ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئەردوغان ئەلبەرادەئىيگە: سەن سايلانغان كىشى ئەمەسسەن، كۆرۈشەلمەيمەن

ۋاقتى : 2013-07-19  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

تۈركىيە باش مىنىستىرى  رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ قىلغان سۆز ۋە بەرگەن باياناتلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئەلبەرادەئىيگە: سەن سايلانغان كىشى ئەمەسسەن، كۆرۈشەلمەيمەن

تۈركىيە  باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ قىلغان سۆز ۋە بەرگەن باياناتلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە باش مىنىستىر ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەنقەرە ۋىلايەتلىك باشقارمىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مىسىر خەلقىنىڭ تۇتقان يولىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان، «بىزنىڭ دەردىمىز مۇرسى ئەمەس، لېكىن مەن مىسىردا مۇرسى پىرېزىدېنت دەپ قارايمەن. نېمىشقىمۇ؟ مىسىر خەلقىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن. ئەگەر بەرادەئىي سايلانغان بولسا ئىدى، بۈگۈن بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قىلغان بولاتتىم» دېدى.

مىسىردىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىشنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئەردوغان، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بەرادەئىينىڭ ئۆزىگە يازغان مەكتۇبىغا «سەن سايلانغان كىشى ئەمەسسەن» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئالدىدا ئىپادە بىلدۈرمىگەن غەرب ئەللىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى. ئەردوغان، «مەن پۈتۈن دۇنياغا، غەرب ئەللىرىگە خىتاب قىلىمەن: ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغان كىشى يەنى سىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن پىرېزىدېنتنىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇپ قەسەم قىلىدۇ. بۇنداق بىر تىراگېدىيەنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ غەرب بۇنىڭغا نېمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ، نېمىشقا ھازىرغىچە زۇۋانىنى ئاچمايدۇ؟» دېدى.

مىسىردىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىش جەريانىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ئەردوغان، سىياسىي چەكلىمىلەر يۈزىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە لىيۇكسېمبېرگ باش مىنىستىرى جېئېن كلاۋدې جۇنكېرنىڭ ئۆزىنى باش مىنىستىرغا ئوخشاشلا قارشى ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتتى.

ئەردوغان جۇنكېرنىڭ ئۆزىگە قارىتىپ «بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى سايلانغان بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ لىدىرى بولۇشتۇر. نۆۋەتتە ئۇنىڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدا، ئۇنىڭ پارتىيەسى كۆرسەتكەن كىشى ئىچكى كابېنتنى تەشكىل قىلماقتا» دېگەن سۆزلىرىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «مانا بۇ دېموكراتىيە چۈشەنچىسىدۇر. مانا بۇ خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشتۇر» دېدى

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا