ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-01-30

    جاڭگال غەزەللىرى -3 - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

     جاڭگال غەزەللىرى -3

    تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا

    9

    فۇرقىتىڭ سەزدۈردى بىر سەنسىزلىكىمىنى ئاقىۋەت،

    يوقلىقىڭ بەردى يەنە رەتسىزلىكىمىنى ئاقىۋەت.

     

    پەسلىمە كۆچتى قاياق يازمىشلىرىڭنىڭ جىلۋىسى،

    كۆرگىنىم بولدى لېكىن بەتسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    چاقنىشىڭ بەكمۇ يىراق، ئورمانلىقىم باغرى تۇتۇق،

    قىينىشىڭ قىلدى جۇدا كەپسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    نەدە پەرق ئۆلۈم بىلەن رەزگى ھاياتلىق تىنىقى،

    تاپمىسام  ئىشقىڭ ئارا چەكسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    كەل! بۇ رەت غەمكىنلىكىم سۇنغان ساپالغا ئوخشىسا،

    چەيلىگىن، ئاتقىن يىراق غەمسىزلىكىمنى ئاقىۋەت.

     

    10

     سەنسىراپ كەتتىم سەنەم، غەمخانلىقىڭنى قىل ئايان،

    يىلتىزىڭغا چىرمىشاي، بوستانلىقىڭنى قىل ئايان.

     

    چەيلىنىپ سۇنغانسىياق باغرىم قۇمۇشزارى ئارا،

    مۇزلىماس مېھرىڭنى بەر قالقانلىقىڭنى قىل ئايان.

     

    چەشلىنىپ قالغان ئازابلار بارخىنىنى كۆرمىگىن،

    مەنزىلىڭ مەنلا بولاي كارۋانلىقىڭنى قىل ئايان.

     

    يازمىشىم پىنھانەدۇر، پەسلىم گۇگۇمدا ھەممىنى

    كۆيدۈرۈپ ئات ئاقىۋەت گۈلخانلىقىڭنى قىل ئايان.

     

    ئىچكىنىم بىر خۇمرا مەي غەمكىنلىكىمنى تولدۇرۇپ،

    خارلىقىم كەتسۇن يىراق سۇلتانلىقىڭنى قىل ئايان.

     

    11

    بېغىڭدىن گۈل سوراپ كەلگەن گۇناھىم بىرلە ئويغاندىم،

    تىكەنلەر زەخمىسى پاتقان زاۋالىم بىرلە ئويغاندىم.

     

    مېھىردىن پۈتمىگەن تەختىڭ ماڭا يۈكسەك راۋاق بولغاچ،

    مەئىشەت باغرىدا پۈتكەن ۋابالىم بىرلە ئويغاندىم.

     

    كۆزۈڭنى قاچۇرۇپ يۈردۈڭ باشىم ئۈزرە پۈتۈلگەنگە،

    ۋۇجۇدنى  پاكلىغان كۈللى جاپايىم بىرلە ئويغاندىم.

     

    ئۆزۈمنى تاپمىقىم تەسكەن ساڭا ئاشىق بولۇپ ئۆتسەم،

    ساڭا باغرىمنى ياقماسلىق  قارارىم بىرلە ئويغاندىم.

     

    بىلىپ قەدرىمنى قەلبىڭدە قويۇپ قالساڭ سوئال مۇشتاق،

    ھامان بىر كۈن دېگەيمەنكى كامالىم بىرلە ئويغاندىم.

     

    12

    سېنى مەن راھنەما بىلسەم غېرىب قەددىمگە نە ھاسىل؟

    سۆيۈپ ئاشىق كەبى ئەمدى تولۇن دەردىمگە نە ھاسىل؟

     

    پىراقلار دەشتىدە يۈرگەن مالايمەنكى قىرانلىقتا،

    كۆزۈڭگە ئىلمىغان بىرلا ساياق شەرتىمگە نە ھاسىل؟

     

    روھىڭدىن غەمگۇزار ئىزدەپ سوراقلاندىم، سوراقلاندىم،

    ئۆزۈمنىڭ تەختىگە چۆككەن تۈمەن قەرزىمگە نە ھاسىل؟

     

    ھەقىقەت يۇلتۇزى مۆكتى سالاملاشتۇق كۈلۈپ غەمكىن،

    بىلىنگەن چۈش كەبى مەڭگۈ بۈيۈك پەرزىمگە نە ھاسىل؟

     

    يۈرەكىم يىغلىدى قان-قان يۈرەكىڭنى ياشارتقانچە،

    زېمىستان باغرىدا يانغان جۇدۇن  قەھرىمگە نە ھاسىل؟

     

     

    مەنبە: ئاپتۇر

    (ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەزىزتۈرك بلوگىمىزدا ئېلان قىلىندى)

    分享到:

    历史上的今天: