ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

ئانا تۇپراق ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىندى

ۋاقتى : 2015-02-27  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

01.jpg

ئانا تۇپراق تورىنىڭ ئالما ۋە ئاندىرويىد ئەپ دېتالى ئېلان قىلىنغىلى بىر ئايغا يەتمىگەن بولسىمۇ زور تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بۈگۈن ئەپ دىتالىمىزنىڭ يېڭى نەشرىنى ئېلان قىلدۇق .

 ئالما ئەپ دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىدىكى يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە :

1-خەۋەر بىلەن ئەدەبىيات سەھىپىسىگە يوللانغان مەزمۇنلارنى ئاپتوماتىك ئاۋازلىق ئۇقۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى ، بۇ ئانا تىلىمىزدىكى ئەپلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان يارقىن نۇقتا .( خەۋەر ئاستىدىكى ئاۋاز كونوپكىسى بىلەن خەۋەر ۋە يازمىلارنى ئاۋازلىق ئاڭلىيالايسىز )

2-كۆرۈنمە يۈزىدىكى خەت ئىككى دەرىجە چوڭايتىلدى .

3-سۈرەتسىز ناخشىلارنى ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى ، سۈرەتسىز ناخشىلارنى ئاڭلاۋاتقاندا تېلېفون ئېكرانى ئۆچۈپ قالسىمۇ نورمال قۇيىلىدىغان بولدى .

4-سۈرەتلىك ناخشىلاردىن بىر تۈر ئاجرىتىپ بالىلار ئۈچۈن كارتون فىلىم قوشۇلدى .

5-تەۋسىيە قىلىش ئۇچۇر كۆزنىكى ئېچىلدى ، ھەر كۈنى يېڭى پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا قىسقا ئۇچۇر شەكىلدە ئەۋەتىپ تۇرمىز .

6-ئەپ دېتالىمىزدا ساقلانغان پەش بىلەن سوراق بەلگىسى چىقماسلىق ئەھۋالى تۈزىتىلدى .

7-ئالما تېلېفۇننىڭ تۈۋەن نەشىرىگە ماسلاشتۇرۇلدى .

ئانا تۇپراق تورىنىڭ ئالما ئەپ دېتالىنى ئەپىستور ئارقىلىق چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئاندىرويىد نۇسخىسىنى تور بېكىتمىز تەمىنلىگەن ئادىرىستىن چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئاندىرويىد نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقانلار تەڭشەك كۆزنىكىدىن نەشىرنى يېڭلاش دېگەن كۆزنەكنى بېسىپ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ .

ئالما تېلفۇن ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادىرسى : https://itunes.apple.com/us/app/anatuprak/id957201186?l=zh&ls=1&mt=8

ئەپىستوردىن anatuprak دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .

ئاندىرويىد تېلېفۇن ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادىرسى : /anatuprak.apk

 

_3.jpg

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا