ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-30

    جاڭگال غەزەللىرى -4 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     

     

    جاڭگال غەزەللىرى -4

     

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    13

    تۈن ئارا ئۇچقانكى بۇلبۇل نالەسىگە نە ئىلاج،

    دەردىگە ئاچقان ئېغىزدەك يارەسىگە نە ئىلاج.

     

    روھ دېمەك ئۆتكۈر قىلىچتۇر، پەرلىگەن جىسمىڭنى مىڭ،

    پەي كەبىي سۇنغان كۆڭۈلنىڭ پارەسىگە نە ئىلاج.

     

    كىم سېغىنماس چوغنى شول يانغان قاراڭغۇلار ئارا،

    بەك ئېغىر ئۆتكەن بىتابلىق سايەسىگە نە ئىلاج.

     

    بۇ ئەمەس ھەرگىز سولۇش، بىلگەنگە راستىن ئىمتىھان،

    يەلكىگە ئارتقان پەلەكنىڭ پايەسىگە نە ئىلاج.

     

    تەلمۈرەر ئۈنسىز تىلەكلەر كۆككە پىنھان ئۆرتىنىپ،

    ھەي ئەجەب بولدىكى كۈنلەر چارەسىگە نە ئىلاج.

     

    14

    سەن ئۈچۈن قۇللارچە مىڭ يازغان قەلەمنى سۇندۇراي،

    پەشلىرىڭگە ئېسىلىپ بەرگەن قەسەمنى سۇندۇراي.

     

    كۈيلىگەن سادالىرىم بولسۇن پەقەتلا مەستلىكىم،

    قۇت تىلەپ مەيلەر بىلەن تۇتقان شىشەمنى سۇندۇراي.

     

    بىلمىدىم قانداق ئىكىن ئىشقى - مۇھەببەت ئەھدىسى،

    شەرمىساز ھۆسنى تۇرۇپ كۆيگەن سەنەمنى سۇندۇراي.

     

    گۈل بولۇپ قالسا ئەگەر بۇ سۆيگۈگە ئۆستۈرگىنىم،

    مىڭ لەنەت ياغسۇن ماڭا خۇش ھىد چېمەننى سۇندۇراي.

     

    جان قۇشى ئۇچتى پىغاندا كۆككە سانسىز تەلمۈرۈپ،

    ئەرلىكىم بىر لەھزەدۇر تولغان ئەلەمنى سۇندۇراي.

     

    15

    كىرپىكىڭ ئارمان بىلەن تۈنلەرنى ئاۋات ئەيلىدى،

    كۆزلىرىڭ تاڭنى كۈتۈپ ئەفغانۇ پەرياد ئەيلىدى.

     

    چاچلىرىڭدا تۈنىگەن ھىجراننى ھېچكىم ئۇنتۇماس،

    ۋەدىلەر بەرگەن ۋىسال ئازغۇننى مىڭ  مات ئەيلىدى.

     

    يۈزلىرىڭ مەنزىل ئېرۇر ھىجرەت ئارا چاپقانغا زەپ،

    بۇ جاھان مۈلكى يەنە كىمنى ساڭا يات ئەيلىدى؟!...

     

    ئاي گۇۋاھ، ئايلا گۇۋاھ، ئايدىن بۆلەك ئاللاھ گۇۋاھ،

    خورلىنىپ يۈرگەن كۈڭۈل مەنزىلسىراپ دات ئەيلىدى.

     

    ئەي پەرى!... تۈنلەرگە ھەرگىز بولدى بۇنچە قىيدىما،

    ئاشىقىڭ دەردكە چۆكۈپ ھەقنى ئەجەپ ياد ئەيلىدى.

    16

     غېرىبلىق دەردلىرى ياندى كۆڭۈل ئىچرە سوئال قالسا،

    ھاياتلىق ئەركىنى سانسىز ئەجەبكى ئۇ بوغۇپ ئالسا.

     

    يۈرەككە تىرنىقىم پاتتى قەلەم بىرلەن جىجاپ ئۈنسىز،

    روھىم مىڭ-مىڭ چاراسلايدۇ كۆزۈمگە بىر تاقاق سالسا.

     

    گۇناھلار جىلۋىسىدۇرمەن مەگەر دۇنيا بولۇپ قالسام،

    جاھالەت ھەقنى تاپقايمۇ مېنى دارغا ئېسىپ قانسا؟!.....

     

    «جاراھەت يېلتىزى تەندە» ئىكەنىگە ئىشەنمەيمەن،

    «ئەنەلھەق» دەپ يېزىلغانغۇ ناۋادا قەبرىنى ئاچسا.

     

    سەۋرگە بىلدۈرۈپ قۇللۇق ياشاش ھەرگىز ئەمەس ۋاجىپ،

    ئادالەت بەندىدىن تانسا، بۇ بەندە تەڭرىدىن تانسا..........

     

    مەنبە:

    ئاپتۇر (ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى)

     

    分享到:

    历史上的今天: