ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2011-01-19

    ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى (2) - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    تۈرك كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى يىتۈشتۈرگەن مىڭلىغان سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ناھايىتى خاس بىر ئورنى بار. نەۋائىي يالغۇز ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ، يەنى چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ شائىرى بولۇش بىلەن  چەكلىنىپ  قالماي، ئەسەرلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر تەرىپىدە، ئانادولۇ(ئاناتولىيە) ۋە رۇمەلىدە، ئەزەربەيجاندا، ئىراندا، ئىراقتا، قىرىمدا، تۈركمەنلەر ئارىسىدا، شىمالىي تۈركلەردە، ھەتتا ھىندىستان سارايلىرىدا ئوقۇلدى. فۇزۇلىنى ۋە مەلۇم دەرىجىدە نەسىمىنى  ھېساپقا ئالمىغاندا، روھىنىڭ ساداسىنى ئاق دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قەشقەرگە ۋە ۋولگا بويلىرىدىن ماجارىستان(ھۇنگرىيە)نىڭ ئىچكى بۆلگىلىرىگە قەدەر بۇنداق كۈچلۈك دەرىجىدە ئاڭلاتقان بىرەر شائىرىمىز يوق دېيىشكە بولىدۇ.  تۆت يۈز يىلدىن بېرى تۈرلۈك تۈرك توپلۇقلىرى ئارىسىدا يىتىشكەن يۈزلىگەن شائىرنى ئۇچرىتمىز. ئۇلار نەۋائىينىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالدى، ئۇنىڭغا ئاتاپ نۇرغۇن نەزىرەلەرنى  يازدى.

    نەۋائىي يىتىشكەن ئۇلۇغ دەۋر ئومۇمىي تۈرك تارىخىنىڭ ئىلىم، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى  ئەڭ پارلاق دەۋرلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ دەۋرگە ئائىت تارىخىي مەنبەلەردە ئۆلمەس ئەسەرلىرى زامانىمىزغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن بىر مۇنچە شائىر، ئالىم، مۇزىكىشۇناس، نەققاش، مىمار ۋە خەتتاتلارنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. نەۋائىينىڭ سەمىمىي  ھېمايىسى ۋە دوستى سۇلتان  ھۈسەيىن بايقارا بىلەن  ئۇنىڭ ئورتاق پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە ھېرات شەھرى بۈيۈك بىر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. <<بابۇرنامە>>دە ۋە باشقا بەزى ئەسەرلەردە بىرىلگەن تەپسىلاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ دەۋرنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي خۇسۇسىيەتلىرى  ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشىش ۋە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ جانلىق ۋە توغرا بىر كۆرۈنىشىنى ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگە قەدەر تەسۋىرلەپ بىرىش ھەر ۋاقىت مۇمكىندۇر. ناھايىتى ئەپسۇس، نىكىتسىكى ئىسىملىك بىر رۇسنىڭ بۇرۇن يېزىلغان كىچىك بىر بىروشورى بىلەن فرانسۇز شەرقشۇناسى بېلىننىڭ نەجىپ ئاسىم بەي تەرىپىدىن تۈركچىگە قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان ناھايىتى چولتا، ئاددىيغىلا بىر ئەسىرىدىن كېيىن نەۋائىيگە ئائىت لايىقىدا بىر ئىش قىلىنمىدى.(1) ئۆتكەن يىلى باكۇدا تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغان چاغدا ئەزەربەيجان ئەدەبىيات جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەۋائىي ھەققىدىكى بەزى ماقالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك بىر بىروشور نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەپسۇسلانغان ھالدا ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇمۇ  زادى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ بىروشوردا نەۋائىي ھەققىدە بېلىن(تېخىمۇ توغرىسى نەجىب ئاسىب بەي ئىشلىگەن تەرجىمەنىڭ)تەرىپىدىن بىرىلگەن كونا مەلۇماتلاردىن ھالقىغان ھېچقانداق بىر نەرسە يوق. ئاشۇ ماقالىلاردىكى مەلۇماتلار ۋە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەر بولسا باشتىن ئاخىر خاتا ۋە ئاساسسىزدۇر.(2)

