ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

يۈننەن لۇدىيەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار 617 ئادەمگە يەتتى

ۋاقتى : 2014-08-09  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 13.jpg

جۇڭگو خەۋەر تورى 7- ئاۋغۇست خەۋىرى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر مەركىزى ھۈكۈمەت تەرەپ مىكروبىلوگ خەۋىرى ۋە يەر تەۋرەش قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 617 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، لۇدىيەن ناھىيىسىدىن 526 ئادەم، چىياۋجىيا ناھىيىسىدىن 76 ئادەم، جاۋياڭ رايونىدىن 1 ئادەم، خۇييى ناھىيىسىدىن 12 ئادەم قازا قىلغان. 114 ئادەم يوقاپ كەتكەن بولۇپ، لۇدىيەن ناھىيىسىدىن 109 ئادەم، چىياۋجىيا ناھىيىسىدىن 5 ئادەم يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 3143 ئادەم يارىلانغان، 2 مىليون 297 ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 258 مىڭ مىڭ تۈتۈننىڭ 80 مىڭ 900 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جۈن جىيەنيې 6-ئاۋغۇست كەچ جىياتوڭ شەھىرى لۇدىيەن ناھىيىسىدە ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لۇدىيەندىكى 6.5 بال يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپ بولۇشنىڭ ئوبىكتىپ سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. تەۋرەش رايونىنىڭ كۈچلۈكلۈك دائېرىسىنىڭ چوڭ بولۇشى ۋە ئىككىلەمچى زىياننىڭ ئېغىر بولۇشى قازا قىلغانلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئىكەن.

جۈن جىيەنيې چۈشەندۈرۈپ، لۇديەندىكى 6.5 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى يۇقىرى، تەۋرەش مەنبەسى تېيىز، تەسر يەتكۈزۈش دائېرىسى كەڭ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى چوڭ، تەۋرەش كۈچلۈكلىكى سىچۇەن لۇشەندىكى يەر تەۋرەش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يۈننەن ئۆلىكىسىنىڭ 2000 يىلدىن بۇيانقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدۇ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلىقى ئاران 12 كىلومېتىر كېلىدۇ، دېدى. يەر تەۋرەش ئېغىر بولغان لۇڭ توۋشەن ئاپەت رايونىنىڭ تاشيول، توك، ئالاقىلىشىش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان. 5- ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئىزدەش- قۇتقۇزۇش كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، بىرمۇ كەنتنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئىزدەش- قۇتقۇزۇش دائېرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق يەنە يېڭىدىن قازا قىلغانلارنى بايقىدى، مەسىلەن يىڭپەن كەنتىدىن 35 ئادەم، يىنپىڭ كەنتىدىن 43 ئادەم، لوڭ چۇەن كەنتىدىن 69 ئادەم  كۆپەيگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋرەش رايونىنىڭ يەر شارائىتى مۇرەككەپ، تاغلار ئېگىز جىلغىلار چوڭقۇر ۋە تىك، تاغ گەۋدىلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ قالدۇق يەر تەۋرەش كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر پەسلى بولغاچقا سۇ ئورنى ئۆرلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە سېيرىلىپ چۈشۈش ئىنتايىن ئېغىر، ھەتتا بىر قىسىم رايونلاردا يىغىلىپ قالغان سۇلاردىن كۆللەر ھاسىل بولۇپ قالغان بولۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەسكە چۈشۈۋاتىدۇ ھەم ئوڭايلا يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ئاپەت رايونىنىڭ نوپۇس زىچلىقى چوڭ بولۇپ، پۈتۈن ئۆلكە ئوتتۇرىچە نوپۇس زىچلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، نامرات نوپۇس كۆپ بولۇپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا