ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئەردوغان: مىسىر ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلغانلار خېجىللىق ھېس قىلىدۇ

ۋاقتى : 2013-07-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىسىر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلارغا «بىزگە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە ۋە كىمگە قارشى بولسا بولسۇن ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇش يارىشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئەردوغان: مىسىر ۋەقەسىگە سۈكۈت قىلغانلار خېجىللىق ھېس قىلىدۇ

تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مىسىر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلارغا «بىزگە، دۇنيانىڭ قەيىرىدە ۋە كىمگە قارشى بولسا بولسۇن ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇش يارىشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردوغان، مەمۇرلار ئۇيۇشمىسى كونفېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق ياش مەمۇرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى ۋە ئۇ يەردە قىلغان سۆزى ئەسناسىدا، مىسىردىكى ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئۈستىدە توختالدى.

مىسىردا يۈز بەرگەن ئىشنىڭ ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بۇنى ئۇلار قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. سىلەر قانداقمۇ ساندۇق ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن بىر ھاكىمىيەتنى يەنە ساندۇق ئارقىلىق ئەمەس، تانكا – مىلتىق بىلەن، سىياسىي بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرۈۋەتكەن تۇرۇپ، بۇنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟! تانكىلار، مىلتىقلار بىلەن پۇقرالارغا قارشى ھەرىكەت قىلىسىلەر ۋە بۇ ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىش ئەمەس، دەيسىلەر؟!...» دېدى.

تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى.

ھېچبىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە كۈرىشىگە ئىگىدارچىلىق قىلىۋالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مىسىردا ‹مېنىڭ ئاۋازىم قەيەردە؟› دەپ سورىغانلارنى قەتلىئام قىلغۇچىلارنى دۇنيانىڭ ھازىرغىچە نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى، شارائىتنى باھانە قىلىپ سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردوغان، مىسىردا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلار، ئۇنى قوللىغانلار ياكى سۈكۈت قىلغانلارنىڭ ھاياتلا بولىدىكەن، بۇنىڭدىن خېجىللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا