جۇڭگونىڭ ئالەم تېخنىكىسى تەرەققىياتى «جاسۇسلۇققا تايانغان»
4-ئاينىڭ 20-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، سۈنئىي ھەمرا ۋە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشنى باشقۇرۇشنى بوشىتىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ يەر شارى ئالاقە ئەسلىھەسى ۋە يىراقتىن سېزىش ئەسۋابلىرى بازىرىدىكى رىقابەتتە ئاسانلىق يارىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىراق، جۇڭگو ئېكىسپورتنى باشقۇرۇشنى بوشىتىشتىكى دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن. 17-ئاپرېل، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسى ئوغرىلىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، «جۇڭگونىڭ ئالەم ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە غايەت زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشىشى "مۇۋاپىقىيەتلىك جاسۇسلۇق پائالىيىتى" گە تايانغانلىقتىن بولغان» دېگەن. ھىندىستان ئاخباراتلىرىمۇ تەڭ خەۋەر بېرىپ، جۇڭگونىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئالەم تېخنىكىسى ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە بولغان دېپلوماتىيە ئۈستۈنلىكىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇڭگو ئالىملىرى «بىز ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاشقا قەتئىي ھاجەتمەن ئەمەس» دېگەن.
رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 18-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئامېرىكا پارلامېنتىغا بەرگەن باھالاش دوكلاتىدا، ئالاقە سۈنئىي ھەمرا ۋە يىراقتىن سېزىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بوشىتىش تەكلىپىنى بەرگەن، بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگو، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ھەربىي مەھسۇلاتلارنى باشقۇرۇش تىزىملىكىدىكى ھەر قانداق تۈرنى ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندە ئاندىن ئېكىسپورت قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئالەم بوشلۇقىغا ئالاقىدار مەھسۇلات ۋە تېخنىكا، مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 18-ئاپرېلدىكى دوكلات يەنە پرېزىدېنتنىڭ سۈنئىي ھەمرا سانائىتى ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇشنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا پارلامېنتى پرېزىدېنتنىڭ بۇ ھوقۇقىنى 1999-يىلى بىكار قىلغان، سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ ئىككى شېركىتىنىڭ تەستىقتىن ئۆتمىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى بايقالغان. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا سۈنئىي ھەمرايىنى جۇڭگونىڭ راكېتاسى ئارقىلىق قويۇپ بېرىشنى چەكلەش ھەمدە جۇڭگو، ئىران، شىمالىي كورىيە، سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سۈنئىي ھەمرا ۋە زاپچاسلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكلىپى بەرگەن.
ئامېرىكا بلۇمبۇرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى بىرلەشمە دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان ئالەم تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ، «جۇڭگونىڭ تېخنىكا ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا بىلەن قورال تەتقىقاتى ۋە ئالاقە سىستېمىسى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى پەرقىنى پەندىپەي تارايتقان» لىقىنى ئەيىبلىگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتىنىڭ "مۇۋاپىقىيەتلىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى" نىڭ تۆھپىسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن ئالەم ئايروپىلانىنىڭ چېرتىيوژىنى ئوغرىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىكەن. دوكلاتتا قوشۇمچە قىلىپ:«ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق ھەرىكىتى، كەڭرى كومپيۇتىر تەتقىقاتى ھەمدە قاراتمىلىق ئاخبارات توپلاش قىلمىشى ئارقىلىق ئېرىشكەن تېخنىكىلار جۇڭگونىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرىشىنى تېزلەتكەن» دەپ يازغان.
دوكلاتتا يەنە بەش بۇرجەكلىك بىنا دۆلەت مۇداپىئە ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرى نەقىل قىلىنىپ دېيىلىشىچە، «شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر» ئالاقە تېخنىكىسى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ تېخنىكىلار ھەربىي قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش، ئالاقە-ئۇچۇر، كومپيۇتىر ھەمدە جاسۇسلۇق، رازۋېتكا قىلىش ۋە كۆزىتىش پروگىراممىسى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلگەن. دوكلاتتا مىسال قىلىپ دېيىشىچە، 2010-يىلى 9-ئايدا، ئاۋمېنلىق گو فامىلىلىك شىياڭگاڭ ئارقىلىق مەخپىي ھالدا جۇڭگوغا ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىك قوشۇش تېخنىكىسىنى ساتقان.
ئامېرىكا سودا ۋە ئەدلىيە تارمىقى دوكلاتىدا ئەيىبلەپ، 2006-يىلدىن باشلاپ، ئاز دېگەندە 26 دېلو جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىدىغان قۇۋۋەت چوڭايتقۇچ، ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى سانلىق مەلۇماتى، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا لاھىيىسى سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلارنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
(نەپرەت)