئۆلۈم جانلارنى قىينايدۇ بۈگۈن،

    بىر كۆرۈم بار، بىر كۆرۈم تاڭلارنى قىينايدۇ بۈگۈن.

     

    ئول سەۋر قان ياش تۆكۈپ چاينىدى تاشلارنى زەپ،

    بىر گۈلۈم بار، بىر گۈلۈم سايلارنى قىينايدۇ بۈگۈن.

     

    قۇم چېچەكلەرمۇ ھامان دەشتى زېمىن ئەييامىدا،

    بىر يولۇم بار، بىر يولۇم  شانلارنى قىينايدۇ بۈگۈن.

     

    تۈن ئارا كۆككە قاراپ ھىجراندا تىن ئالماق قىيىن،

    بىر زۇلۇم بار، بىر زۇلۇم يارلارنى قىينايدۇ بۈگۈن.

     

    يىغلىما  غەمكىنلىكىم كەچمىشلىرىڭنىڭ باغرىدا،

    بىر ئويۇم بار، بىر ئويۇم دارلارنى قىينايدۇ بۈگۈن.

     

    24

    بۇ غېرىبلىق ئارقىنىدا بوزلىنىپ تۈندىن چىقاي،

    قىسمىتىمگە قايغۇرۇپ قان يىغلىغان كۈندىن چىقاي.

     

    بىر يېرىق چۈشتى يۈرەككە ئاقتى ھىجراننىڭ يېشى،

    كىشنىدى مەنزىل چۆچۈپ ئەھلى يۇلغۇندىن چىقاي.

     

    قىينىلىپ روھىمنى ياقتىم چۆلدە پەرھاد جەۋرىگە،

    ئولكى شېرىن ئاھ ئۇرۇپ كۆيگەنكى ئۇدۇندىن چىقاي.

     

    كەچمىشىم ۋەسلىمگە زار باغرىمنى سەرسان ئەيلىدى،

    يېلتىزىمغا چىرمىشىپ ئاققانكى ئۇرخۇندىن چىقاي.

     

    دىل يارام بولسا ئەگەر غەمكىنلىكىمگە مىڭ شىپاھ،

    چاقنىغان كۆك نۇر ئارا شول ئەرگىنە قۇندىن چىقاي.

     

     

    مەنبە: ئاپتۇر

    (ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى)

    分享到:

    历史上的今天: