يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىدە ئىزچىل داۋالغۇش بولۇپ، جەمئىيەت توختىماستىن قالايمىقانلاشماقتا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئېغىر بولغان ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل بىلەن زۇڭلىسى ئەردوغان نۆۋەتتە ئارقا-ئارقىدىن مىسىر مەسىلىسى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش مەيدانىدا تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقان. تەھلىلچىلەر بولسا، تۈركىيىنىڭ مىسىر مەسىلىسىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈرۈشى ئۇلارنىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن، يەنى مىسىردىكى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا شەرقنىڭ «يېڭى ھۆكۈمرانى»لىق ئورنى قولغا كەلتۈرۈش مۇددىئاسىنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە، دەپ قاراشماقتا.
مىسىر دائىرىلىرى مۇرشى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى قوللىغۇچىلارغا قارىتا «تازىلاش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەيىبلىگەن شۇنداقلا مۇشۇ سەۋەبتىن مىسىردىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مىسىر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. تۈركىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا مۇرشى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە مەدەت بېرىدىغان نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن. تۈركىيە زۇڭتۇڭى گۈل ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دەپ ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيە 2011-يىلدىن بۇيان مىسىرنىڭ يېڭى دېموكراتىيىنى مۇستەھكەملىشىگە بار كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ كەلدى شۇنداقلا پۈتۈن كۈچى بىلەن مىسىر خەلقىنىڭ دېموكراتىيە يولىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىپ كەلدى، دەپ تەكىتلىگەن. زۇڭلى ئەردوغان نۇتۇق سۆزلەپ مىسىرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن، ئۇ: «مىسىردىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول مۇشۇ ‹ئويۇن›دىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكتە، قورقۇنچلۇقى شۇكى، تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ ھەممىسى بەلكىم بۇ ئويۇننىڭ كېيىنكى قاتناشقۇچىسى، يەنى نىشانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.» دەپ كۆرسەتكەن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار چوقۇم مىسىر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە كېلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مۇرشىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتىلغان «قىرغىنچىلىقى»نى توسۇشى لازىم، دەپ تەكىتلىگەن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتكەن: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم مىسىر مەسىلىسىدىكى كۆپ تەرەپتىن ئىپادە بىلدۈرۈشى ئېنىقلا تۈركىيىنىڭ مىسىر ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مىسىر، لىۋىيە، سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر «ئەرەب باھارى» سەۋەبىدىن راۋانلىققا يۈز تۇتماقتا، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ئارقا-ئارقىدىن دېموكراتىيە مەسىلىسىدە ئوسال ئەھۋالدا قالماقتا، ئىران گەرچە بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئەنئەنىۋى ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەن ۋاقىتتا، تۈركىيە بىردىنبىر بىدئەت سالاھىيىتى، نىسبەتەن مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇھىتى ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي ئىقتىدارى ئارقىلىق «ھۆكۈمرانلىق»نى نامايان قىلالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تۇنجى قېتىم تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىشى ئەمەس. تۈركىيىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلىرىمۇ نەچچە ئون يىل ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاش ئارقىلىق، ھازىرقى زۇڭلى ئەردۇغانغا كەلگەندە ئانچە-مۇنچە نەتىجىگە ئېرىشتى. 2011-يىلى 9-ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرگەندىن باشلاپ، تۈركىيە ئۆز ئىرادىسى بويىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئوتتۇرا شەرق مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ئۇرۇنۇشقا باشلىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، تۈركىيە ئەرەب دۇنياسىدا ئۆزى پات-پات نامايان قىلىپ كەلمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلاشقان مىسىر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيە ئېنىقلا ئەۋزەللىككە ئىگە. 2013-يىلى ئىككىنچى پەسىلگە قەدەر، تۈركىيە %3.2 لىك ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا بانكىسىمۇ تۈركىيىنى 2013-يىلىدا %3.6 لىك ئېشىش نىسبىتىنى ساقلىيالايدۇ دەپ قاراپ كەلمەكتە. لېكىن مىسىر مۇرشى ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدا پەقەت %2.4 لىك ئېشىش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلالىغان. ئۇنىڭ ئىچىگە مىسىردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %31 گە يېتىپ قالغان، لېكىن تۈركىيىدە بولسا پەقەت %8.4. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە چوڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئەردۇغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنىلا تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرالايدۇ، لېكىن مۇرشى ھۆكۈمىتى بولسا ئاغدۇرۇلۇپ چۈشكەن.
«ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇتلەق ھوقۇققا ئېرىشىش» ئىزچىل ئەردۇغان رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلگەن، مىسىر قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەردىكى جەمئىيەتنىڭ قالايمىقان، داۋالغۇپ تۇرۇشى تۈركىيە ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئارزۇسى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاز بولمىغان پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە. لېكىن ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئامىللىرىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، ھازىرچە تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى جاكارلاشقا تېخى سەل بالدۇرلۇق قىلىپ قالىدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، بۇندىن كىيىن تۈركىيە ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئالاقىدار ئىشلارغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن.