تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹مىللىي ئىرادىگە ھۆرمەت قىلىش› يىغىلىشىدا يۈزمىڭلارچە كىشىگە خىتاب قىلدى.
گەزى باغچىسىنىڭ بوشىتىلىشىدىن ئىلگىرى يىغىلىشتا سۆز قىلغان باش مىنىستىرنىڭ كۈنتەرتىپىدە گەزى باغچىسى ۋەقەلىرى بار ئىدى.
ئەردوغان ۋەقەلەرنىڭ دۆلەت ئىچى –سىرتى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇلارنى يېقىندا دەلىل –ئىسپاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئۈستىدە توختالدى؛ خەلقنىڭ ئوينىلىۋاتقان ئويۇننى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، قىلتاققا چۈشمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىرىلگەن بىرلىك سىگناللىرىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
گەزى ۋەقەلىرىنىڭ چەت ئەل ۋە دۆلەت ئىچىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، «بۇ ئىشنىڭ كېلىپ چىقىشى قەيەر، بۇنى كۆرۈسىلەر. ھەممىسىنىڭ پاكىتلىرى قولىمىزدا بار. بۇ خىيانەت تورىنى مىللىتىمىزگە تونۇتىمىز. بۇلارنى مىللەت بىلىشى كېرەك» دېدى.