ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سادامنىڭ قوللىغۇچىلىرى سادامنىڭ جەسىتىنى يۆتكىۋەتكەن

ۋاقتى : 2014-08-07  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 

 10.jpg

ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام ھۈسەيىن. بۇ ئىراق رەھبىرى 2006 – يىل يىل ئاخىرىدا جازالاپ ئۆلتۈرۈلگەن

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: پايدىلانما خەۋەرلەر تورىنىڭ 7 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، رېيتىر ئاگېنتلىقى 6 – ئاۋغۇست مۇنداق خەۋەر بەرگەن، بىر قەبىلە ئاقساقىلى شۇ كۈنى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن، ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادامنىڭ سۈنئى مەزھەبتىكى قوللىغۇچىلىرى سەككىز ئاي بۇرۇنلا ئۇنىڭ جەسىتىنى يۆتكىۋەتتى، چۈنكى ئۇلار شىئە مەزھىبىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ جەسەتنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان.

سادام قاراشلىق ئەبۇناسىر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ۋە بىر نەپەر ساقچى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى، شىئە مەزھىبىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى قەبرىستانلىققا بۆسۈپ كىرىپ، سادامنىڭ سۈرىتىنى يىرتىۋەتتى، كېيىن قەبرىستانلىققا ئوت قويۇپ، قەبرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

بۇ قەبىلە ئاقساقىلى مۇنداق دېدى: «بىز سەككىز ئاي بۇرۇنلا جەسەتنى تېخىمۇ بىخەتەر بىر جايغا يۆتكىۋەتكەن. بىز مۇشۇنداق ئىش چىقىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق. نەتىجىدە بىزنىڭ بۇ ئەندىشىمىز توغرا بولۇپ چىقتى».

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 5 – ئاۋغۇست مۇنداق خەۋەر بەردى، شۇ يەرلىك ئەمەلدارنىڭ 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئېيتىشىچە، ئىراقنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئىستىبدات رەھبىرى سادام ھۈسەيىننىڭ قەبرىسى مۇتەئەسسىپ تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش داۋامىدا بۇزۇلۇپ كەتتى.

سادامنىڭ يۇرتى ئۇگگېرى بازىرىدىكى بىر يەرلىك ئەمەلدار مۇنداق دېدى، سادامنىڭ قەبرىسى ئۇرۇش داۋامىدا ئازراقلا بۇزۇلۇپ كەتتى.

ئىشتىن سىرتقى سىن ھەۋەسكارلىرى تارتىۋالغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، سادامنىڭ قەبرىسىدىكى ناھايىتى چوڭ ئوبراز سۈرىتى بۇزۇۋېتىلگەن، گۈل تەشتەكلىرى چېقىۋېتىلگەن. تەختتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن بۇ ئىراق رەھبىرى 2006 – يىل يىل ئاخىرىدا جازالاپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر قەبرە ياسىغان ئىدى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا