ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-19

    ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى (3) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    نەۋائىينىڭ ئۆزىنىڭ دەۋردىشى بولغان بۈيۈك ئوسمانلى شائىرى بۇرسالىق ئەھمەت پاشاغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئانادولۇ تۈركلىرىگە نەۋائىي تەسىرىنىڭ   ئۆتكەنلىكى ھەققىدە نامىق كەمالدىن باشلاپ <<ئوسمانلى شېئىرى تارىخى>>نىڭ مۇئەللىپى گىببى ۋە ئاساسەن ئۇنىڭ ئەسىرىگە تايانغان <<ئىران ئەدەبىيات تارىخى>>نىڭ مۇئەللىپى پروفېسسور ئېدۋارد بروۋنېگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن كونا بىر  قاراش بار.

    ئەدەبىيات تارىخىمىز ھەققىدىكى مەلۇماتى بەكلا چەكلىك ۋە ئىپتىدائىي ماھىيەتتە بولغان نامىق كەمالنىڭ قارىشى مۇنداق: فاتىھ دەۋرىنىڭ تەزكىرىلىرىدىكى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇخارادىن ئىستانبۇلغا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ بىر مۇنچە شېئىرلىرى كەلگەن. ئەھمەت پاشا ئۇلارنى تەقلىد قىلغان. شۇ ۋاقتتىن باشلاپ ياخشى شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىغان. ئۆزىمۇ <<دىۋان>>ىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇنى ئىتىراپ قىلغان. نامىق كەمالنىڭ بۇ  خاتا قارىشى  ھەسەن چەلەبى بىلەن ئاشىق چەلەبىنىڭ مەشھۇر تەزكىرىلىرىدىكى بەزى مەلۇماتلارغا  تايانغاندەك كۆرىنىدۇ. (7)ھەسەن چەلەبىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتىنىڭ ئەينى شەكلى مۇنداق: <<راقىمۇلھۇرۇفنىڭ جەددى ئولان مىرى ئەفەندىدەن  ۋالىدى فىردەۋس مەكان رىۋايەت ئەدەركى، ئەھمەت پاشانىڭ ئەۋائىلى ھالىندە دەدىگى ئەشئار ۋە مەقالدە چوك ھالەت ۋە بەلاغەت يوغىدى. سونرا ئەمىر ئەلىشىر نەۋائىي ئوتۇز تانە غازەل گۆندەرمىشتى. ئەھمەت پاشا ئونا ئىقتىدا ئەتمەكلە ئۈسلۇبى شىرى  ھۇب ۋە تەرزى گۇفتارى مەرغۇب ئولمۇشتۇ.>> ئاشىق چەلەبىنىڭ تەزكىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بىر خاتىرە بۇ غەزەللەرنىڭ سۇلتان بەيازىد دەۋرىدە(1481-1512) تارالغانلىقىنى ۋە بەيازىدنىڭ بۇ غەزەللەرنى بۇرسادىكى ئەھمەت پاشاغا ئەۋەتىپ نەزىرە يېزىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئېنىق سۆزلەنگەن. مانا بۇلاردىن مەلۇمكى، ئەھمەت پاشانىڭ ئەسەرلىرىنى بەلكىم ياخشى ئوقىمىغان ۋە تەتقىق قىلمىغان نامىق كەمال مىرى ئەفەندىنىڭ بۇ خۇسۇسىي قاراشلىرىنى بىر خىل  ھەقىقەتتەك قوبۇل قىلغان.  ھالبۇكى، بۇ قاراش  ھەر قانداق جەھەتتىن خاتا.

    بىرىنجى، نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى فاتىھ دەۋردىلا(1451-1481) ئانادولۇ تۈركلىرى ئارىسىدا تارقالدى. ھېرات ۋە ئىستانبۇل سارايلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بۇنى كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، شائىرلار تەزكىرىلىرىدىمۇ بۇنى قۇۋۋەتلەيدىغان دەلىللەر بار.

    ئىككىنجى، ئەھمەت پاشانىڭ نەۋائىيگە يازغان خېلى كۆپ نەزىرەلىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ شائىرلىق شەخسىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە نەۋائىينىڭ ھېچقانداق بىر تەسىرى بولمىغان. ئاساسەن ھەر ئىككىلىسى قەدىمكى بۈيۈك ئىران ئۇستاتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئەھمەت پاشانىڭ شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تۈرك شائىرلىرىنىڭ تەسىرىنى ئىزدەيدىغان بولساق، كۆپرەك  ھالدا  ئاتايى، شەيخى، مەلىخى قاتارلىق ئانادولۇنىڭ مەشھۇر شائىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى كۆرىمىز. نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرىنى دەستلەپ كۆرگەن چاغدا، ئەھمەت پاشا كامالەتكە يەتكەن شائىر  سۈپىتىدە تۇنۇلۇپ بولغان.(8)

    دېمەك، بىر تەرەپتىن تارىخىي ۋەسىقىلەر، يەنە بىر تەرەپتىن ئەھمەت پاشانىڭ ئەسەرلىرى ۋە شەخسىيىتى  ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىمىز  نامىق كەمالنىڭ، تەزكىرىلەردىكى سۆزلەر بىلەن زىيا پاشانىڭ <<خارابات>> دېگەن ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى قاراشلارنى تەكرارلىغان گببنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان بروۋنېنىڭ ئۇنى پەقەت <<بىر نەۋائىي تەقلىدچىسى>> دەپ قاراش ئارقىلىق تامامەن يېڭىلىشقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. لېكىن، بىر تەرەپتىن بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دەۋردىن باشلاپ تانزىماتقا قەدەر(1839- يىلىدىكى ئىسلاھات پەرمانى ئىلان قىلىنغانغا قەدەر-- ت) ئەلىشىر نەۋائىي تەسىرىنىڭ ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدا داۋاملاشقانلىقىنىمۇ ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئىران تۈركلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئانادولۇ ۋە رۇمەلىدىمۇ ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى ئومۇمەن دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇتۇلغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن خۇسۇسىي لۇغەت كىتاپلىرىنىڭ يېزىلغانلىقى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر.(9)  ھەتتا 16- 17- ئەسىرلەردە بەزى مۇئەللىپلەرنىڭ چاغاتايچىغا <<نەۋائىي تىلى>>  دېگەن نامنى بەرگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بىر ئەدەبىي شىۋىنى ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىغىدەك دەرىجىدە بۈيۈك شۆھرەت قازانغانلىقىنىڭ ئەڭ رۇشەن دەلىلى  ھېساپلانماسمۇ؟

     

    ئىزاھلار

     

    بۇ ئەسەر  <<كۇتۇپخانەئى ئىقدام  كۇللىياتى>> دېگەن نام ئاستىدا ئۆز ۋاقتىدا ئىقدام مەتبەئەسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان كۇللىيات ئارىسىدىكى <<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن>>نىڭ  مۇقەددىمىسى ئورنىدا ئۇ رىسالىنىڭ باش قىسمىغا بىرىلگەن. بۇ يەردە بۇ ئەسەرنىڭ چاغاتايچە مەتنى ۋە ۋەلەت چەلەبى تەرىپىدىن  ئىشلەنگەن ئوسمانلىچە تەرجىمىسىمۇ بىرىلگەن(<<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن>>، ھىجرىيە،1315- يىلى، ئىستانبۇل). نەجىب ئاسىم بەيدىن بۇرۇن ئىسمائىل  ھاككى بەي <<مەكتەپ>> مەجمۇئەسىدە  قەيەردىن تەرجىمە قىلغانلىقىنى كۆرسەتمىگەن ھالدا بېلىننىڭ نەۋائى ھەققىدە يازغان تەرجىمھالنى ۋە <<مەجالىسۇن – نەفائىس>>تىن فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلغان پارچىلارنى <<ئەلىشىر نەۋائىي ۋە چاغاتاي شۇئاراسى>> دېگەن  نام بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان (<<مەكتەپ>>، ھىجرىيە 1309- يىلى، 1-  سان). نەجىب ئاسىم بەيمۇ بېلىننىڭ ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئىشلىگەن بۇ تەرجىمىسىدە ئۆزىدىن بۇرۇن ئىسمائىل ھاككى بەينىڭ بۇنى تەرجىمە قىلىپ ئىلان قىلغانلىقىنى  ھېچ تىلغا ئالمىغان.  

    (2)  <<نەۋائىي>>، ئەزەربەيجان ئەدەبىيات جەمئىيىتى نەشىرىياتى، 1926- يىلى، باكۇ، جەمئىي  107 بەت.   ئەلىشىر نەۋائىي ھەققىدە كېيىنكى يىللاردا، يەنى بۇ ماقالىمىز ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن چىققان بىردىنبىر ئەسەر سوۋىت جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن 1928- يىلى لېنىنگېرادتا  نەشىر قىلىنغان <<ئەمىر ئەلىشىر نەۋائىي>> ناملىق 180 بەتلىك بىر كىتاپتۇر. بۇنىڭدا بارتولد يازغان كىچىك بىر مۇقەددىمىدىن كېيىن، سامويلوۋىچنىڭ <<ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەدەبىي تىلى تارىخىغا ئائىت>>  ناملىق مۇھىم بىر ماقالىسى (1— 24 -بەتلەر)، بېرتېلسنىڭ <<نەۋائىي ۋە ئەتتار>> دېگەن ماقالىسى(24-83-بەتلەر)، روماسكېۋىچنىڭ <<يېڭى بىر چاغاتاي پارس لۇغىتى>>(83-99 -بەتلەر)، بارتولدنىڭ <<ئەمىر ئەلىشىر ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى>> (99-164-بەتلەر) دېگەن ماقالىلىرى بار. ئۇنىڭدىن كېيىن نەۋائىيگە ئائىت بەزى يېڭىدىن ئىلان قىلىنغان ماقالە ۋە بروشورلار ھەققىدە بىبلىئوگرافىيە تەنقىتلىرى بار. يەنى سېمېنوفنىڭ <<نەۋائىي ھەققىدە بەزى پارس رىۋايەتلىرى>> ناملىق ماقالىسى ھەققىدە بېرتېلسنىڭ تەنقىدلىرى، ئەزەربەيجان ئەدەبىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان <<نەۋائىي مەجمۇئەسى>> بىلەن يەنە ئاشۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان نەۋائىينىڭ<<مۇنشىئات>>ى بىلەن <<ۋەھفىييە>سى  ھەققىدە، يەنە قۇل مەھمەدوفنىڭ <<مۇھاكېمەتۇل لۇغاتەيىن>>نىڭ تۈركمەنچە تەرجىمىسى  ھەققىدە سامويلوۋىچنىڭ تەنقىدلىرى بار. بارتولدنىڭ يازغان نەۋائىي تەرجىمھالى  بېلىننىڭكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نەۋائىي ھەققىدە يېزىلغان  نەرسىلەرنىڭ (مەسىلەن، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ل.بوۋات تەرىپىدىن <<ئاسىيا ژورنىلى>> دا ئېلان قىلىنغان <<تىمۇرىيلار مەدەنىيىتى>> دېگەن ماقالىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) نەقەدەر خاتا ۋە تەنقىتسىز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسەتكەن. بېرتېلسمۇ فەرىددۈن ئەتتارنىڭ <<مەنتىقۇت—تەير>> بىلەن نەۋائىينىڭ <<لىسانۈت – تەير>> دېگەن مەسنىۋىسى  ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى مۇھىم بىر سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

    (3)يۇقىرىدا قوللىنىلغان <<تۇنجى قېتىم>> دېگەن سۆزنى ئەمدى ئۆزگەرتىش كېرەك. چۈنكى، ئەلىشىر نەۋائىيدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا  فەھرېددىن مۇبارەكشاھنىڭ  بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى  بۇ خۇسۇستىكى ماقالىمىزدا  ئەھمىيەتلىك ھالدا كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. لېكىن، بۇ ماقالىمىز يېزىلغان چاغدا فەھرېددىن مۇبارەكشاھنىڭ <<تارىخ>>ئى تېخى بېسىلمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بارتولدمۇ <<نەۋائىي مەجمۇئەسى>> دىكى ماقالىسىدا   ئەينى سەۋەپتىن  ئاشۇ خىل خاتالىقنى سادىر قىلغان.

      (4) E. Blochet, les Enluminures des manuscrits orentaun tures, arabes ,persans de la bibliotheqeo natiolanes, Paris, 1926, P.95.

