ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم دۆلەت زۇڭتۇڭىنى خەلق بىۋاستە سايلاش سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ۋاقتى : 2014-08-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى زۇڭلى ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تېلېفونىنى قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان 33 نەپەر ساقچى ئەمەلدارىنى قولغا ئالغان.
NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا باشلانغان بۇ ھەرىكەت زۇڭلى ئەردوغاننىڭ 10-چېسلا كۈنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭنى بىۋاستە سايلاش سايلىمىدىن بۇرۇن ئۆز سىياسىي رەقىبلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە تۈركىيىدىكى 14 ئۆلكىدىن 33 نەپەر ساقچى ئەمەلدارى قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى ئەردوغاننىڭ ئۆزىنىڭ سابىق سىياسىي ئىتتىپاقدىشى-
فەتھۇللا گۈلەن كۈچلىرىنى تازىلاش ھەركىتى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان چىرىكلىك زۇڭلى ئەردوغان شۇنداقلا ئۇنىڭ يادرولۇق گۇرۇھىغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كەينىدىنلا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي تازىلاش ھەركىتى پۈتۈن تۈركىيىگە تارقالغانىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە دائىرىلىرى جىنايەت گۇرۇھى تەشكىللەش جىنايىتى، ئىشپىيونلۇق جىنايىتى، قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلىقچە تىڭشاش جىنايىتى، ساختىنى ئويدۇرۇپ چىقىش جىنايىتى قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 31 نەپەر ساقچى ئەمەلدارىنى قولغا ئالغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەردوغان ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گۈلەننىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ساقچى ساھەسى شۇنداقلا ئەدلىيە ساھەسىدىكى زور تەسىر كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەردوغان نۇرغۇن ساقچى ئەمەلدارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.


2014-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە، ئىككى نەپەر قىز قول تۇتۇشقان ھالدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، زۇڭتۇڭ سايلىمى نامزاتى-ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلىنىڭ تەشۋىقات رەسىمى ئاستىدىن ئۆتمەكتە.


تۈركىيە تارىخىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنى بىۋاستە سايلاش سايلىمى 10-چېسلا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 2007-يىلى 10-ئايدا، پۈتۈن تۈركىيە خەلقى ئاۋازغا قويۇپ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى ماقۇللىغان، بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسىدە دۆلەت زۇڭتۇڭىنى پارلامېنت ئاۋاز بېرىپ سايلاش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، زۇڭتۇڭنى پۈتۈن خەلق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلايدىغانلىقى، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئەسلىدىكى يەتتە يىلدىن بەش يىلغا قىسقارتىلىدىغانلىقى، زۇڭتۇڭنىڭ بىر نۆۋەت ئۇلاپ ۋەزىپە ئۆتەش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.





 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا