ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

روسىيەلىك مۇسۇلمانلار ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن رامىزان ئېيىنى كۈتىۋالدى

ۋاقتى : 2013-07-11  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

             موسكىۋادىكى مۇسۇلمانلار 19 سائەت روزا تۇتىدۇ ھەمدە تاراۋىنى كەچ سائەت 12دە باشلايدۇ

 

دۇنيا خەۋەر تورى خەۋىرى: 

   روسىيەلىك مۇسۇلمانلار ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى كۈتىۋالدى، روسىيەدە 20 مىلىيون مۇسۇلمان بار بولۇپ، پايتەخت-موسكىۋادىكى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىنىڭ تۇنجى تاراۋا نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىتكە يىغىلدى. 

   مۇسكىۋادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 2 مىلىيون بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى خۇشال ھالدا رامىزان ئېيىنى كۈتىۋالدى. موسكىۋا مەركىزى مەسجىدكە يېقىن يەردىكى ۋاقىتلىق مەسجىدلەرمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتى. 

 

 19 سائەت روزا تۇتىدۇ ھەمدە تاراۋىنى كەچ سائەت 12دە باشلايدۇ

   موسكىۋا مەركىزى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئىلدار ئاياتىنوف مۇنداق دىدى:"بۇ رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ۋە روزا تۇتىشنى كۈتىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت."

   تەراۋىھ نامىزى يېرىم كىچىدە باشلىنىدۇ. تەراۋىھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئەتىگەن سائەت 2:00دە ئۆيىگە يېتىپ بارىدۇ. 

   گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، مەسجىد ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان. ئاياتىنوف مۇنداق دىدى:«بىز كىشىلەرنى ناماز ئوقۇشقا ۋە قۇران ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق. روزا تۇتۇش ۋاقىتى ئەتىگەن سائەت 3:012دە.»

 

تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكى موسكىۋاغا ئۈچ ئىمام ئەۋەتتى

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكى روسىيەگە ئۈچ ئىمام ئەۋەتتى. ئاياتىنوف مۇنداق دىدى:«ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىمام موسكىۋا مەركىزى مەسجىدتە كىشىلەرگە تاراۋا نامىزى ئوقۇپ بىرىدۇ. باشقا ئىككى ئىمام روسىيە ساراتوف شەھرىگە ئەۋەتىلدى.» 

   مۇسكىۋادىكى بىر مۇسۇلمان غەيرەت ئابدۇللا ئۆزىنىڭ تۆت كۆز بىلەن رامىزاننىڭ كىلىشىنى كۈتكەنلىكىنى ئېتىپ مۇنداق دىدى:" بىز بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيمىز. مەن داۋاملىق مۇشۇ مەسجىدتە بولسامكەن دەيمەن. بىزنىڭ مەسجىدىمز ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق. رامىزان ئېيى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن سوۋغىتى."  

    موسكىۋادا خىزمەت قىلىدىغان بىر مۇسۇلمان شاھروز مۇراتجانوف ئۆزىنىڭ مەسجىدكە كىلىشى ناماز ۋە روزا ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دىدى:« مەن بۇ يەرگە مۇسۇلمان قېرىداشلىرىم بىلەن يىغىلىش ئۈچۈن كىلىمەن. مەن بۇ يەرگە بارلىق گۇناھلىرىمنى يۇيۇش ئۈچۈن كىلىمەن.»

 

روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن روسىيەلىك مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق تەبرىك سۆزى قىلدى.

   پۇتىن مۇنداق دىدى:« رامىزان بارلىق ئۈممەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇقەددەس بىر ئاي، بۇ بىر ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار ئەنئەنە بولۇپ، ئاجىزلارغا مىھىر-شەپقەتلىك بولۇشنى، تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ۋە كىشلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەسكەرتىدىغان ئاي.»

   «بىز دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روسىيەنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋە دۆلەت مۇستەققىللىقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىدىن، شۇنداقلا كۆپ مىللەتلىك جەمئىيتىمىزنىڭ تىنىچلىقى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىدىن پەخىرلىنىمىز.»

   «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى روسىيەلىك مۇسۇلمانلار دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ تۆھپە قوشۇپ، كۈچلۈك، گۈللەنگەن ۋە زامانىۋى دۆلەت قورۇش خىزمىتىمىزگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ.»

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا