ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات پىلانى ئىدارىسىنىڭ ئالىملىرى ھازىر «كومپيۇتېر بىلەن پىكىرلىشىش» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر تۈر ئۈستىدە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ تۈرنىڭ مەقسىتى ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ئارىسىدىكى تىل توسقۇنلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەلگۈسىدىكى كومپىيوتېرلارنى ئادەمگە ئوخشاش ئېغىز تىلى، چىراي ئىپادىسى ۋە قول ئىشارىتى ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش، بۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە كىشىلەر بەلكىم خۇددى دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشقانغا ئوخشاش كومپيۇتېر ۋە ماشىنا ئادەملەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالىشى مۇمكىن.
بۇ تۈرگە مەسئۇل خادىم پاۋىل كۇئىن بىر باياناتتا مۇنداق دېگەن: ھازىر ئادەملەر كومپيۇتېرنى پەقەت قورال ئورنىدا كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى كومپيۇتېر بىلەن ئادەملەر ئارىسىدا تىل توسقۇنلۇقى مەۋجۇت، بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىقى مەقسىتى دەل بۇ توسقۇنلۇقنى تۈرۈتۈش، ھەمدە ئالىملارنى بۇ يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق تېخىمۇ يېڭى تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمدە تېخىمۇ يېڭى تېخنىكلارنى تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۈندەش.
تەتقىقاتچىلار بۇ تۈرنىڭ كەلگۈسىدە ناھايىتى ئەسقاتىدىغان ساھەسىنىڭ راك كېسىلى تەتقىقاتىدىكى كەلگۈسى كومپيۇتېر ئۈچۈن مودېل قۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. گەرچە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات پىلانى ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان كومپيۇتېر ھازىر ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش مۇرەككەپ جەريانىنىڭ مودىلىنى قۇرۇپ چىقالىسىمۇ، ئەمما بۇ مودىللارنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىش قىممىتى بار- يوق دېگەنگە ھۆكۈم قىلىشتا تېخى ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ئەگەر كومپيۇتېر ناھايىتى توغرا ھالدا بىيولوگىيە ئالىملىرىنىڭ خىيالىنى بىلىۋالالىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ خىزمىتى راك كېسىلىگە بولغان تەتقىقات خادىملىرىغا ناھايىتى پايدىلىق بولغان بولاتتى. كۇئىن مۇنداق دېدى: ئادەم بىلەن كومپيۇتېرنىڭ ئىككىلىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بار، ئەگەر ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ھەمكارلىشالىسا، ئۇنداقتا راك كېسىلىگە بولغان تەتقىقاتتا يېڭى بايقاشلار بولاتتى.
تەتقىقاتچىلار كومپيۇتېر بىلەن ئىنسانلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىنى دېگەن. تىل بىلەن كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ئىنسانلارنىڭ تۇغما قابىلىيىتى، ئەمما پىكىرلىشىش پائالىيىتى ناھايىتى قىيىن. كومپيۇتېرنى ئېنسانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاتقۇزۇش ئۈچۈن، تەتقىقاتچى خادىملار بىر نەچچە خىل ئادەم بىلەن كومپيۇتېر ھەمكارلاشقاندا ئاندىن تاماملىغىلى بولىدىغان ۋەزىپىنى لايىھەلەپ چىققان.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋەزىپە «ھەمكارلىشىپ ئەسەر يېزىش» بولۇپ، بۇنىڭدا كومپيۇتېر بىلەن ئادەم ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر ھېكايە يېزىپ چېقىلىدىكەن. بۇ مەشىقتە، ئادەم بىلەن كومپيۇتېر بىر ھېكايىنى تاماملاپ بولغۇچە قەدەر، نۆۋەتلشىپ جۈملە يازىدىكەن. كۇئىن مۇنداق دېگەن: ئادەم ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ئاسان بىر كىچىك ئويۇن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما كومپيۇتېر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر رىقابەت.