    سوۋېت جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن  نەشىر قىلىنغان <<نەۋائىي مەجمۇئەسى>>دە بېرتېلسمۇ بلوكخېتنىڭ بۇ قارىشىنى رەت قىلغان. ئۇمۇ ئىسىم ۋە ماۋزۇ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئالدىنىپ قېلىشنى،  پارسچە ئورگىنال بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمىسى دەپ قارالغان تۈركچە ئەسەرنىڭ ئىنچىكە تەتقىق قىلىنمىغانلىقى ۋە سېلىشتۇرۇلمىغانلىقىنى بۇ خىل قاراشلارنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. مەن بۇ نوقتىغا بۇرۇندىنلا دىققەت قىلىپ  كەلگەچكە، بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن دوكتۇر ئالى نىھات بەيگە(بۇ كىشى ھازىر ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ  ئېتىبارلىق  بىر  دوتسېنتى) دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسى سۈپىتىدە فۇزۇلىنىڭ <<لەيلا -- مەجنۇن>> ى بىلەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن پارسچە يېزىلغان <<لەيلا – مەجنۇن>> دېگەن مەسنىۋىنى، بولۇپمۇ نىزامىنىڭ مەسنىۋىسىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدىم. نىھات بەينىڭ ناھايىتى ئىنچكە ۋە دىققەتلىك تەتقىقاتى فۇزۇلىنىڭ بىر  تەرجىمان ئەمەس، ئورگىنال بىر سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. بېرتېلسمۇ بۇ تەتقىقاتىدا ئاشۇ خىل نەتىجىگە ئىرىشكەن. ئۇ دەيدۇ:<<نەتىجىدە شۇنداق دېيەلەيمىزكى، نەۋائىينىڭ ئەسىرىنى تەرجىمە دېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئەتتارنىڭ ئەسىرى  ھەققىدە نەۋائىينىڭ ئەسىرىدىن بىرەر پىكىرگە ئىرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ ماۋزۇسى بىر بولسىمۇ، تېمىنى قولغا ئېلىش  شەكلى  ۋە تەسۋىرلەش ئوسلوبى پەرقلىق. مۇھىت ۋە زامان نەۋائىينىڭ ئەسىرىگە ئۆچمەس تەسىر  كۆرسەتكەن.>>

     (5) بۇ خۇسۇستا <<تۇيۇق>> ھەققىدىكى  ماقالىغا قاراڭ.

    (6)بۇ خۇسۇستا يەنە <<تۇيۇق>> ھەققىدىكى ماقالىمىزدا مەلۇمات بار.  

    (7)مەرھۇم ئەلى ئەمىرى ئەفەندى <<ئامىد>> مەجمۇئەسىگە يازغان فاتىھ ھەققىدىكى  بىر ماقالىسىدا كەمال بەينىڭ بۇ  قارىشىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى توغرا دەپ باھالايدۇ  ۋە كەمال بەينىڭ بۇ رىۋايىتىنىڭ يالغۇز ئەھمەد پاشانىڭ <<دىۋان>>ىنىڭ مۇقەددىمىسىدىلا ئەمەس، ھەسەن چەلەبىنىڭ تەزكىرىسىدىمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمىرى ئەفەندىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى دىققەتسىزلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر. چۈنكى، يۇقىرىدا ھەسەن چەلەبى تەزكىرىسىنىڭ ئىپادىسى ئەينەن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا <<ئەھمەد پاشانىڭ نەۋائىي ئەسەرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن شائىر بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغانلىقى>> ھەققىدە  ھېچقانداق نەرسە يوق. مەرھۇم فائىك رېشات بەي  ناھايىتى ئىپتىدائىي بىر مەلۇماتلار بىلەن يېزىلغان<<تارىخى ئەدەبىياتى ئوسمانىيە>> ناملىق(خاتالىققا تولغان) كىچىك ئەسىرىدە پەقەت بۇنى تەكرارلىغان. <<تارىخى ئەدەبىياتى ئوسمانىيە>>،134-بەت،  1913- يىلى، ئىستانبۇل.

    (8)ئەھمەت پاشانىڭ شەخسىيىتى  ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشىش ئۈچۈن <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>دىكى ئوسمانلى ئەدەبىياتى ھەققىدە يازغان ماقالىمىزنىڭ 15- ئەسىرگە ئائىت بولغان قىسمىغا قاراڭ(4.جىلت، <<تۈرك>> ماددىسىدا).

    (9)  تۇرى يۆژېف: <<ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركچىسى  ھەققىدە تەتقىقلەر>>، <<مىللىي تەتقىقاتلار مەجمۇئەسى>>، 2- جىلت، 211- بەت.

     

     

    (ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگۈچى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

    مەنبەسى : تارىمى تورى

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us