    شۈبھىسىزكى، نەۋائىي قەدىمكى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ مەشھۇر  ئۇستاتلىرىدىن بىرىدۇر. ئومۇمەن تۈرك روھى ۋە تۈرك تىلى پارس روھى ۋە پارس تىلىغا قارشى ئىنقىلاپقا قىلماقچى بولغان بىر دەۋردە يىتىشكەنلىكى ئۈچۈن، بەلكىم تۇنجى قېتىم تۈرك تىلىنىڭ پارسچىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەشكە جاسارەت كۆرسەتتى.(3) بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن <<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن>> دېگەن ئەسىرىنى يازدى. ئىران ئەدەبىياتىنىڭ شىددەتلىك تەسىرى ئاستىدا قالغان ۋە ھەتتا ئۆزىمۇ بىر مۇنچە پارسچە شېئىرلارنى يازغان نەۋائىي بۇ  ئىشتا  قانچىلىك دەرىجىدە توغرا قىلدى ۋە قانچىلىك دەرىجىدە مۇۋاپپىقىيەت قازاندى؟ بۇ ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولغان مۇستەقىل بىر مەسىلىدۇر.  پەقەت، جاسارەتلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇكى، چاغاتاي شىۋىسىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى جەھەتتە پارسچىدىن زادى تۈۋەن تۇرمايدىغان بىر سەۋىيەگە كۆتۈرەلىدى ۋە  تۈركىي خەلققە ئۆز تىلى بىلەن خىتاپ قىلدى. ئۇنىڭ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بىرى بۇ قەدەر مەشھۇر بولۇشى ۋە سۆيۈلىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە تەسىرى زور بىر سەنئەتكار بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر .

    نەۋائىي شۇ دەۋرنىڭ باشقا مەشھۇر شائىرلىرى بىلەن، مەسىلەن دوستى  ھۈسەيىن بايقارا بىلەن سېلىشتۇرۇلسا، تەسەۋۋۇرىنىڭ موللىقى، ئىپادىلەش شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە جەلپكارلىقى، پائالىيىتىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نە قەدەر چوڭ بىر پەرقنىڭ بارلىقى دەرھال مەلۇم بولىدۇ. بۇ سېلىشتۇرمىنى چاغاتاي ئەدەبىياتىدا نەۋائىيدىن بۇرۇن ۋە كېيىن يىتىشكەن باشقا شائىرلارغىمۇ تەدبىقلايدىغان بولساق، نەتىجە دائىم بۈيۈك نەۋائىيگە پايدىلىق بولۇپ چىقىدۇ. ئې. بلوكخېتكە ئوخشاش نەۋائىينى بۈيۈك بىر شائىر ۋە سەنئەتكار ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر سەنئەت ھامىسى دەپ قارىماقچى بولغانلار(4) ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇمىغان ياكى ئۇنى چۈشىنەلمىگەنلەردۇر.  بۇ مۇلاھىزىلەر بىزنىڭ شەخسى زوقىمىز بويىچە چىقىرىلغان خۇسۇسىي  ھۆكۈملەر ئەمەس. ئەڭ بىتەرەپ، ئەڭ توغرا باھا بولغان خەلقنىڭ زوقى ئەسىرلەردىن  بېرى بىردەك  ھالدا بۇ  ھۆكۈمنى چىقاردى. بىز  تارىخچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەقەت خەلقنىڭ چىقارغان بۇ ئومۇمىي  ھۆكۈمىنى خاتىرىگە ئېلىش، ئېنىقلاش ۋە شەرھىيلەش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. بارلىق تارىخچىلارنىڭ، شائىرلار تەزكىرىسىنى يازغان مۇئەللىپلەرنىڭ، ئانادولۇدا، ئەزەربەيجاندا، ئىراندا، قىرىم ۋە قازاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەۋلاتمۇ ئەۋلات يىتىشكەن تۈرك شائىرلىرىنىڭ ئورتاق ۋە  ئومۇمىي باھاسى، ئۆزبەك ۋە تۈركمەن خەلقى ئارىسىدا  ھېلىمۇ ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە ئىشتىياقنىڭ بارلىقى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ، تەۋرەنمەس بىر دەلىلىدۇر. ئەگەر ناۋائىي ھەققىدە تەييارلىغان چوڭ بىر مونوگرافىيەمىز ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بولسا، ئۇنىڭدا بۇ نوقتىئىنەزەرىمىزنىڭ بىر مۇنچە مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

    سەنئەتكار سۈپىتىدە نەزىم شەكىللىرىنىڭ ئاساسەن ھەممە تۈرىدە كۈچلۈك بىر ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەن نەۋائىي تەرجىمان ۋە مۇئەللىپ سۈپىتى بىلەنمۇ تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك ناھايىتى مۇھىم  بىر سىمادۇر. مەسىلەن، جامىنىڭ <<نەفەھاتۈل –ئۈنس>>نى چاغاتايچىغا تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيالىق سوپىلارغا  ھەققىدە بىر يۈرۈش  ئىلاۋە يازغان بولۇپ، بۇ ئەدەبىيات ۋە دىن تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە قىممەتلىكتۇر . ئەينى شەكىلدە <<مىزانۈل ئەۋزان>> دېگەن ئەسىرىدىكى يالغۇز تۈركىيلەرگە خاس بولغان نەزىم شەكىللىرى  ھەققىدىكى مەلۇماتىمۇ ئەدەبىيات تارىخمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. شەخسەن مەن <<نەفەھاتۈل –ئۈنس>>كە يېزىلغان ئىلاۋىلاردىن بەك ياخشى پايدىلانغىنىمدەك، <<مىزانۈل ئەۋزان>>نىڭ تۈرك نەزىم شەكىللىرى  ھەققىدىكى مەلۇماتىنىمۇ بۇ خۇسۇستىكى باشقا تەتقىقاتلىرىم بىلەن  قوشۇپ، <<تۈركىيات مەجمۇئەسى>>نىڭ 2- جىلتىدا بېسىلغان <<تۇيۇق>> دېگەن ماقالەمدە  ئايرىم ئىلان قىلدىم.(5) ئاشۇ مەلۇماتنىڭ لېنىنگراد ئومۇمىي كۈتۇپخانىسى يېقىنقى كۈنلەردە نەشىر قىلغان <<شەرقشۇناسلىق>> ناملىق مەجمۇئەدە پروفېسسور سامويلوۋىچ تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولساممۇ، تېخى ئۇنى كۆرمىدىم.(6) <<مۇھاكەمەتۈل لۇغەتەيىن>>دەك تۈركىي تىل ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بىر ئەسەردىن باشقا، تۈركچە تۇنجى <<تەزكىرەئى شۇئارا>> يېزىش شەرىپىمۇ يەنە نەۋائىيگە نىسىپ بولدى. ئۇنىڭ <<مەجالىسۇن نەفائىس>> ناملىق ناھايىتى مەشھۇر ئەسىرى 15- ئەسىر چاغاتاي ۋە پارس ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئاساسلىق بىر مەنبە بولۇپ، ئۇندىن كېيىن يېزىلغان تۈرك تەزكىرىلىرىگە ئۆرنەك بولدى. بۇنىڭدىن باشقا نەۋائىينىڭ <<خەمسەتۇل – مۇتەھەييىرىن>> ناملىق رىسالىسى موللا ئابدۇراھمان جامىنىڭ ھاياتىنى ۋە ئۇنىڭ نەۋائىي بىلەن بولغان سەمىمىي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەنبەدۇر. يەنە ئۇنىڭ <<ھالاتى مىر سەئىد>> ۋە <<ھالاتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر>> ناملىق رىسالىلىرىدە ئاشۇ ئەسىرنىڭ ئەدەبىياتى ۋە ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە تەڭداشسىز مەلۇماتلار ئۇچرايدۇ. ھەم كېيىنكى ئۈچ ئەسەرنى،  ھەم <<خەمسەتۇل – مۇتەھەييىرىن>>نى ھازىرغا قەدەر نەۋائىي ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇئەللىپلەرنىڭ ھېچبىرىسى دىققەت بىلەن ئوقۇپ باقمىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى باكۇدا تەنقىدسىز بىر شەكىلدە بېسىلغان <<مۇنشىئات>>ى بىلەن <<ۋەھفىييە>>سىمۇ بۇ ئېتىبارى بىلەن ئەھمىيەتسىز  ھېساپلانمايدۇ.

    ئەسەرلىرىنىڭ تۈرلۈك نۇسخىلىرى  ھەر تەرەپتە كۆپلەپ ئۇچرىسىمۇ، پارىژدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا مەن ئالاھىدە تەتقىق قىلغان، ئىككى چوڭ جىلت قىلىپ  توپلانغان  كۇللىياتى ئەڭ مۇھىم بىر نۇسخىدۇر. ئەدەبىي شۆھرىتى ئېتىبارى بىلەن نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى كۆپ كۆچۈرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر خەتتاتلار تەرىپىدىن ئەستائىدىل كۆچۈرۈلگەن ۋە ئەڭ كاتتا مۇقاۋىچىلار بىلەن نەققاشلار تەرىپىدىن لاھىيىلىنىپ بىزەلگەن نۇسخىلارمۇ خېلىلا كۆپ.  خۇسۇسىي كۇتۇپخانامدا شەخسەن ھۈسەيىن بايقارانىڭ نەۋائىي ھەققىدە يازغان كىچىك بىر رىسالىسى بار. بۇ رىسالە  ئۇنىڭ بۇ بۈيۈك شائىرغا نە قەدەر چوڭقۇر، نە قەدەر سەمىمىي بىر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىنىڭ بارلىقىنى، يەنى ئىنساننىڭ قەدرىنى بىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى يارقىن ۋە ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 

    داۋامى بار

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us